تۇرمۇش خاتىرىسى

نىكاھ چۈشىنىش ئاساسىدا باشلانسۇن

بۇرادەر  ، توي قىلدىڭىز . دېمەككى ئىلگىرىكى تۇرمۇش بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان يەنە بىر يېڭى ئائىلە مۇھىتى ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتى شەكىللەندى.  بۇ ئائىلىنى قانداق قىلىپ چىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئەڭ زور دەرىجىدە سىزگە ، ئاندىن قالسىلا ئايالىڭىز ۋە سىزلەرنى ئوراپ تۇرغان مۇھىتقا باغلىق . سىز بۇ ئوخشىماسلىقنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئايالىڭىزدىن بايقىشىڭىز مۇمكىن .بەلكىم ئۇ تويدىن بۇرۇن سىز تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۇنچىۋالا چىرايلىق ، ئەدەپلىك ،  كەم – كۈتىسىز ، چېۋەر ، ئەقىللىق ، دىيانەتلىك بولماي قېلىشى مۇمكىن . بۇ بىر مۇقەررەر ھەمدە تەبىئىي ھادىسە . چۈنكى ، تويدىن بۇرۇن يىگىت – قىزنىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىش ۋاقتى ئىنتايىن ئاز ، ھەتتا بەزىدە يوق بولىدۇ. سىز ئۇنىڭ بىردەملىك ھالىتىنى ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۆزىنى ھەر تەرەپتىن قاتتىق  چەكلەپ ، تۈزەپ تۇرغان ، ئەڭ ئېسىل تەرىپىنى نامايان قىلىۋاتقان ھالىتىنى كۆرىسىز . دېمەككى ، تويدىن ئىلگىرىكى ھەر قانداق تەرەپ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بولىدۇ. كەمچىللىك – نۇقسانلىرىنى ئامالىنىڭ بارىچە  قارشى تەرەپتىن يوشۇرىدۇ. نىكاھتىن ئىلگىرىكى يىگىت – قىز خۇددى چىرايلىق ،  رەڭدار پەيلىرىنى يېيىپ ، كۆز – كۆز قىلىپ تىنىمسىز جۆرە ئىزدەۋاتقان توزغا  ئوخشايدۇ . ئەمما رەڭدار پەي توزغا مەڭگۈلۈك باقىۋەندە ئەمەس . ئۇنىڭ قوتۇر  ئەتلىرى كۆرۈنۈپ قالىدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ . شۇنىڭغا ئوخشاشلا چىرايلىق  نازىنىڭىزنىڭ كۆرۈمسىز تەرەپلىرىنىڭ ، كەم – كۈتىسىز پەرىشتىڭىزنىڭ ناچار قىلىق – ئادەتلىرى بولۇشى تەبىئىي . شۇنداقلا سزدىمۇ تويدىن بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان بەزى بەدقىلىق ئادەتلەر قارشى تەرەپنى تويدىن كىيىن ئاز – تولا ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن . تويدىن كىيىنكى شىرىن دەملەرنىڭ مەسىتخۇش كەيپى تارقىغاندىن كېيىن ھەر قانداق بىر ئادەم قارشى تەرەپنىڭ ئادەتكە ئايلانغان قىلىق – ھەرىكەتلىرى بىلەن كۈندە دېگۈدەك ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. بۇ چاغدا سىز تەبىئىيلا  قارشى تەرەپنىڭ كەم – كۈتىسىز ، مۇكەممەل ، چېچەن ، تاماققا ماھىر ، رەتلىك ، ئىللىق چىراي ، خۇشپېئىل ، ئەستايىدىل ، ئوچۇق – يورۇق ، قىزغىن ، چىقىشقاق ، تەقۋا ، ئىتائەتچان ، جانلىق …. ئەمەسلىكىنى بايقاپ يېتىسىز . بۇ جەزمەنكى شۇنداق بولىدىغان ئىش . ئەمما بىزدە تويدىن بۇرۇن ئىككى كۆزۈڭنى يوغان ئاچ ، تويدىن كىيىن بىر كۆزۈڭنى يۇم دەيدىغان ھېكمەت بار . دېمەككى ، بۇنى قارشى تەرەپنىڭ ئاجىزلىقى ، ساختىپەزلىكى ، ياسالمىلىقى ياكى ئۆزگۈرۈپ كەتكەنلىكى دەپ قارىماستىن ئۇنىڭ ئەسلى ، ھەقىقىي خاراكتېرىنىڭ ئاشكارلىنىشى ، بۇ خىل خاراكتېرنى ئاندىن ئايالىڭىزنىڭ ھەقىقىي بەشىرىسى دەپ بىلىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئىلمىي ، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ . بۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىق پۇرسەت تېپىپ ، ئايالىڭىز بىلەن تەپسىلىي سىردىشىپ چىقىڭ .
ئايالىڭىزدىن نېمىلەرنى كۈتىسىز ؟ ئۇ ئەتىگەندە قانداق – قانداق ئىشلارنى قىلسا بەكرەك خۇش بولىسىز ھەمدە ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق ئىشلار قايسى ؟ قايسى خىل تاماقلارنى ياخشى كۆرىسىز ؟ نېمىنى ياقتۇرمايسىز ؟ ئۇنىڭ قانداق كىيىنىشى سىزنى خۇش قىلىدۇ ؟  قانداق كىيىملەرنى كىيمەسلىكى كېرەك ؟ سىزگە ياردەملىشىپ نېمە – نېمە ئىشلارنى قىلىشىپ  بەرسە بولىدۇ ؟  قايسى نەرسىلىرىڭىزگە چېقىلماسلىقى كېرەك ؟ ئاتا – ئانىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە قانداق قىلسا رازى بولىسىز ؟  پۇراقلىق بۇيۇملاردىن قاندىغىنى ياقتۇرىسىز ؟ …. دوستلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايسىز ؟….
ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئارازلىشىش ئەمەلىيەتتە چوڭ ئىشلاردىن كېلىپ چىقمايدۇ . بەلكى ئەڭ ئادەتتىكىچە ، ئۇششاق ئىش – كۈشلەرگە سەۋرسىزلىك قىلىش چوڭ – چوڭ جىدەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا ، ئەڭ ياخشىسى يۇقىرىقىغا ئوخشاش ھەر ئىككىيلەننىڭ قىزىقىشى ۋە مەنپەئەتىگە ، كۆڭۈل مايىللىقىغا بېرىپ تاقىلىدىغان ئىشلارنى ھەر ئىككى تەرەپ كەڭ – كۇشادە سۆزلىشىپ ئورتاق تۇنۇش ھاسىل قىلغانغا ، ئاندىن كىيىن شۇ بويىچە ئىش كۆرگەنگە ھېچنەرسە يەتمەيدۇ . بۇنداق بولغاندا ، بىر – بىرىنىڭ ئارزۇ – قىزىقىشى ۋە نەپسى – خاھىشىنى ئورتاقلاشتۇرغىلى ، قارشى تەرەپنىڭ ئوي – كويىنى چۈشىنىپ ، بىر – بىرىگە ئازار بېرىدىغان ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ ھەمدە بىر ئورتاق ئادەت ، ئەمەل – ئۆلچەم تۇرغۇزغىلى بولىدۇ . بۇنداق ئۆلچەمنىڭ بولۇشى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىش – ھەرىكىتىنى ، ئوي – خىيالىنى تەرتىپكە سالىدۇ . قارشى تەرەپ ياقتۇرىدىغان ئىشلار ئارقىلىق ئارىدىكى كۆيۈنۈشنى تېخىمۇ كۈچەيتىكىلى ، ياقتۇرمايدىغان ئىشلار ئارقىلىق نىزادىن نېرى تۇرغىلى بولىدۇ . بىر – بىرىنى چۈشىنىش ئاساسىدىكى ھۆرمەت ، مۇئامىلە ۋە ئالاقە شۈبھىسىزكى ، ھەر قانداق ئىشنى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ئوڭاي ، قولاي قىلىۋېتىدۇ . چۈشىنىشتىن ئورتاق تىل ، تۇتاش دىل تېپىلىدۇ . بەخىتلىك ئائىلە دەل مۇشۇنداق تىل – دىلدىكى بىرلىك ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ .
تۆۋەندىكى بىر تەربىيەلىك ئايالنىڭ ھۇجرىغا كەلگەن ئېرىگە ئېيتقان سۆزلىرى :
__  جانانىم !  مەن سىزنىڭ تەبىئىتىڭىز ۋە مىجەزىڭىزدىن بىخەۋەر بىر قىزمەن، نېمىلەرنى ياقتۇرىشىڭىزنى ۋە خۇش كۆرۈشىڭىزنى ماڭا ئېيتسىڭىز سىزنىڭ رازىلىقىڭىزغا قاراپ ئىش قىلىمەن ، خىزمىتىڭىزدە بولىمەن . يەنە
ياقتۇرمايدىغان نەرسىللىرىڭىزنى ھەم ئېيتسىڭىز ، ئۇلاردىن ساقلىنىمەن ، رەنجىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئالىمەن . سىز ھەم باشقا بىر ئايال بىلەن مەن ھەم باشقا بىر ئەر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشىمىز مۇمكىن ئىدى . لېكىن ، تەغدىرنىڭ ھۆكۈمى شۇ ئىكەن ، بىرگە ئائىلە قۇردۇق . بۇ ئىلاھى ئەمىرنى يا لۇتفى ۋە كەرەم بىلەن قۇبۇل قىلىڭ ياكى ھەقنىڭ بۇيرىقىنى بىجىرىڭ . ئاللاتائالادىن ئىككىمىزنى ھەم مەغپىرەت قىلىشىنى سورايمەن !
ھەر ئىككى تەرەپكە ئازادىلىك ۋە راھەتبەخىش تۇيغۇ بېغىشلايدىغان مۇنداق گەپلەرنى سىزمۇ قىلالايسىز ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئورتاق تۇنۇش ھاسىل قىلالايسىز . شۇنداق قىلالىسىڭىز ، جەزمەنكى بەخىت بوسۇغىڭىزدىن داجىماي ياتىدۇ.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2781

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-10-30
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: يىگىتلەرگە سۆز
ئىنكاس: 2دانە
  1. ھازىرقى دەۋرىمىزدە نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر نىكاھ ئوڭۇشسىزلىقى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى كاپالەتكە ئىگە بولمايۋاتىدۇ. جۈملىدىن ئەجدادلىرىمىزدىن تارتىپ داۋام قىلىپ كەلگەن ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىز ئۇنتۇلۇشقا يۈزلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ساغلام بولمىغان يېڭىچە قاراشلارنىڭ ئىگىلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئائىلە كىرزىسى كۆرۈلمەكتە. ياشلىرىمىزغا نىكاھ، ئائىلە ۋە تۇرمۇش ھەققىدە مۇشۇنداق ياخشى يازمىلارنى سۇنۇش بىلەن بىرگە ئاتا – ئانىلارغا ئۆز مەسئوليىتىنى تونۇتىدىغان، نىكاھنى مۇھىم بىلىپ، پەرزەنتلەر تەربىيىسىگە بولغان بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىشقا يېتەكلەپ كېلىۋاتقىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن. تور دۇنياسىدىكى بۇ مىھنەتسىز ئەمگىكىڭىزنىڭ توختاپ قالماي چىچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تىلەكداشمەن.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: