تۇرمۇش خاتىرىسى

كەتكەن ئىش، كەتتى

 

كەتكەن ئىش، كەتتى

كۆڭۈلسىز كەچمىشلەرنى ئەسلەش ۋە ئۇ سەۋەبلىك ئاچچىق يۇتۇش ئۆتۈپ كەتكەن ھاماقەتلىك ۋە ساراڭلىقتۇر. ئۇ، ئىرادىمىزنى سۇندۇرۇپ، كۆز ئالدىمىزدىكى ھاياتلىقنى بىتچىت قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. شۈبھىسىزكى، ئاقىللار بۇنداق كەچمىش بەتلىرىنى ئۇنتۇش بۇلۇڭلىرىغا قاتلىۋىتىدۇ. ئۇنى ھەممىلا چاغدا يېيىپ يۈرمەيدۇ. ئۇنى بىپەرۋالىق ھەپسىسىگە قامىۋىتىپ،  مەڭگۈ چىقىش پۇرسىتى بەرمەيدۇ. كەچمىش دىمەك ئۆتتى، كەتتى دىمەكتۇر. ئۇ غەم قىلماق بىلەن قايتىلانمايدۇ. ئەسلەش سەۋەبلىك ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. چۈنكى ئۇ قايتىلانماس ئۆتمۈش. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆتمۈشنىڭ قارا چۈشى بىلەن يوقلۇق سايىسىدا ياشىماي، ئۆتمۈشنىڭ كۆلەڭگۈسىدىن ئۆز ئۆزىڭىزنى قۇتقۇزغايسىز. ئەجىبا، سىز دەريانى مەنبىيىگە، قۇياشنى مەشرىققە، بالىنى بالىياتقۇغا، سۈتنى ئەمچەككە، ياشنى كۆزلەرگە قايتۇرالامسىز؟ مۇقەرەركى سىزنىڭ ئۆتمۈشنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالماسلىقىڭىز، ئۇ سەۋەبلىك ئىزتىراپ چىكىشىڭىز ۋە ئۇنىڭ چوغلىرى ئارىسىدا چۈچۈلىگە ئايلىنىشىڭىز، ئۇنىڭ بۇسۇغىسىدا دالىيىپ يېتىۋېلىشىڭىز- تۇرمۇشىڭىزدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق تىراگېدىيە جۈملىسىدىندۇر.

بىز بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزغا دادىل يۈزلىنىشكىمۇ قۇربەتسىز تۇرساق، ئۆتمۈش بىلەن مەشغۇل بولۇشقا نەدىكى ئىمكان. بىزنىڭ تىراگىدىيىمىز كۆپىنچە كۆز ئالدىمىزدىكى گۈزەل قەسىرلەرگە ئېتىبار قىلماي، ئاللىقاچان جۇلىقى چىقىپ كەتكەن ئۆتمۈش خارابىسىدىن مىھرىمىزنى  ئۈزەلمەسلىكتە تۇغۇلىدۇ. ئەگەر ئىنسانلار ۋە جىنلار يىغىلىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇنسىمۇ، ۋاقىتنى  قايتۇرۇپ كېلەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئەسلىدىنلا مۇمكىن ئەمەس ئىشتۇر.

مەن پەقەت بۈگۈن ئىچىدە ياشايمەن. شۇڭلاشقا دەيمەنكى: ئىھ، ئۆتمۈش، سەن كەتتىڭمۇ كەلمەيسەن، گويا پاتقان قۇياشتەك. نىمە قىلاي سېنىڭ ئۈچۈن كۆز ياش تۆكۈپ، نېمە قىلاي سېنىڭ ئۈچۈن تىنىقىمنى ئەسلەش بىلەن نابۇت ئېتىپ… چۈنكى سەن بىزنى تاشلاپ كەتتىڭ، بىزدىن يىراقلاشتىڭ، بىزنىڭ قېشىمىزغا ئەبەدىي قايتىپ كىلەلمەيسەن. ئىھ، كەلگۈسى! سەن يوقلۇق ئالىمىغا مەنسۇپ سەن. مەن شېرىن چۈش بىلەن ھەپىلىشىپ نېمە قىلاي!؟ ئۆز ئۆزۈمنى خىيال بىلەن گوللىيالمايمەن. يوق نەرسىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى كۈتمەيمەن. چۈنكى ئەتە دىمەك يوق دىمەكتۇر. چۈنكى ئۇ يارىتىلمىدى، يارىتىلمىغان نەرسە ئەسلىنىدىغان نەرسە بولالمايدۇ. ئەي ئىنسان، تۇرمۇش بىلوگى سىزگە شۇنداق ئىيتىدىكى «بۈگۈن سىزنىڭ ئىلكىڭىزدە» دىگەن بۇ سۆز ھاياتىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغان كىشى ئۈچۈن، بەخت- سائادەت قامۇسىدا چاقناپ تۇرغان ئەڭ نۇرانە گۆھەردۇر!

 

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=618

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-02-28
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: