تۇرمۇش خاتىرىسى

    

ئەسكى پۇرۇچ … (مىكرو ھېكايە)

ئاپتۇرى : پادىشاھ

ئۇنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا توڭ قاپاق خوجايىن دەيدىغان نامى بار ئىدى ،يېقىندىن بۇيان سودىسى ياخشى بولمىغانلىقى تۈپەيلى مىجەزى تېخىمۇ ئوساللىشىپ كەتتى، ئۇ  سومكىسىنى قولتۇقلىغىنىچە نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلغاچ  ئاچچىقلانغان ھالدا  كېتىپ باراتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن  غەزەپ ئوتلىرى ئۇچقۇندايتتى، ئۆز-ئۆزىنى ئەيىبلەيتتى، تارتقان زىيانلىرىنى خىيال قىلغىنىدا ئىچى پۇشاتتى…
ئۇ كوچا دوقمىشىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىن بەللىرى مۈكچەيگەن، چىرايى ھېلىلە قېقىدەك قورۇلۇپ كەتكەن، جۇل-جۇل كىيىنگەن بىرى تاغاردىكى ئەسكى پۇرۇچلارنى  يۈدۈگەن  پېتى كۈلۈمسېرىگەن قىياپەتتە  چىقىپ كەلدى. بۇ ھالدىن ھەيران قالغان توڭ قاپاق خوجايىن ئۇنىڭدىن:
ـ قارىغاندا، بۈگۈنكى تاپاۋېتىڭىز يامان ئەمەس ئوخشىمامدۇ؟، ـ دەپ سورىدى ھەيرانلىق بىلەن.
ـ نېمىسىنى دەيسىز، ھازىر مەندەكلەر بەك كۆپىيىپ كەتتى، پۇل تاپماقمۇ كۈندىن-كۈنگە قىيىنلاشتى، ـ  دىدى ئەسكى پۇرۇچ يۈدۈۋالغان كىشى جاۋابەن.
ـ ئەمىسە بەكلا خۇشال كۆرۈنىسىزغۇ؟ ـ سورىدى خوجايىن ھەيرانلىق بىلەن قايتىلاپ.
ـ كىشى ئۆزىنى خۇشال تۇتمىسا بولمايدۇ. مېنىڭ خىزمىتىممۇ ، پۇلۇممۇ يوق.  پەقەت موشۇنىڭغىلا  تايىنىپ جان باقىمەن. ئەگەر ئۆزۈمنى خۇشال تۇتمىسام، كېسەل بولۇپ قالسام داۋلىنىشقا پۇلۇم يوق ئۆلۈپ قېلىشىم مۈمكىن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئامال بار ئۆزۈمنى خۇشال تۇتۇشقا ئادەتلەنگەنمەن، ـ دىدى  ئۇ كىشى جاۋابەن. ئۇنىڭ بۇ جاۋابىدىن ھەيران قالغان خوجايىن ‹‹توۋا…  نىمىشقا بۇ ئەسكى پۇرۇچقا بالدۇرراق ئۇچرىمىغاندىمەن، ئەجەبا مېنىڭ پۇل تېپىشىم كەلگۈسىدە كېسەل داۋالىتىشىم ئۈچۈنمىدۇ… ››دىگىنىچە تۇرۇپلا قالدى، “ ئەسكى پۇرۇچ ”  كۈلۈمسېرىگەن ھالدا  يولىغا راۋان بولدى…

مەنبە : مىسرانىم تورى

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1722

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-05-27
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: