![]() |
ئايالىڭىزنىڭمۇ دوستلىرى بولسۇن!
بىزدە ‹‹ ئەر دېگەن تالانىڭ ئادىمى ، خوتۇن ئۆينىڭ ›› دەيدىغان گەپ بار . شۇ كۆز قاراشتا بىزنىڭ كۆپ قىسىم ئاياللىرىمىز تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى ۋە پەرزەنت بىلەنلا بولۇپ كېتىپ ئوڭايلا جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ . بولۇپمۇ توي قىلغاندىن كىيىنلا كۆپ قىسىم ئاياللار ئەسلىدىكى دوستلىرىدىن ، ھەتتا بىر- بىرىگە قىيمايدىغان يېقىن سىرداشلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ . يەنە كېلىپ مۇتلەق ساندىكى ئەر زاتى خوتۇنىنىڭ دوستلىرىنىڭ كۆپ بولىشىغا جان – جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدۇ . ‹‹ خوتۇننى دوست بۇزىدۇ ، ئايال كىشىگە بولار – بولماس ئەقىل ئۆگىتىپ تاپتىن چىقىرىدۇ ›› دەپ قارايدۇ . ھەقىقەتەنمۇ بولار – بولماس، تايىنى ، مەۋقەسى يوق ئاياللار تىنىچ ، خاتىرجەم ئائىلىلەرنى بۇزىدىغان كۈشەندە . ئىككى ئايال كىشى بىللە بولسا تاسقىمىغان جاھان قالمايدۇ ، دەيدىغان گەپ بار . ئايال كىشىنىڭ غەيۋەتكە ، باشقىلارنىڭ سىرىنى ، خۇپىيانە ئىشلىرىنى بىلىشكە قىزىقىدىغان ئادىتى بار . بۇ نۇقتىدىن ئاياللارنىڭ چاكىنا، تەربىيەسىز ئاياللار بىلەن باردى – كەلدى قىلىشنى ئامالنىڭ بارىچە توسقان تۈزۈك . ئەمما ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ناچار – تەربىيىسىز بولۇشى ناتايىن . تەربىيىلىك ، ئەخلاقلىق ئاياللارمۇ ئاز ئەمەس . ئايال كىشى ئۆيدىنلا چىقماي ياكى ھېچكىم بىلەن ئارىلاشماي ئولتۇرسا ، كۆزى كىچىك ، جۈرئەتسىز ، قۇل مىجەز، پىكرىدە ، كۆز قارىشىدا يېڭىلىق ، جانلىقلىق يوق ياغاچ بۇتقا ئايلىنىپ قالىدۇ . ئەڭ ياخشىسى ئايالىڭىزغا پەزىلەتلىك ، پاراسەتلىك دوستتىن بىرەر -ئىككىنى تېپىپ بېرىڭ ياكى بولمىسا ئۇنىڭ ئەقىللىق ئاياللار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قىزغىن قوللاڭ ، شۇنداق ئاياللارنى تېپىشىغا ياردەملىشىڭ . تىنىق دەريا سۈيىمۇ ھەر كۈنى بىر خىلدا ئاقمايدۇ . ئەر – خوتۇن ئارىسىدا ئاز – تولا ئازارلىشىش ، گەپ تالىشىپ قېلىشنى يوق دېگىلى بولمايدۇ . ھېچقانداق دوست – بۇرادىرى ، سىردىشى يوق ئايال ئېرى بىلەن بولغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئىچىگە تىنىپ ، ئۆزى يالغۇز تەگەپ ، تولا ئويلاپ مۇلاھىزە قىلىۋەرسە ، ئۇنىڭ دىل يارىسى بارغانسىرى ئېغىرلاپ ، ئۇنى ئۇزاققىچە ئازابلىشى مۇمكىن . ئايالىڭىزنىڭ يېقىن دوستلىرى بولسا ، ئۇ ئائىلىدە بولغان ماجىرانى ، ئۆزىنىڭ دەرد – ھەسرىتىنى ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىق مەسلىھەت – كۆرسەتمە ئالالايدۇ . ئەقىللىق ، پەزىلەتلىك دوست دوستىنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن كۆيۈنىدۇ . زۆرۈر تېپىلسا ، دوستىنىڭ ئېرى بىلەن كۆرۈشۈپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىيالايدۇ …
ئايالىڭىزنىڭ پەزىلەتلىك دوستلىرى بولسا ، ئۇ دوستى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ، نورمال بېرىپ – كېلىشىنى ساقلاپ بەرسە ، ئىشىنىڭكى ، بۇ ئايالىڭىزغا ، سىزگە ، ئائىلىڭىزگە پايدىلىق . ئايالىڭىز روھلۇق ، تېتىك بولۇپ قالىدۇ . ئەمما قاتتىق دېققەت قىلىڭكى ، ئايالىڭىزنىڭ دوستى غەيۋەتخۇر، پىتنىخور ، گەپ توشۇغۇچى دەللال ئاياللاردىن بولۇپ قالمىسۇن . تەربىيەسىز ئاياللاردىن قاچماق زۆرۈردۇر .
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2785
راست، بولۇپمۇ ئايال كىشى دوست تۇتۇشتا ناھايتى دىققەت قىلىشى كىرەك. ھەقىقى دوست ئائىلىمىزگە ياخشى تىلەكلەر تىلىگىنى بىلەن ناباپ دوستقا ئۇچراپ قالغىنىمىزنىڭ ئۆزىلا ئائىلىنىڭ پىشكەللىكى دەپ چۈشىنىش كېرەك.
توغرا ئىيتتىڭىز.
مەزكۇر بلوگدىكى يازمىلارنى بەكمۇ ياختۇردۇم،،،،
بىلوگ يازمىلىرىنى ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم، قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.