تۇرمۇش خاتىرىسى

ياخشى ئايال، ياخشى ئات، كۈلمەي تۇرۇپ كۈلدۈرەر…

مېھماندارچىلىق ئەدەپلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئەڭ ياخشى ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى. ئۇلار ئۆيىگە مېھمان كەلسە “ بەرىكەت كىلىدۇ “ دەپ قارايدۇ. شۇڭا كەلگەن مېھماننى قولدىن كىلىشىچە  ۋە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياخشى كۈتۈشكە، چىرايلىق ئۇزۇتۇشقا تىرىشىدۇ. خەلق ئىچىدە تارقالغان “ بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ “ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىمۇ مىھماننى قىزغىن كۈتۈش، مېھمانغا ئىللىق چىراي ئىچىش، مېھماننىڭ ئالدىغا قايناق سۇ، زاغرا نان قويسىمۇ ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلەن ئىللىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك دېگەنلىكتىن ئىبارەت. بۇ ھەقتە ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىي ئۆزىنىڭ شاھانە ئەسىرى “ تۈركى تىللار دىۋانى “ دا : “ چىرايلىق تونۇڭنى ئۆزەڭ كىي، مېھماننى ئىززەتلە، شۆھرىتىڭنى ھەممىگە يايسۇن… “ دېگەن ئىدى. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، مېھمان ئۇلۇغ، مېھمان ھۆرمەتكە سازاۋەر. مېھماننىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئالدىغا ئالاھىدە داستىخان سېلىش، مېھمانغا يېمەك – ئىچمەك ئىكرام قىلىش ئۆي ئىگىسىنىڭ ئەقەللىي بۇرچى. ئۆيىڭىزگە كىلىدىغان مېھمان ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، تاسادىپىي كەلگەن مېھمان، يەنە بىرى، باغاق يېزىپ دەۋەت قىلىپ چاقىرىغان مېھمان. ئۇشتۇمتۇن كەلگەن مېھمانلارنىمۇ ئەلۋەتتە ئوخشاشلا  قىزغىن قارشى ئېلىپ ئۆينىڭ تۆرىگە باشلاڭ. ئەمما ئۆيدە نېمە بولسا شۇنىڭ بىلەن مېھمان قىلىڭ. ئەگەر ياخشى كۈتەلمىسىڭىز، تةكةللۇپ بىلەن “ ئۆزۈڭ نېمە يېسەڭ، دوستۇڭغا شۇنى بەر دەپتىكەن. كېلىشلىرىدىن بىخەۋەر بولغاچقا ئۆزىمىزگە ئەتكەن تاماق بىلەنلا غورىگىل ئۇزىتىپ قويدۇق، قۇرۇقلا بولۇپ قالدى “ دەپ ئۆزرە ئېتىپ ئۇزاتسىڭىز، مېھمان ھەتتا بىر پىيالە چاي بىلەن ئۇزىغان بولسىمۇ، ئۆزلىرىدە ھېچقانداق بىسىم ۋە خىجالەتچىلىك ھېس قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ خىل مېھمانلار “ خۇدايى مېھمان “ دېيىلىدۇ. سىزنىڭ ئەلگە قانچىلىك مېھرىڭىز بارلىقى ئەنە شۇنداق تۇيۇقسىز مېھمان كەلگەن چاغدا سىنىلىدۇ.

ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق ، ھاياتنىڭ ئۆزى تولىمۇ قىسقا. مانا مۇشۇ قىسقىغىنە ھاياتنىڭ ھەر بىر كۈنى خوشال ، بەختلىك ئۆتكۈزۈش ھەر بىرىمىزنىڭ خۇي – پىئىلغا مۇناسىېۋەتلىك مەسىلە، ھاياتنى قىزغىن سۆيگۈچىلەر ئادەتتە خۇشخۇي، ئۈمىدۋار، مىھرىبان، پاكىزە، مېھماندوست كىلىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە خۇي – پىئىلدىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتى غۇربەتچىلىكتە، مەينەتچىلىكتە ۋە ياكى ئاھۇ – زارلىقتا ئۆتىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ھىكايەت ھاياتنى قىزغىن سۆيگۈچىلەر بىلەن ئۇنىڭ ئەكسىدىكى كىشىلەرنى تېخىمۇ ياخشى سىلىشتۇرما قىلىپ بەرسە كېرەك.

زامانلارنىڭ زامانىسىدا بىر مەھەللىدە زاكىر بىلەن تاھىر دېگەن ئىككى ئاكا – ئۇكا ياشىغان ئىكەن. قارىماققا زاكىر ئاكىسى تاھىردىن قىرى كۆرۈنىدىكەن. بۇ ئىككىسى بىللە ماڭغان چاغلاردا ئۇلارنى تونۇمايدىغان كىشىلەر ساقىلىغا ئاق كىرىپ كەتكەن زاكىرنى چوڭ دەپ تالىشىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى دەرەخ سايىسىدا سايىداپ ئولتۇرغان ياشلار بىلەن قىرىلار ئارىسىدا “ نېمىشقا ئاكىسىدىن ئىنىسى قىرى كۆرۈنىدۇ ؟ “ دېگەن دە _ تالاش بولۇپ قاپتۇ. بىرى ئۇنى دېسە، بىرى بۇنى دەپتۇ، لىكىن ھېچكىم سەۋەبىنى تاپالماپتۇ. ئاخىر ئۇلاردىن 5 – 6 كىشى ئاكا – ئۇكىلارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ بىلىپ كەلمەكچى بولۇپتۇ. ئۇلار ئاۋال زاكىرنىڭ ئۆيىگە بىرىپتۇ. مېھمانلارنى كۆرۈپ زاكىرنىڭ خوشاللىقى ئىچ – ئىچىگە پاتماپتۇ. ئۇلارنىڭ ئاستىغا كۆرپە ساپتۇ. لىكىن زاكىرنىڭ خوتۇنى چىرايىنىمۇ ئاچماي بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپتۇ. دىققەت قىلسا بۇ ئۆي تولىمۇ ئاۋارە، قورۇنىڭ ئىچى بەكلا مەينەت، ئۆي ئۇنىڭدىن بەتتەررەك ئىكەن. بەكلا خىجىل بولغان زاكىر ھېچ ئامال تاپالماي ئايالىغا :

_ ئۆيگە ياخشى مېھمانلار كىلىپ قالدى. بىرەر نەرسە قىلساڭچۇ ؟! _ دەپتۇ.

ئۇنىڭ خوتۇنى مېھمانلارغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ:

_ ئۆيدە گۆش يوق، _ دەپ دوق قىلىپتۇ.

_ گۆشسىز بولسىمۇ بىرەر ئامال قىلساڭ بوپتىكەن، _ دەپتۇ مېھمانلار ئالدىدا خىجالەت بولغان زاكىر.

_ ھېچنېمە يوق تۇرسا…، _ دەپتۇ خوتۇنى جاھىللىق بىلەن.

_ ھېچ بولمىغاندا نان – پان، چاي – پىيىڭ باردۇ ؟

_ نانمۇ يوق، سۇمۇ يوق _ دەپتۇ خوتۇنى توڭلۇق بىلەن.

ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ھال – ئوقىتى خىلى ئوبدانىكەن. خوتۇنى يوق دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى باركەن. ئۇنىڭ خوتۇنى مېھمان خالىمايدىغان توڭ، مەينەت ئايالكەن.

_ ھېچقىسى يوق، بىزگە ھېچقانداق نەرسە كېرەك ئەمەس، ئۆزىمىز مۇنداقلا كىرىپ پەتىلەپ چىقايلى دېۋىدۇق _ دەپ دۇئا بىلەن قايتىشىپتۇ جامائەت. ئاندىن ئۇلار تاھىرنىڭ ئۆيىگە بىرىپتۇ. مېھمانلار ھويلىغا كىرسە ھويلىدا بىر خىل پاكىزچىلىق.  كىرىشى بىلەنلا تاھىر ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى تولىمۇ خۇشچىراي چىقىپ ئۇلارنى قارشى ئاپتۇ. ئۇلار ئۆيگە كىرگۈچە تاھىرنىڭ ئايالى ئاۋال ئۆيگە كىرىپ بىر ئەسكى كۆرپىسى بار ئىكەن، شۇنى قىقىشتۇرۇپ مېھمانلارنىڭ ئاستىغا ساپتۇ. تاھىر مېھمانلار بىلەن تىنچلىق – ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن :

_ خوتۇن، مېھمانلارغا قويغۇدەك بىرەر نېمەڭ بارمۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ.

_ ۋىيەي، بولمامدىغان… مىھمانلار كىرگۈچە ئۇسساپمۇ قالغاندۇ ؟ تاماق قىلغۇچە ئاۋال تاۋۇز تىلايلى _ دەپتۇ خوتۇنى.

_ قېنى ئەمسە، ياخشىراق بىرنى ئىلغاپ چىققىنا _ دەپتۇ ئېرى.

خوتۇنى ماقۇل دەپ خوشال چىقىپ كىتىپ بىر تاۋۇزنى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ.

_ بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراغى يوقمۇ ؟ _ دەپتۇ مايماق تاۋۇزنى كۆرۈپ تاھىر.

ئەسلىدە تاھىرنىڭ تۇرمۇشى زاھىرنىڭكىگە قارىغاندا ناچار ئىكەن. شۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئاشۇ مايماق تاۋۇزدىن باشقا ھېچقانداق نەررسە يوقكەن. لىكىن تاھىرنىڭ ئايالى كۈلۈپ تۇرۇپ :

_ ۋىيەي، خاتا ئەكىرگەن ئوخشىمامدىمەن… بولىدۇ. مەن باشقا بىرىنى ئەكىرەي _ دەپ چاندۇرماستىن چىقىپ كىتىپ، يەنە ھېلىقى تاۋۇزنى باشقا تەرەپتىن كۆتۈرۈپ، يەنى تۇمشۇقى تەرەپنى كۆرسىتىپ ئەكىرىپتۇ.

_ ھە… بۇ تاۋۇزۇڭ خىلى ياخشىدەك قىلىدۇ. قىنى ئەكەلگىنە، تىلاي _ دەپ تىلىپتىكەن تاۋۇز ھەم قىزىل، ھەم تولىمۇ تاتلىق چىقىپتۇ. مېھمانلار تاۋۇزغا ئېغىز تىگىشىپ ھەم قىززىق پاراڭلارنى سىلىشىپ، بۇ مېھماندۇس ساھىپخانلاردىن رازى بولۇپ قايتىپتۇ.

يولدا كېتىۋىتىپ ئارىدىن بىر قىرى بوۋاي :

_ خوش جامائەت… ئەمدىغۇ بىلگەنسىلەر… بىزنىڭ تالاشقىنىمىزنىڭ سىرى ئەمدى يېشىلدى. زاكىرنى قىرىتىۋەتكەن، ھېلىقى بارنى يوق دەپ دومسىيىپ ئولتۇرغان، تازلىقنى سۆيمەيدىغان مەينەت خوتۇن. تاھىرنى ياشارتقىنى بولسا يوقنى بىلىندۈرمەي گۈلدەك ئىچىلىپ تۇرىدىغان پاكىزە شۇ خوتۇنى. دېمەك، كونىلارنىڭ “ ئەرنى ئەر قىلدىغانمۇ خوتۇن، يەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن “ دېگەن سۆزى بىكار ئىيتىلغان ئەمەستە… _ دەپتۇ.

تۈركمەنلەردە شۇنداق بىر ماقالا بار. “ ياخشى ئايال بىلەن ياخشى ئات كۈلمەي تۇرۇپ كۈلدۈرەر، يامان ئايال بىلەن يامان ئات ئۆلمەي تۇرۇپ ئۆلتۈرەر ”. ئائىلىدە ئەر – ئاياللار بىر – بىرى بىلەن ئىناق – ئىتتىپاق بولسا، بولۇپمۇ ئايال كىشى مېرىبان، مۇلايىم ،پاكىزە، چېچەن، مېھماندوست  بولسا، بۇنداق ئائىلىدىن ھەر دائىم خوشاللىق ۋە بەخت نېرى كەتمەيدۇ.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2514

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-09-03
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئانىلار سەمىگە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: