ھىجازدىكى كۈنلەر ۋە تۈنلەر…( ساياھەت خاتىرىسى )
ئابدۇۋەلى ئەلى
ئابدۇلئەزىز ئايروپورتتىكى كەچۈرمىشلىرىم
بىز ئولتۇرغان ئايروپىلان ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى – دە، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قاراپ ئۇچتى. بىر سائەتتىن كېيىن، يەنى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋاقتى كېچە سائەت بىردىن يىگىرمە مىنۇت ئۆتكەندە، بىز ئولتۇرغان ئايروپىلان بىردىنلا تۆۋەنلەشكە باشلىدى. ئەتراپ تۈن پەردىسى ئىچىگە يوشۇرۇنغانلىقتىن، بىرەر نەرسىنى ئىلغا قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ چاغدا ئايروپىلان باشلىقىنىڭ: «ھازىر بىز دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايروپورت سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىنىڭ جىددە شەھىرىدىكى ئابدۇلئەزىز ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدۇق!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. سەئۇدى ۋاقتى سائەت بىردىن ئوتتۇز مىنۇت ئۆتكەندە، بىز ئولتۇرغان ئۆزبېكىستان ئاۋىئاتسىيە كومپانىيىسىنىڭ 380 كىشىلىك رېئاكتىپ ئايروپىلانى ئابدۇلئەزىز ئايروپورتىغا سىيلىق قوندى. بىز ئايروپىلاندىن چۈشۈۋېدۇق، تونۇرنىڭ قىزىقىدەك ھارارەت يۈزىمىزگە لاپپىدە ئۇرۇلدى. بۇ چاغدا گەرچە كېچە بولسىمۇ، ئەمما جىددىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 30 گرادۇسقا يەتكەنىدى.
بىز ئايروپورتنىڭ ترانزىت زالىغا كىرگەندىن كېيىن، چېگرىدىن كىرىش ئېغىزىغا كېلىپ رەسمىيەت ئۆتەش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇردۇق. سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرى ئىنتايىن چىڭ ئىكەن. ترانزىت زالىدا چېگرىدىن كىرىش ئېغىزىدىن بىرنەچچىسى بولسىمۇ، ئەمما كېچە بولغاچقا، ئېغىزلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تاقاق ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، چېگرىدىن كىرىدىغان ئادەملەر كۆپ بولغاچقا، چېگرىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ بولۇشقا ئۈچ سائەتتەك ۋاقىت كەتتى.
مەن ئۆچىرەت كۈتكەچ، ئايروپىلان كۈتۈش زالىنىڭ ئىچىگە نەزەر سالدىم. زالنىڭ ئىچىدە يوغان قىلىپ يېزىلغان: «مەرھابا، ئى ئاللانىڭ ئەزىز مېھمانلىرى!» دېگەن ئەرەبچە پىلاكات كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.
ئابدۇلئەزىز خەلقئارا ئايروپورتى جىددە شەھىرىنىڭ شىمالىغا 35 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا سېلىنغانىكەن. بۇ ئايروپورتنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 105 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يالغۇز ئايروپىلان كۈتۈش زالىنىڭ ئىچىلا 1 مىليون 500 كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. ئاساسىي زالنىڭ كۆلىمى 150 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، 80 پۇتبول مەيدانىغا باراۋەر كېلىدىكەن. يېرىم سۈزۈك ئەينەك تالاسىدىن توقۇلغان 210 ھەرىكەتچان چېدىر تورۇسنىڭ ئېگىزلىكى 46 مېتىر بولغانلىقتىن، «تورۇسلۇق شەھەر» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. ھەم يورۇق، ھەم سالقىن زالنىڭ ئىچىدە بىرلا ۋاقىتتا 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھەرىكەت قىلالايدىكەن.
ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئوكئانىيە قىتئەلىرىدىن ھەج قىلىشقا كەلگەن سېرىق تەنلىك، قارا تەنلىك، ئاق تەنلىك ۋە قىزىل تەنلىك مۇسۇلمانلار ئايىغى ئۈزۈلمەستىن زالغا كىرمەكتە ئىدى. بىر چاغدا، قارىسام ئافرىقىلىق بىر توپ نېگىر مۇسۇلمان زالغا كىرىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر مەجرۇھ نېگىر ئۆمىلەپ كېتىپ باراتتى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر كىشى ئۇنىڭ ساداقەتمەن، قەيسەر روھىغا ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايتتى.
ئاخىر، ئۆچىرەت ماڭا كەلدى. مەن پاسپورت، سېرىق مەكتۇپ قاتارلىق ھۆججەتلەرنى يېنىمدىن چىقىرىپ، ئەرەب پاگرانچىكىغا سۇندۇم. ئۇ بۇرۇتى ئەمدىلا خەت تارتقان، ئېگىز بويلۇق بىر ھەربىي ئىدى. ئۇ پاسپورت، ۋىيزا، سېرىق مەكتۇپ قاتارلىقلارنى بىرمۇ بىر ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ، ئالدىدىكى كومپيۇتېردىكى مەلۇماتلارغا تېزلىك بىلەن بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، پاسپورتۇمغا «تاق» قىلىپ تامغا ئۇردى – دە، ئەدەپ – ئىكرام بىلەن: «مەرھابا، سينى(جۇڭگولۇق) دوست!» دېگىنىچە پاسپورت، ھۆججەتلىرىمنى قولۇمغا قايتۇرۇپ بەردى. مەن گەرچە ئەرەبچىنى بىلمىسەممۇ، ئەمما ئۇنىڭ سۆزىدىكى «مەرھابا»، «چىن»، «دوست» دېگەن تاق سۆزلەردىن ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى پەملەپ بولغانىدىم، «رەھمەت!» دېدىم مەنمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن. بۇ چاغدا سائىتىمگە قارىسام چېگرىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىمنى ئۆتەشكە ئاران ئۈچ مىنۇتلا كېتىپتۇ. سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىش ئۈنۈمى نېمىدېگەن يۇقىرى – ھە؟! مەن ئۇلارغا قايىل بولغىنىمدىن ھەمدە ھەيران بولغىنىمدىن قاراپ تۇرۇپ قاپتىمەن.
يۈك – تاقلىرىم ئاز ھەم يېنىك بولغاچقا، تاموژنىدىنمۇ ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى. ئەمما مېنىڭ بىلەن ئايروپىلاندا بىللە كەلگەن ۋەتەنداشلىرىمنىڭ چېگرىدىن كىرىش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىكى ئۇنداق ئوڭايغا توختىمىدى. ئۇلار خۇددى سەئۇدىدىن قايتىپ كەتمەيدىغاندەك تەييارلىق قىلىپ چىققانىكەن. ئۇلارنىڭ يۈك – تاقلىرى شۇنداق كۆپ ۋە شۇنداق ئېغىر ئىدىكى، يۈك – تاقلىرى ئۇلارنىڭ يەلكىسىنى بېسىپ، قەددىنى پۈكۈۋەتكەنىدى. يېشى سەكسەندىن ئاشقان پىچانلىق ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ تەن – سالامەتلىكى تازا ياخشى ئەمەس ئىكەن. شۇنداق بولسىمۇ، بوۋاي بىلەن موماي ئىككىسىنىڭ ھەج پەرزلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭدىن ئالمائاتاغا چىقىپ، ئۇ يەردىن يەنە رامىزانغا ئۈلگۈرۈپ ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدىغا كېلىشى ئىكەن. ئۇلار يولدا بەكمۇ قىينىلىپتۇ، نۇرغۇن جاپالارنى تارتىپ، رىيازەت چېكىپ، ئاخىر مەقسەتكە يېتىپتۇ. تاموژنا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن، مەن ئۇلارنىڭ يۈك – تاقلىرىنى ئۈچ قېتىم توشۇپ يۈرۈپ، ئاران تۈگەتتىم. ئۇلاردىن: «نېمانداق كۆپ نەرسە ئېلىۋالدىڭلار؟» دەپ سورىۋېدىم، «ۋاي بالام، نېمە بولاتتى، پىچاننىڭ تونۇر نېنى بولمامدۇ، دەپ جاۋاب بەردى موماي، بىز يولغا چىقىدىغان چاغدا بىزگە يوللۇق تۇتۇش ئۈچۈن، قىزىم ئۇدا ئىككى كۈن توختىماستىن نان ياقتى. بالام، بۇ ناندا يۇرتىمىزنىڭ ھىدى بار ئەمەسمۇ؟» مەن موماينىڭ ئاددىي، ئەمما مەنىسى تىرەن بۇ جاۋابىدىن قايىل بولۇپ قالدىم.
مەن ئالمائاتادىكى ۋاقتىمدا، ئالمائاتا «لەززەت ساياھەت كومپانىيىسى»دە ئىشلەيدىغان جۇڭگولۇق دېڭ ليەنيىڭ خانىم سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارىدىغان ما ھەدە، ۋاڭ ھەدە، لى ھەدە ۋە تيەن ھەدە دېگەن ئۈرۈمچىلىك تۆت خۇيزۇ ئايالنى ماڭا قوشۇپ قويغان ۋە يولدا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويۇشۇمنى ئالاھىدە جېكىلىگەنىدى. مەن ئۇلار بىلەن بىللە چېگرىدىن كىرىش، تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىمىزنى ئۆتەپ بولغاندا، سەئۇدى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت تۆتتىن ئاشقانىدى. سەئۇدى ۋاقتى ئۈرۈمچى ۋاقتىدىن ئۈچ سائەت كېيىن بولىدۇ. دېمەك، بۇ چاغدا ئۈرۈمچىدە سائەت يەتتىدىن ئاشقانىدى. بىز بەشىمىز يۈك – تاقلىرىمىزنى ھارۋىغا سېلىپ ئىتتىرىپ زالنىڭ سىرتىدىكى ماشىنا توختايدىغان مەيدانغا چىقتۇق. شۇ چاغدا تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىكى كىشىلەر پاتپاراق بولۇشۇپ، تۆت – بەش ئادەم يېنىمىزدىن يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ زالغا كىرىپ كەتتى. مەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى ھېچ بىلەلمەي، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسىنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ: «ئۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەردى؟» دەپ سورىۋېدىم، ھېلىقى ئادەم بىر نېمىنى يوشۇرغاندەك قىلىپ، «ھېچ ئىش يۈز بەرگىنى يوق، مېڭىۋېرىڭلار، بىز بىر نەرسىمىزنى ئۇنتۇپ قاپتۇق» دەپ زالنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ، خاتىرجەم بولدۇم – دە، ھېلىقى خۇيزۇ ھەدىلەرنى باشلاپ مېڭىۋەردىم.
دەسلەپتە چەت ئەلگە چىققان ھەرقانداق ئادەم تەجرىبىسىز بولغانلىقتىن، ئاسانلا قايمۇقۇپ قالىدىكەن. بىزمۇ شۇنداق بولدۇق. بىز ھېلىقى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ تۇرغان يەرگە كېلىپ قارىساق، ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئورۇقلۇقىدىن قوۋۇرغىسىنى سانىۋالغىلى بولىدىغان پاكار بىر ئەرەب توسۇۋاپتۇ. ھېلىقى ئەرەب قوللىرىنى شىلتىپ بىرنېمىلەرنى دەۋاتقانىكەن. بېرىشىمغىلا ھېلىقى ئەرەب «پاسپورت» دېمەسمۇ، مەنمۇ ئۇنى «ھۆكۈمەت خادىمى بولسا كېرەك» دەپ، ئويلاپ ئولتۇرماستىن پاسپورتۇمنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم. ئۇ ھېچ گەپتىن – ھېچ گەپ يوق، پاسپورتۇمنى «مۇسادىرە» دېگىنىچە قولىدىكى بىر سۇلياۋ خالتىغا سېلىۋالدى، ئاندىن يەنە بىر ۋەتەندىشىمنىڭ پاسپورتىنىمۇ ئاشۇ ئۇسۇل بىلەن «مۇسادىرە» قىلىۋالدى. مەن شۇندىلا ئىشنىڭ چاتاق ئىكەنلىكىنى سېزىپ، كەينىمدىن كېلىۋاتقان ھېلىقى تۆت خۇيزۇ ئايالغا خەنزۇچە: «كەلمەڭلار، قايتىڭلار!» دەپ ۋارقىرىدىم. مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ ئۇلارمۇ دەرھال زالنىڭ ئىچىگە قايتىپ كىرىپ كەتتى.
ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ يا بىز ئەرەبچىنى ئۇقمايمىز، يا ھېلىقى ئەرەب ئۇيغۇرچىنى ئۇقمايدۇ. مەن ئۇقىدىغان ئۈچ – تۆت ئېغىز ئىنگلىزچە گەپ بىلەن ئۇنىڭغا مەقسەتنى تېخىمۇ ئۇقتۇرغىلى بولمايدۇ. بېشىمىزنىڭ ئىچىمۇ – تېشىمۇ قېتىپ تۇراتتى، كىمدۇر بىرسى ئالمائاتا «لەززەت ساياھەت كومپانىيىسى»نىڭ جىددىدە تۇرۇشلۇق دىلمۇرات دېگەن قازاق ۋەكىلىنى تېپىپ كەلدى. مەن ئۇنىڭغا: «بۇ ئەرەب ھۆكۈمەت خادىمىمۇ ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ھۆكۈمەت خادىمى بولسا، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىقىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھنامىسىنى چىقارسۇن، بىز چېگرىدىن قانۇنلۇق كىرگەن جۇڭگو پۇقراسى، پاسپورت بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پۈتۈن پائالىيىتىمىزنى ئوڭۇشلۇق ئادا قىلالىشىمىزدىكى بىردىنبىر گۇۋاھنامىمىز. پاسپورت بولمىسا، بىر قەدەممۇ مىدىرلىيالمايمىز» دېدىم. ئۇ ھېلىقى ئەرەبكە بىر ھازاغىچە ئەرەبچە كالدىرلاپ سۆزلەپ چۈشەندۈردى. ئەرەب ئۇنىڭغا بىر نېمىلەرنى دېۋىدى، دىلمۇرات ئۇنىڭ سۆزىنى بىزگە: «ئۇ ئەگەر ئايروپىلان بېلىتىڭلارنى كۆرسەتسەڭلار، پاسپورتىڭلارنى قايتۇرۇپ بېرىمەن، دەيدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىپ بەردى. بىز يەنىلا ساددىلىق قىلىپ، يېنىمىزدىكى ئايروپىلان بېلىتىنى چىقىرىپ ھېلىقى ئەرەبكە كۆرسىتىۋېدۇق، ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئايروپىلان بېلەتلىرىنى بىر – بىرلەپ يىغىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىمۇ ھېلىقى سۇلياۋ خالتىسىغا پۇرلاپ سالدى – دە، مېڭىشقا تەمشەلدى. مەن يەنە ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالغىنىمغا غەزەپلىنىپ، بارغان پېتىم ئۇنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ كارنىيىنى قاتتىق سىقتىم ۋە دىلمۇراتقا: «سەن بۇ ئەرەبكە ئېيت، پاسپورت بىلەن ئايروپىلان بېلىتىنى دەرھال قايتۇرسۇن. بولمىسا، ئۇنىڭغا كۆرگىلىكىنى كۆرسىتىمەن!» دەپ دوق قىلدىم. بۇ چاغدا، ئەتراپىمىزدا تۇرغان بىر قەشقەرلىك كىشى ماڭا: «ساراڭ بولدىڭىزمۇ، ئۇ ئەرەب جۇمۇ؟» دېگىنىچە، قوللىرىمنى سىلكىپ، ھېلىقى ئەرەبنى ئاجرىتىۋالدى. ئەمما مەن يەنە بىر قولۇم بىلەن ھېلىقى ئەرەبنىڭ قولىدىكى سۇلياۋ خالتىنى چىڭ قاماللاپ تۇتۇۋالدىم – دە، ھېلىقى قەشقەرلىك كىشىگە: «ئەرەب بولسا نېمە بوپتۇ، پاسپورتىڭ بولمىسا، ئايروپىلان بېلىتىڭ بولمىسا ھەرقايسىڭنىڭ قايتىپ باققىنىڭنى بىر كۆرەيچۇ؟» دەپ زەردە قىلدىم.
بۇنداق بولىۋەرسە، بىرەر ۋەقە چىقىپ قېلىشتىن ئەنسىرىدىمۇ قانداق، «لەززەت» كومپانىيىسىنىڭ جىددىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى دىلمۇرات ئاخىر بىزگە راست گېپىنى دېيىشكە مەجبۇر بولدى.
ئەسلىدە، ھېلىقى ئەرەب مەككىدىكى «ئەل – سوندۇس ساياھەت كومپانىيىسى»نىڭ جىددە خەلقئارا ئايروپورتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئىكەن. «ئەل – سوندۇس» كومپانىيىسى بىلەن «لەززەت» كومپانىيىسى مەخسۇسلا ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق سەئۇدىغا ھەج قىلىشقا بارىدىغان كىشىلەرنى سەئۇدىغا ئەپكېلىش ۋە رامىزان مەزگىلىدىكى ئۆمرە ھەج پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سەئۇدىدىن ئۆز ۋاقتىدا كەتكۈزۈۋېتىشكە مەسئۇل ئىكەن. بولمىسا، ئۆمرە ھەج مەزگىلىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ھەج قىلىشقا كەلگەن شىنجاڭلىق كىشىلەر رامىزان ئېيى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا دەرھال مەككە، مەدىنە ئەتراپلىرىدىن ئەرەبلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ئىجارىگە ئېلىپ تاكى زۇلھەججە ئېيىغا قەدەر يەتمىش كۈن تالاغا چىقماي مۆكۈۋالىدىكەن. شۇڭا، سەئۇدى ھۆكۈمىتى سەئۇدىدىكى ھەرقايسى ساياھەت شىركەتلىرىگە ئۆمرە ھەج قىلىش ئۈچۈن كەلگەن شىنجاڭلىقلارنى رامىزان ئېيى توشقاندىن كېيىن، دەرھال كەلگەن يېرىگە يولغا سېلىۋېتىش ھەققىدە قاتتىق پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.
«لەززەت» كومپانىيىسىنىڭ ۋەكىلى دىلمۇرات سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «بىز پاسپورتۇڭلارنى قولۇڭلارغا قايتۇرۇپ بېرەيلى، ئايروپىلان بېلىتىڭلارنى ئۆمرە ھەجىدىن كېيىن قايتىدىغان چاغدا ئاندىن قولۇڭلارغا بېرىمىز، بولمىسا ئايروپىلان بېلىتى ئەتكەس قىلىنىدۇ!» دېدى. «ئۇنداق بولسا، دېدىم مەن، قولىمىزغا بىر ئاساس قىلىپ بېرىڭلار، بولمىسا، ئۆمرە ھەجىدىن كېيىن، بىز سىلەرنى نەدىن تاپىمىز؟» دىلمۇرات ھېلىقى ئەرەبكە بىر نېمىلەرنى دېۋىدى، ئەرەب يېنىدىكى ئىسىم كارتۇشكىسىنى چىقىرىپ ھەممىمىزگە بىردىن تارقىتىپ بەردى ۋە ئايروپىلان بېلىتىنى تۇتۇپ قېلىپ، پاسپورتلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بەردى. قارىسام ئىسىم كارتۇشكىسىدا «ئەل – سوندۇس ساياھەت كومپانىيىسى»نىڭ مەككە، مەدىنە ۋە جىددىدىكى باشقارمىلىرىنىڭ تېلېفون نومۇرلىرى بار ئىكەن. شۇڭا، مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلماستىن، كەينىمگە قايتىپ ھېلىقى ئۈرۈمچىلىك تۆت خۇيزۇ ئايالنى ئىزدەپ زالغا كىردىم.
چەت ئەلگە چىققاندا، ئەڭ ياخشىسى ئىناۋەتلىك، ئىشەنچلىك ساياھەت كومپانىيىسى بىلەن ئالاقىلىشىش لازىم ئىكەن. بولمىسا، بىرمۇنچە پۇلنى بىھۇدە خەجلەپ كەتكەننىڭ ئۈستىگە، ئادەم ئۆزىگە يەنە كۆپ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى تېپىۋالىدىكەن.
«سالام، ئەل رەسۇل شەھىرى!»
بىز مەدىنىگە بېرىش ئۈچۈن ۋەلىد ئىسىملىك بىر تاكسىچى ئەرەب بىلەن سۆزلەشتۇق. ئۇ بەشىمىزنى 370 رىيالغا مەدىنىگە ئاپىرىپ قويۇشقا ماقۇل بولدى. بىر رىيال تەخمىنەن ئىككى يۈەن ئىككى مو خەلق پۇلىغا تەڭ كېلىدىكەن.
ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەرب تەرىپى ئىككى رايونغا، يەنى شىمالىي تەرىپى ھىجاز رايونىغا، جەنۇب تەرىپى يەمەن رايونىغا ئايرىلىدىكەن. ئەرەبچە «ھىجاز» سۆزى «ئارىلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ، ئۇ قىزىل دېڭىز بويىدىكى تىھامە ئويمانلىقى بىلەن شەرق تەرەپتىكى نەجىد ئېگىزلىكىنى ئايرىپ تۇرىدىغان بىر تاغ تىزمىسى بولغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغانىكەن.
سەئۇدى ھۆكۈمىتى مەككە شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا ناھايىتى زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ، پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ تۆت ئەتراپىنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياساتقانىكەن. جىددىدىن مەدىنىگە بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 70- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا تەيۋەنلىك قۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ياسالغانىكەن. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ بېرىش – كېلىش يوللىرى توساق بىلەن ئايرىپ تاشلانغاچقا، بىر تەرەپتە بىرلا ۋاقىتتا تۆت ماشىنا قاتار ماڭالايدىكەن. كىچىك تىپتىكى ماشىنىلارنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغاندا، 160 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. بىز ئولتۇرغان تاكسى ئابدۇلئەزىز خەلقئارا ئايروپورتىدىن چىقىپ، جىددە – مەدىنە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى بويلاپ سائىتىگە 140 كىلومېتىرلىق تېزلىكتە مەدىنىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بارا – بارا شەرق تەرەپ ئاقىرىشقا باشلىدى. بىز مەدىنىگە بارىدىغان يول ئۈستىدىكى بىرىنچى تەكشۈرۈش ئورنىغا يېتىپ كەلدۇق. شوپۇر ۋەلىد ماشىنىسىنى بىر چەتكە تارتىپ توختاتتى – دە، تەكشۈرتۈش ئۈچۈن پاسپورتلىرىمىزنى يىغىۋېلىپ، ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى ۋە ھايالشىماستىنلا قايتىپ كېلىپ، بىزنى ماشىنىدىن چۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مۇشۇ يەردە زوھۇرلۇق يەۋالغاندىن كېيىن، تاھارەت ئېلىپ بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ماڭىدىكەنمىز. بىز توختىغان يەر تاماقخانىسى، مەسچىتى، تاھارەتخانىسى ۋە باشقا مۇئەسسەسەلىرى تولۇق بولغان بىر ماي قاچىلاش ئورنى ئىكەن. زوھۇرلۇقىمىزنى يەپ بولۇشىمىزغا بامدات نامىزىغا ئەزان ئېيتىلدى. بىز تاھارەت ئېلىپ، مەسچىتكە كىرىپ بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، سەپىرىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇردۇق. بۇ چاغدا، ئەتراپ خېلىلا يورۇپ قالغانىدى. بىز ئولتۇرغان تاكسى خۇددى ئوتتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەندەك قارا تاشلىق بىر چۆل – جەزىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېتىپ باراتتى. كېيىن ئۇقسام، بۇ ۋاقىم قاراتاش قۇملۇقى دېگەن مەشھۇر بىر چۆللۈك ئىكەن. ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا يۈز بەرگەن «ۋاقىم جېڭى» دەل مۇشۇ چۆللۈكتە بولغانىكەن. بۇ قۇملۇق يانار تاغلاردىن پارتلاپ چىققان ماگمىلاردىن شەكىللەنگەن بولۇپ تاكى جىددىنىڭ شەرقىدىن مەدىنىنىڭ شەرقىغىچە سوزۇلۇپ بارىدىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىنىڭ نۇرغۇن زېمىنى مانا مۇشۇنداق ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان قاراتاشلىق قۇملۇق چۆل – جەزىرە بولغىنى بىلەن يەر ئاستىدا مول نېفىت بايلىقى كۆمۈلۈپ ياتقان «ئۈستى چۆل، ئاستى كۆل» بىر دۆلەت ئىكەن.
مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، نېفىت بايقىلىشتىن ئىلگىرى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىنتايىن نامرات، خەلق تۇرمۇشى ئىنتايىن قىيىن، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى قالاق ئىكەنىدۇق. شۇ چاغلاردا ھەج كىرىمى دۆلەت مالىيىسىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن. نېفىت بايقالغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدا سەئۇدى ھۆكۈمىتى چەتكە نېفىت چىقىرىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، نېفىت ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا نېفىت مونوپولىيە گۇرۇھىنىڭ نېفىت باھاسىنى چۈشۈرۈش سۇيىقەستىنى مەغلۇپ قىلىپتۇ ھەمدە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلات مىقدارىنى يىلدىن – يىلغا ئاشۇرۇش ئارقىلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتىن كىرىدىغان كىرىمنىڭ دۆلەت مالىيىسىدىكى سالمىقىنى يىلدىن – يىلغا ئاشۇرۇپ مېڭىپتۇ.
پۇل بولغاندىلا ھەممە ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ. سەئۇدى پادىشاھى فاھىد سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىسلام دىنىدىكى مۇقەددەس ئورۇن ئىككى ھەرەم تۇرۇشلۇق دۆلەت بولۇشتەك بىردىنبىر ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ ۋە مول نېفىت بايلىقىغا تايىنىپ، ھەر يىلىدىكى ھەج پائالىيىتىنى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش ئىشىغا يىلدىن – يىلغا تېخىمۇ زور ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچىنى ئاجرىتىپتۇ. ئىككى ھەرەم جايلاشقان مەككە، مەدىنە ۋە ئاساسلىق قاتناش تۈگۈنى بولغان جىددە قاتارلىق جايلاردىكى سەيلە – ساياھەت ۋە ھەج مۇئەسسەسەلىرىنى ۋە ئايروپورت، تاشيول، مېھمانساراي قاتارلىق بىۋاسىتە ھەج پائالىيىتىگە خىزمەت قىلىدىغان قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىغا سەرپ قىپتۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار بولغان قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا قاتنىشى تورىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلىدۇر.
يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ھەر 50 – 60 كىلومېتىر كېلىدىغان بۆلىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ھەممە ئۈسكۈنىلىرى تولۇق بولغان زامانىۋى ماي قاچىلاش پونكىتى، مەسچىت، ئىسسىق سۈيى ئۈزۈلمەيدىغان غۇسۇل تاھارەت ئالىدىغان مۇستەھەپخانا ۋە ھاجەتخانا بار ئىكەن. شۇڭا، يولدا يولۇچىلار ئازراقمۇ قىيىنچىلىق ھېس قىلمايدىكەن. يول ئېغىزلىرىنىڭ ھەممىسىدە ستېرېئولۇق ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەر بولغاچقا، تاكى مەدىنىگە بارغۇچىلىك بولغان پۈتۈن 460 نەچچە كىلومېتىرلىق مۇساپىدە ھېچقانداق قىزىل – يېشىل چىراغنى ئۇچراتمىدۇق.
سەئۇدى ۋاقتى چۈشتىن ئىلگىرى ئون بىردە، بىز مەدىنە شەھىرىنىڭ غەربىدىكى بىر ئاچالغا كەلدۇق. تاكسى شوپۇرى ۋەلىد ماشىنىسىنى بىر چەتكە تارتىپ توختاتتى – دە، پاسپورتلىرىمىزنى ئېلىپ، مەدىنە شەھىرىگە كىرىش رەسمىيىتىنى ئۆتەش ئۈچۈن ماشىنىدىن چۈشتى. بىز ئۇزۇندىن بېرى زارىقىپ كۈتكەن ۋاقىت ئاخىر يېتىپ كەلدى. بىز ئەل رەسۇل شەھىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرگە يېتىپ كەلگەنىدۇق.
مەدىنە مۇنەۋۋەر ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە مۇكەررەمدىن ھېجرەت قىلغاندا كېلىپ ئون يىل تۇرغان شەھەردۇر.
ئىسلامىيەتكە ئائىت كىتابلاردا يېزىلىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىرىق يېشىدا پەيغەمبەرلىك ۋەھىيسى كېلىپ 13 يىلغىچە مەككە مۇكەررەمدە ئەرەب قوۋملىرىنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىپ تەرغىبات ئېلىپ بارغانىكەن. لېكىن مەككىدىكى ئەرەبلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلىرى ناھايىتى ئاز بولغانىكەن. مەككە مۇشىرىكلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختاتمىغانلىقتىن، ئاخىر ئۇ يەردى ھېجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغانىكەن.
مىلادىيە 622 – يىلى 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئابابەكرى سىدىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىللە مەككىدىن ئايرىلىپ، شۇ يىلى 9 – ئاينىڭ 20 – كۈنى مەدىنىگە يېتىپ كەلگەنىكەن. بۇ ۋاقىت ئىسلام ھىجىرىيە كالېندارىنىڭ تۇنجى يىلى قىلىپ بېكىتىلىپتۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن، شەھەر سىرتىدىكى قۇبا دېگەن يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ، ئىسلام دىنىدىكى تۇنجى مەسچىت مەسچىت قۇبانى بىنا قىلىپتۇ. ئاندىن شەھەر ئىچىگە قايتىپ كېلىپ، ئەبۇ ئەييۇب خالىد رەزىيەللاھۇ دېگەن بىر ئەنسارىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپتۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ ھەرەم شەرىف (مەسچىتى نەبەۋى)نى بىنا قىلىپتۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، ئىسلامىيەت ھەر تەرەپكە كەڭ تارقىلىشقا باشلىغانىكەن. مەككىلىكلەرمۇ مۇشۇ مەزگىلگە كەلگەندە، ئاندىن ئىمان ئېيتىپ، ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان ۋە ئارقىدىنلا پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلى ئىسلاملاشقانىكەن. دېمەك، مەدىنە دەۋرىدە ئىسلامىيەتنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرى تولۇق شەكىللىنىپ بولغانىكەن.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەج قىلىشنى نىيەت قىلىپ، پۈتۈن ئەرەبىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىشقا چاقىرغان ھەمدە بۇنى ئىسلام دىنىدىكى بەش چوڭ پەرزنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەنىكەن.
ھىجىرىيە 10 – يىلى (مىلادىيە 632 – يىلى) زۇلقەئىدە ئېيىنىڭ 25 – كۈنى (شەنبە)، مەدىنىگە يىغىلغان 100 مىڭ مۇسۇلمان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدا مەككە مۇكەررەمدىكى كەئبىنى تاۋاپ قىلىشقا، ھەج قىلىشقا ئاتلانغان ۋە ئۇ يەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەج قىلغۇچىلار بىلەن بىللە ھەج پەرزلىرىنى تولۇق بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، مەدىنىگە قايتىپ كەلگەنىكەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆمرىدە پەقەت مۇشۇ بىر قېتىم ھەج قىلغاچقا، بۇ قېتىمقى ھەج «ھەج ۋىدا» دەپمۇ ئاتالغانىكەن. شۇ قېتىمقى ھەجدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋەھى ئارقىلىق ئۆزىگە يەتكۈزۈلگەن: «ئەكمەلتۇلەكۇم دىنەكۇم» دېگەن ئايەتنى ئېلان قىلغانىكەن. ئۇنىڭ مەزمۇنى: «بۈگۈن مەن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى كامىل قىلدىم ۋە نېمەتلىرىمنى تاماملىدىم ۋە ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار قىلىپ بېكىتتىم» دېگەنلىك بولىدىكەن. بۇ ئايەت نازىل بولۇپ، بەش – ئالتە ئاي ئۆتمەيلا ئاللانىڭ رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان ۋە ئۆزى بىنا قىلغان مەسچىتى نەبەۋى ئىچىگە قويۇلغانىكەن. بۇ يەر كېيىنكى چاغلاردا «رەۋدەتۇ مۇبارىكە» دەپ ئۇلۇغلىنىدىغان تاۋاپگاھقا ئايلىنىپتۇ.
ھەرەم شەرىف
بىز جىددىدىكى ئابدۇلئەزىز خەلقئارا ئايروپورتىدىن چىقىۋاتقاندا، ئۈرۈمچىلىك خۇيزۇ ئايال جاڭ ھەدە ئۆزىنىڭ مەدىنىدىكى سالىھ ھاجى دېگەن تۇغقىنىغا تېلېفون قىلغانىدى. ئۇ: «سىلەر مەدىنىگە يېتىپ كېلىپلا ماڭا تېلېفون قىلىڭلار» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. تاكسى شوپۇرى ۋەلىد شەھەرگە كىرىش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن، پاسپورتلىرىمىزنى قولىمىزغا قايتۇرۇپ بەردى. جاڭ ھەدە كارتىلىق تېلېفون بىلەن ھېلىقى سالىھ ھاجىغا يەنە تېلېفون بەردى. ئۇ بىزنى كۈتۈپ تۇرغانىكەن. تاكسى شوپۇرى ۋەلىد سالىھ ھاجى ئېيتىپ بەرگەن ئادرېس بويىچە بىزنى ھەرەم شەرىفكە يېقىن بىر كوچىدىكى مەھدى ئىسىملىك بىر ئەرەبنىڭ مېھمانخانىسىغا ئۇدۇل ئېلىپ باردى. سالىھ ھاجى بىزنى شۇ يەردە ساقلاپ تۇرغانىكەن. بىز ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ كۆرۈشتۇق. ئۇ قىرىق ياشتىن ئاشقان، ئوتتۇرا بويلۇق، قاتاڭغۇر ئادەم بولۇپ، مەدىنىدە تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە چوڭ بولغانىكەن. ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى ئەرەبچە رىدا، بېشىدىكى ئىقال بىلەن باستۇرۇلغان ياغلىققا قاراپ بىز ئۇنى «ئەرەب» دەپ ئويلاپ قاپتىمىز. ئۇنىڭ خەنزۇچە سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ، ئاندىن ئۇنىڭ خۇيزۇ ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇق.
ئۇ بىزنى ھېلىقى مەھدى دېگەن ئەرەب ئاچقان مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. دەل مۇشۇ چاغدا ھەرەم شەرىف تەرەپتىن پېشىن نامىزىغا ئېيتىلغان ئەزان چىقتى. بىز يۈك – تاقلىرىمىزنى ياتاققا تاشلاپ قويۇپلا، دەرھال تاھارەت ئالدۇق – دە، تۇنجى بىر ۋاخ نامازنى رەسۇلىلا مەسچىتىدە ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ، ھەرەم شەرىفكە قاراپ ماڭدۇق.
بۈگۈن مەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 35 گرادۇسقا يەتكەن بولۇپ، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قاتار – قاتار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان خورما دەرەخلىرىنىڭ يوغان، ئېگىز، تىك ئۆسكەن قاسراقلىق غولىنىڭ ئۇچىدىكى ياپيېشىل ياپراقلىرى جۇلالىنىپ، ئۆزگىچە ئەرەبىستان مەنزىرىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى. بۇ چاغدا پۈتۈن قاتناش توختاپ كەتكەنىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن «مەسچىتى نەبەۋى» دەپ ئۇلۇغلىنىدىغان بۇ ھەرەم شەرىفنى تاۋاپ قىلىشقا كەلگەن نەچچە يۈز مىڭ كىشى ئەرەبىستاننىڭ پىژغىرىم ئاپتىپىدا ئۇچىسىغا ئاق رەڭلىك لىباس كىيىشىپ، ھەرەم شەرىف تەرەپكە قاراپ سۇدەك ئېقىپ كېتىۋاتقانىدى. بىز كوچىنىڭ يەنە بىر بېشىغا بارغاندا، ھەرەم شەرىفنىڭ يېشىل قۇببىسىنى كۆردۇق. مەن سالىھ ھاجى بىلەن بىللە كىشىلەرر توپىغا ئەگىشىپ، ھەرەم شەرىفنىڭ ئاستىغا مەر مەر تاش يېيىتىلغان كەڭ سەيناسى ئىچىگە كىردىم. ئۇدۇلىدا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مۇنارلارنىڭ ئارىسىدىكى ناھايىتى چوڭ ياسالغان، يېشىل قۇببىلىق ھەيۋەتلىك مەسچىتى نەبەۋى مېنىڭ كۆز ئالدىمدا ئايان بولدى. ھەيران بولغىنىمدىن ئورنۇمدا تۇرۇپ قالغىنىمنى تۇيماي قاپتىمەن. بىرسى ئاستا يېڭىمنى تارتقاندەك قىلدى، قارىسام، سالىھ ھاجى ئىكەن. ئۇ: «تېز بولۇڭ، بولمىسا ھەرەم شەرىفنىڭ ئىچىدە ئورۇن قالمايدۇ» دەپ مېنى مېڭىشقا ئۈندەۋاتقانىكەن.
بۇ مەسچىت مىلادىيە 662 – يىلى (ھىجىرىيە تۇنجى يىلى) 9 – ئايدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز قولى بىلەن بىنا قىلغان مەسچىت ئىكەن. دەسلەپتە ناھايىتى ئاددىي ياسالغان بولۇپ، كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە بىرنەچچە قېتىم قايتا كېڭەيتىلىپتۇ. ھازىرقى ھەرەم شەرىف مىلادىيە 1989 – يىلى سەئۇدى پادىشاھى فاھىدنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، نەچچە ئون مىڭ ماھىر ئارخىتېكتور ۋە بىناكارلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلىشى ۋە قول سېلىپ ئىشلىشى ئارقىسىدا پۈتۈپ چىققانىكەن. ھەرەمنىڭ ئىچىگە جايناماز ئۈچۈن مەخسۇس ھەرەم شەرىفكە ئاتاپ توقۇلغان پارس نۇسخىسىدىكى زىلچا – گىلەملەر سېلىقلىق ئىكەن. ھەرەم شەرىفنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى مۇتلەق كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ھەرەم شەرىفنى سىيرىپ سۈپۈرۈشكە مەسئۇل جارۇبكەشلەر كۈچلۈك ماتورلۇق چاڭ – توزان سۈمۈرگۈچلەر بىلەن ھەرەمنىڭ ئىچىنى كۈندە بىر قېتىم ئەستايىدىللىق بىلەن تولۇق تازىلاپ، ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىكەن. شۇڭا، ھەرەم شەرىفنىڭ ئەتىگەندىن – كەچكىچە ھاۋاسى ساپ ۋە يېڭى ھالەتتە تۇرىدىكەن، ئازراقمۇ غەيرىي پۇراقنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدىكەن. سامساق ياكى پىياز يەپ ھەرەمگە كىرىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدىكەن.
ھەرەم شەرىفنىڭ ئىچىدە ئېگىزلىكى 5.12 مېتىر كېلىدىغان سان – ساناقسىز مەر مەر تۈۋرۈكلەر ھەرەم شەرىفنىڭ ئۆگزىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىكەن. ئۆگزىنىڭ ئۈستىدە سەينا بولۇپ، ئۈستىگە لىفت بىلەن چىقىپ چۈشكىلى بولىدىكەن. پۈتۈن ھەرەم شەرىفنىڭ ئىچى ۋە تۆت ئەتراپىدىكى سەينا مەيدان قوشۇلۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 480 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ئادەتتىكى چاغلاردا ھەرەمنىڭ ئىچىدە 600 مىڭ كىشى بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئۆتىيەلەيدىكەن، ھەج مەزگىلىدە بولسا، ھەرەمنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا بىر مىليون كىشى بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئۆتىيەلەيدىكەن.
ھەرەم شەرىفنىڭ ئەتراپىدىكى مەيداننىڭ قىرىق سەككىز يېرىدە يەر ئاستىغا تۆت قەۋەت قىلىپ ياسالغان تاھارەتخانا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يىگىرمە تۆت سائەت ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلىنىدىكەن. ھاجەتخانا ۋە غۇسۇل تاھارەت ئېلىش ئورنىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى زامانىۋى ۋە ناھايىتى قۇلايلىق، تولۇق بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا قىرىق مىڭ ئادەم تەڭلا ھاجەت قىلىپ، تاھارەت ئالالايدىكەن. تۆت قەۋەتنىڭ ھەممىسىدە لىفت توختىماي ئايلىنىپ تۇرغاچقا، چۈشۈپ – چىقماقمۇ ئوڭاي ئىكەن.
قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن تەڭ، ھەرەم شەرىفنىڭ ئىچى ۋە تېشى نىئون – كىسنون چىراغلىرىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كۈچلۈك نۇرىدا خۇددى كۈندۈزدەك ئاپئاق يورۇپ كېتىدىكەن. ھەرەم شەرىفنىڭ تۆت ئەتراپىدا بولۇتقا تاقىشىپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئون چوڭ مۇنار چوڭ پروژىكتورلارنىڭ يورۇقىدا ناھايىتى گۈزەل ۋە تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدىكەن. بۇ مۇنارنىڭ ئىچىدىكى ئېگىزلىكى 104 مېتىردىن كېلىدىغان ئالتە مۇنار ئايرىم – ئايرىم ھالدا ھەرەم شەرىفنىڭ تۆت بۇرجىكىدا ۋە ھەرەم شەرىفنىڭ شىمالىي ئىشىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قەد كۆتۈرۈپ، ھەرەم شەرىفنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرىدىكەن.
سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى 35 گرادۇسقا يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھەرەمنىڭ ئىچىدە كىشىگە ئارامبەخش قىلىدىغان سالقىنلىق ھۆكۈم سۈرىدىكەن. ھەربىر مەر مەر تۈۋرۈكنىڭ ئاستىغا مەخسۇس سوغۇق ھاۋا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ھاۋا يوللىرى ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغانىكەن. ھەرەمنىڭ ئىچى ۋە تېشى ھەرخىل گېئومېتىرىك شەكىل چىقىرىپ يېپىشتۇرۇلغان قېلىن مەر مەر تاشلار بىلەن بېزەلگەنىكەن. ھەرەمنىڭ ئاستىغا ۋە ھەرەم شەرىفنىڭ ئەتراپىدىكى مەيدانغا ئاق رەڭلىك مەر مەر تاش يېيىتىلغان بولغاچقا، قاتتىق ئىسسىقتىمۇ يالاڭئاياغ دەسسىسىمۇ ئادەم سالقىنلىق ھېس قىلىدىكەن. پۈتۈن ھەرەم شەرىف سىرتتىن قارىغان ئادەمگە خۇددى خرۇستال شىشىدىن ياسالغان ھەيۋەتلىك قەسىردەك كۆرۈنىدىكەن…
مەن سالىھ ھاجى بىلەن ھەرەم شەرىفنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئىشىكىدىن ھەرەمنىڭ ئىچىگە كىرگەندە، ھەرەمنىڭ ئىچى ئادەم بىلەن لىق تولغانىكەن. بىز پېشىن نامىزىغا ئولتۇرغان ئادەملەرنى ئارىلاپ ئاران ئارقا تەرەپكە ئۆتتۇق ۋە بىر بوش ئورۇننى تېپىپ، نامازغا ئولتۇردۇق.
بىز پېشىن نامىزىدىن قايتىپ كېتىۋېتىپ، سەرراپتا پۇل تېگىشىش ئۈچۈن ئازراق ھايال بولۇپ قالدۇق. سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش بەلگىلىمىسى بويىچە ھەر 100 ئامېرىكا دوللىرى 373 رىيالغا باراۋەر بولىدىكەن. مەن 200 ئامېرىكا دوللىرىنى 746 رىيالغا ئالماشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سالىھ ھاجى مېنى بىز چۈشكەن مېھمانخانىغا ئەكېلىپ قويۇپ، ئۆيىگە قايتىپ كەتتى…
«رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نى زىيارەت قىلىش
مېنىڭ مەدىنىدە ساياھەتتە بولۇۋاتقان كۈنلىرىم دەل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىككى ھەرەمدە رامىزان ۋە ئۆمرە ھەج پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغان مەزگىلىگە توغرا كەلدى. مۇشۇ كۈنلەردە دۇنيادىكى يەتتە قىتئەدىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن ئەر – ئايال مۇسۇلمان ئاران 200 مىڭ نوپۇسى بار مەدىنە شەھىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ھەج – تاۋاپ پائالىيىتىدە بولدى.
مەن گەرچە ھەرەم شەرىفتىكى پائالىيەتكە كۈندە قاتناشقان بولساممۇ، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ياتقان يېرى «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نى زىيارەت قىلىش شەرىپىگە زادىلا ئېرىشەلمىدىم. گەرچە بىر نۆۋەت ھەرەم شەرىفنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئابدۇلئەزىز ئىشىكىدىن قىستىلىپ يۈرۈپ ئاران ھەرەمنىڭ ئىچىگە كىرگەن بولساممۇ، ئەمما ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن ئېزىپ قېلىپ، ھەرەمنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان شىرما – توساق (خوتۇن – قىزلار بۆلمىسى)نى بويلاپ غەربكە قاراپ مېڭىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى «رىيازۇل جەننەت»كە يېقىنلىشىش شەرىپىگە مۇشەررەپ بولدۇم. ئەمما ئۇ «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نىڭ ئارقا تەرىپى ئىدى. «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نى ئالدى تەرەپتىن زىيارەت قىلىش ئارزۇسىغا يېتەلمىدىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەرلىكى «رەۋدەتۇ مۇبارىكە» ھەرەم شەرىفنىڭ شەرقىي جەنۇبى بۇرجىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن پەقەت غەرب تەرەپتىكى ئىشىك بىلەن كىرىش مۇمكىن ئىكەن. كىشىلەر ھەرەم شەرىفنىڭ غەربىي ئىشىكىدىن كىرىپ، «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەينىگە قايتماي ئۇدۇل شەرقىي ئىشىكتىن چىقىپ كېتىدىكەن. ماڭماي تۇرۇۋېلىشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدىكەن.
بىر كۈنى، مەن ھەرەم شەرىفتە نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك بىر ساقچى بىلەن تاسادىپىي شارائىتتا تونۇشۇپ قالدىم. شۇ كۈنى ماڭا ئىسسىق ئۆتۈپ كەتتىمۇ، بىلمىدىم، بېشىم قېيىپ تۇراتتى. «قەدقامەتسالات»تا ئايلىنىپ قېلىپ يىقىلىپ چۈشۈپتىمەن. بىر ۋاقىتتا قارىسام، مەيداننىڭ يېنىدا توختىتىلىپ قويۇلغان بىر قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ ئىچىدە يېتىپتىمەن. ھېلىقى ئەھمەد دېگەن ساقچى بېشىمدا قاراپ تۇرۇپتۇ. دوختۇر قان بېسىمىمنى ئۆلچەۋېتىپتۇ، بۇ چاغدا مەن خېلى ياخشى بولۇپ قالغانىدىم. شۇڭا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم، بۇ چاغدا، ئۇلار مېنىڭدىن: «سىز قايسى دۆلەتنىڭ پۇقراسى؟» دېگەندەك قىلىپ، ئەرەبچە سوئال سورىدى. مەن دەرھال پاسپورتۇمنى چىقىرىپ ھېلىقى ئەھمەد دېگەن ساقچىغا سۇندۇم، ئۇ پاسپورتۇمدىكى «China» (جۇڭگو) دېگەن خەتلەرنى كۆرۈپ دەرھال ماڭا قاراپ دوستانىلىق بىلەن كۈلۈمسىرىدى ۋە كۆرۈشۈش ئۈچۈن قولىنى ماڭا سۇندى. ئۇ مېنىڭ قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ئەرەبچە: «ئۇتلۇبۇلئىلمە ۋەلەۋ بىسسين»بۇ ھەدىس «كەشپۇل زۇنۇن» دېگەن كىتابتا رىۋايەت قىلىنغان.دېدى. مەن ئۇنىڭ سۆزىدىكى «ئىلىم» ۋە «سين» دېگەن ئەرەبچە تاق سۆزلەردىن مۇھەممەد پەيغەمبەر ئېيتقان مەشھۇر ھەدىسنى نەقىل كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى قىياس قىلدىم – دە، قەشقەردە خىزمەت قىلىۋاتقان چاغلىرىمدا ئۆگىنىۋالغان ئىككى – ئۈچ ئېغىز ئوردۇ تىلى بىلەن «ئەرەب – چىن رەپىق!» دەپ جاۋاب بېرىۋېدىم، ساقچى ئەھمەدمۇ، ئەرەب دوختۇرمۇ، مەنمۇ ھەممىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق. بۇ مېنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى زېمىنىغا قەدەم باسقاندىن كېيىن مۇشۇ ھەدىسنى ئىككىنچى قېتىم ئاڭلىشىم ئىدى.
ئەھمەد مېنىڭ خېلى ياخشى بولۇپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ، مېنى بىز چۈشكەن مېھمانخانىغا ئەكېلىپ قويدى. مەن بۇ مېھمانخانىنىڭ ئاستىدىكى بىر دۇكاننىڭ مۇھەممەد ئىسىملىك بىر ئاۋغان خوجايىنى بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدىم. ئۇ ئىلگىرى قەشقەرگە سودا ئىشى بىلەن كۆپ بارغانىكەن. شۇڭا، ئۇيغۇرچىنى ئوبدان سۆزلىيەلەيدىكەن. مەن ئۇنى تەرجىمانلىققا سېلىپ، ئەھمەدكە ئۆزۈمنىڭ «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نى زىيارەت قىلىش ئارزۇيۇمنى ئىزھار قىلدىم، ئۇ سائىتىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، مۇھەممەدكە ئەرەبچە بىر مۇنچە سۆز قىلدى.
مەن مۇھەممەدتىن: «ئۇ نېمە دەيدۇ؟» دەپ سورىۋېدىم، مۇھەممەد: «ئۇ سېنى ئەتە دەل چۈش سائەت ئون ئىككىدە ھەرەم شەرىفنىڭ ئابدۇلئەزىز ئىشىكىدە ساقلاپ تۇرسۇن، «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نى ئۆزۈم بىللە زىيارەت قىلدۇرىمەن، دەيدۇ» دېدى. مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇشال بولغىنىمدىن ئەھمەدكە: «رەھمەت، رەھمەت!» دەپ ئىختىيارسىز ھالدا ئارقا – ئارقىدىن تەشەككۇر ئېيتتىم.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا پادىشاھ بىۋاسىتە قانۇن تۇرغۇزۇش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران ھېسابلىنىدىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھازىرقى پادىشاھى فاھىد بىن ئابدۇلئەزىز بولۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى مىنىستىرلار كېڭىشى، زوراغالىق مەھكىمىسى پادىشاھنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىغا ياردەملىشىدىكەن، ئابدۇللا بىن ئابدۇلئەزىز نايىپ شاھ قوشۇمچە باش ۋەزىرلىكنى ئۆتەيدىكەن. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئىسمى سۇلتان بىن ئابدۇلئەزىز ئىكەن.
ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، ھازىرقى سەئۇدى خان جەمەتى 16 – ئەسىردىكى ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ نەجىد قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مۇسۇلمان ھۆكۈمدارى شەيخ ئەلسەئۇدىنىڭ ئەۋلادى ئىكەن. شەيخ مۇھەممەد بىن سەئۇدى (مىلادىيە 1726 – 1765 – يىلللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نەجىد زېمىنىغا ھۆكۈمران بولغان تۇنجى ئەۋلاد سەئۇدى پادىشاھى ئىكەن. مىلادىيە 1740 – يىلى، ئۇ ئىسلامىيەتتىكى ۋاھابىيە مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى مۇھەممەد بىننى ئابدۇلۋاھاب (1703 – 1765) بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىدا ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش تۇغىنى كۆتۈرۈپ چىققانىكەن.
شەيخ مۇھەممەد بىن سەئۇدىنىڭ ۋارىسى ئابدۇلئەزىز Ⅰ (1765 – 1830 – يىللىرى تەختتە بولغان) سەئۇدى جەمەتىنىڭ ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىدىكى سىياسىي ئورنىنى ھەقىقىي رەۋىشتە تىكلەش ئۈچۈن ئۇرۇش قوزغاپ، ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ، رىياد، ھىجاز، سەدىر، ھەسسا قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالغانىكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، سەئۇدى جەمەتىنىڭ ئاقساقىلى ۋاھابىيلارنىڭ شەيخلىقىنىمۇ قوشۇمچە ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپتۇ ۋە تا شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن سىياسىي تۈزۈم ھەقىقىي رەۋىشتە تىكلەنگەنىكەن.
مىلادىيە 1932 – يىلى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى ئابدۇلئەزىز Ⅱ سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىنى رەسمىي قۇرغاندىن كېيىن، سەئۇدى خان جەمەتى ئەرەبىستانى يېرىم ئارىلىنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىپتۇ. ھېلىغىچە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈم يولغا قويۇلۇۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى سەئۇدى خان جەمەتىنىڭ شاھزادىلىرى بىلەن مەلىكىلىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم.
تۇنجى سەئۇدى پادىشاھى ئابدۇلئەزىز سەئۇدى پۈتۈن ئۆمرى ئۇرۇش بىلەن ئۆتكەن سەئۇدى پادىشاھىدۇر. ئۇ سەئۇدى تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرگە شەپقەت بىلەن ھەيۋەتنى تەڭ قوللانغان. ئۇ بىر تەرەپتىن، مەملىكەت ئىچىدىكى توپىلاڭچى قەبىلىلەرنى قەتئىي باستۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، «قۇدىلىشىش» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ھەرقايسى ئۇرۇق – قەبىلىلەر بىلەن قۇدا – باجا بولۇشقانىكەن. شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ خانىدانى تېز روناق تېپىپ كۆپەيگەنىكەن. ئەلھال، بۈگۈنكى سەئۇدى خان جەمەتىنىڭ ئەزالىرى نەچچە تۈمەنگە يېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شاھزادىلەر بىلەن مەلىكىلەرنىڭ سانىلا سەككىز مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. رەسمىي «شاھزادە»لىك ئوتىغاتى بېرىلگەنلىرىنىڭ سانىمۇ بەش مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى تىپىك ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن مۇنارخىيىلىك تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولغاچقا، سەئۇدى جەمئىيىتىدە تەبىقە – دەرىجە تۈزۈمى ئىنتايىن قاتتىق ئىكەن. سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە چوڭ سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خان جەمەتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، كۆپچىلىكى «شاھزادە»لىك ئوتۇغاتىدىن بەھرىمەن بولغان كىشىلەر ئىكەن. مەسىلەن، ھازىرقى سەئۇدى پادىشاھلىقى ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى مۇئاۋىن باش ۋەزىرى، دىپلوماتىيە ۋەزىرى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى، ئېتىز – ئېرىق، سۇ ئىنشائاتلىرى ۋەزىرى، سودا ۋەزىرى قاتارلىق ۋازارەت – ساپارەت دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ «شاھزادە»لىك ئوتۇغاتى بار ئىكەن. شۇڭا، باشقىلارنىڭ سەئۇدى ھۆكۈمىتىنى «خان جەمەتى ھۆكۈمىتى» دېيىشى بىكار گەپ ئەمەس ئىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىنىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ «نېفىت پادىشاھلىقى» دېگەن مەشھۇر نامى بار ئىكەن. 1998 – يىلى يىل ئاخىرىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئېنىقلانغان نېفىت زاپىسى 2 تىرىليون 615 مىليارد 500 مىليون تۇڭغا يېتىدىكەن. دېمەك، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت زاپىسى دۇنيا ئومۇمىي نېفىت زاپىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. شۇڭا، سەئۇدى خان جەمەتى ھەققىدىكى ھەرخىل سۆز – چۆچەكلەرنىڭ ھەممىسى دېگەندەك پۇل ۋە بايلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
مەن ھىجازدىكى مەدىنە ۋە مەككە قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان چاغلىرىمدا باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن سەئۇدى خان جەمەتىنىڭ بەزى قىزىقارلىق ئىشلىرى ھەققىدە قىلىشقان پاراڭلىرىنى ئاڭلىدىم.
1999 – يىلى يازدا، سەئۇدى پادىشاھى فاھىد ئىسپانىيىگە دەم ئېلىشقا بارغانىكەن. پادىشاھ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان مادرىد خەلقئارا ئايروپورتىغا قونغاندا، پادىشاھنىڭ مۇھاپىزەتچى پاسىبانلىرى، مۇلازىم – چاكارلىرى، پادىشاھنىڭ دوست – يار، بۇرادەرلىرى، خانىدان ئەزالىرى ئولتۇرغان ئايروپىلان ۋە ئېغىرلىقى 2 مىڭ كىلوگرام كېلىدىغان تېببىي ئۈسكۈنىلەر، يېمەك – ئىچمەك قاچىلانغان ئايروپىلان، پادىشاھ فاھىدنىڭ 100 گە يېقىن مەخسۇس پىكاپى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر قاچىلانغان ئايروپىلان بولۇپ، يەنە بەش ئايروپىلانمۇ بىللە قونغانىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، شۇ كۈنى پادىشاھقا ھەمراھ بولۇپ بارغانلار بىلەن ھەر دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرۇشقا ئوڭاي بولۇشى ئۈچۈن، پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە 200 نەچچە دانە يانفونمۇ سېتىۋېلىنىپتۇ…
بىر قېتىم سەئۇدى خان جەمەتىدىن بىرەيلەن گېرمانىيىنىڭ بىر لىفت شىركىتى بىلەن سودا توختامى تۈزمەكچى بولۇپتۇ. گېرمانىيە تەرەپ قارشى تەرەپتىن خەلقئارا ئىناۋەتلىك دەرىجىسىنى ئىسپاتلايدىغان كىنىشكىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغانىكەن، ھېلىقى ئەرەب زەردارى خاپا بولغىنىدىن قاشلىرىنى ھىمىرىپ، مۇلازىمغا ئىشارەت قىلىپ قويۇپتىكەن، ئۇنىڭ بەستلىك ئىككى چاكىرى لىق تىللا قاچىلانغان بىر قاپنى يۈدۈپ كىرىپ، «ئالىدىغان نەرسەڭ مۇشۇمۇ»دەپ، ئۇنىڭ بېشىغا تۆكۈپتۇ.
ئەمدى باشتىكى سۆزىمىزگە كېلەيلۇق.
ئەتىسى، مەن بامدات نامىزىنى ئۆتەپ مېھمانخانىغا قايتتىم ۋە دەم ئېلىپ چۈشكە يېقىن غۇسۇل تاھارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، دەل سائەت 12 دە ھەرەم شەرىفنىڭ ئابدۇلئەزىز ئىشىكىگە كەلسەم، ساقچى ئەھمەد شۇ يەردە ھازىر بولۇپ تۇرۇپتىكەن، ئۇ قولۇمدىن يېتىلىگىنىچە ئۇدۇل ھەرەم شەرىفنىڭ ئىچىدىكى «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نىڭ ئالدى ئوڭ بۇرجىكىگە باشلاپ كېلىپ، ئۆزى نۆۋەتچىلىكتە تۇرىدىغان ئورۇننىڭ قېشىدىكى جامائەتنىڭ قاتارىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.
پېشىن نامىزى ئوقۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن، مەن ئىسلامىيەت دۇنياسىدا «رەۋدەتۇ مۇبارىكە» دەپ تەرىپلىنىدىغان بۇ مۇقەددەس تاۋاپگاھنى ئۇدۇلىدىن يەنە بىر قېتىم تولۇق كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نىڭ ئەتراپى سېرىق مىستىن ياسالغان ۋادەكلەر ئارقىلىق ئېھاتىلەنگەنىكەن. ئالدى تەرىپى بىلەن يان تەرەپلىرىگە ئايەتلەردىن تىپىك ئەرەب ئىسلام نۇسخىسىدا گۈل چىقىرىپ ئاجايىپ گۈزەل نەقىش قىلىپ ئىشلەنگەن، پۈتۈن قۇيما پەنجىرە ئورنىتىلغان بولۇپ، مىس پەنجىرىنىڭ ئىچىدىكى ئۆي دەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندە، ئۆز قولى بىلەن سالغان «مەسچىتى نەبەۋى»دىكى «رىيازۇل جەننەت» دەپ ئاتالغان جاي ئىكەن.
«رىيازۇل جەننەت»نىڭ ئالدىدىكى مىستىن ياسالغان پەنجىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تاۋاپچىلارنىڭ «رىيازۇل جەننەت»نىڭ ئىچىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تاۋاپ قىلىشى ئۈچۈن قالدۇرۇلغان قاتار ئۈچ يۇمىلاق تۆشۈك بار ئىكەن. بۇ تۆشۈكلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرىپىدىكى تۆشۈكتىن سەل چوڭراق ئىكەن.
مەن «رىيازۇل جەننەت»نىڭ ئالدىغا كېلىپ ئالدى بىلەن ئوتتۇرىدىكى چوڭ تۆشۈكتىن ئەدەپ بىلەن «رىيازۇل جەننەت»نىڭ ئىچىگە قارىدىم. ئىچىدە قاتار ئۈچ قەبرە تۇرۇپتۇ. ئوتتۇرىسىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك تۇپرىقى بولۇپ، ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى ئىككى قەبرىدىن سەل چوڭراق ئىكەن. ئوڭ تەرەپتىكىسى چاھارىيارلارنىڭ بىرىنچىسى سەييىدىنا ئەبۇ بەكرى رەزىئاللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەبرىسى، سول تەرەپتىكىسى چاھارىيالارنىڭ ئىككىنچىسى سەييىدىنا ئۆمەر بىن ئەلخەتتاپنىڭ قەبرىسى ئىكەن.
سان – ساناقسىز مۇسۇلمان زىيارەتچىلىرىنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى سىلاپ بۈسە قىلىشى ئارقىسىدا سىللىقلىنىپ، خۇددى ئەينەكتەك بولۇپ كەتكەن سېرىق مىس پەنجىرە ھەرەم شەرىفنىڭ ئىچىدىكى خرۇستال چىراغلارنىڭ كۈچلۈك نۇرىدا ئالتۇندەك پارقىراپ كۆزنى قاماشتۇراتتى.
«رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نى زىيارەت قىلىش تەرتىپى ئادەتتە مۇنداق بولىدىكەن:
ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، زىيارەتچىلەر «رىيازۇل جەننەت»نىڭ ئالدىغا كېلىپ، رەسۇلىللانىڭ قەبرىسىگە قاراپ قىيامدا تۇرىدىكەن ۋە ئىككى قولىنى كۆكرىكىگە قويۇپ، ھەمدۇسانالار بىلەن سالام بېرىدىكەن. خالىغان ئايەت – دۇئالارنى ئوقۇيدىكەن. ئەبۇ بەكرى سىدىق بىلەن ئۆمەر ئىبىن خەتتاپلارنىڭ قەبرىلىرىمۇ رەسۇلىللانىڭ قەبرىسىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدە بولغانلىقتىن، زىيارەت ئەھلى بىردەك زىيارەت قىلىشىدىكەن. تاۋاپتىن كېيىن، كەئبىگە يۈزلىنىپ دۇئا قىلىدىكەن. زىيارەت مۇراسىمى شۇنىڭ بىلەن ئادا بولىدىكەن. زىيارەتچىلەر مىس توساقتىن بىر قەدەم نېرى تۇرىدىكەن. توساققا يېقىن بېرىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، ئىلگىرى زىيارەتچىلەر «رىيازۇل جەننەت»نى زىيارەت قىلغاندا، مىس پەنجىرىنى سۆيۈۋېرىپ بارا – بارا ئاڭسىز رەۋىشتىكى خۇراپىيلىق شەكىللىنىپ قالغانلىقتىن، ئاخىر ئۇنى سۆيۈش قەتئىي چەكلىنىپتۇ.
«رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نى زىيارەت قىلىش مەقسىتىمگە يەتكەندىن كېيىن، مەن غەرب تەرەپتىكى ئىشىكتىن ھەرەم شەرىفنىڭ تېشىغا چىقتىم ۋە مەيداندا تۇرۇپ، «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نى سىرتىدىن يەنە بىر نۆۋەت زىيارەت قىلدىم.
«رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نىڭ يېشىل قۇببەسى بولۇپ، قۇببىنىڭ ئاستى تۆت بۇرجەك، سەككىز تەرەپلىك قىلىپ ياسالغانىكەن. «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نىڭ ئېگىزلىكى 16 مېتىر، ئىنى 15 مېتىر بولۇپ، تۆت بۇرجىكىگە ئۈستىدىكى يېشىل قۇببىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان تۆت دانە ئاق مەرمەر تۈۋرۈك قويۇلغانىكەن. «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نىڭ ئۈستىدىكى يېشىل قۇببە ئەڭ دەسلەپتە مىلادىيە 1601 – يىلى سۇلتان سەلىم Ⅱ تەرىپىدىن ياسالغان بولۇپ، تۈرلۈك جاۋاھىراتلار بىلەن نەقىش قىلىنىپ، ئۈستىدىن ئالتۇن ھەل بېرىلگەنىكەن. مىلادىيە 1818 – يىلى، سۇلتان مەھمۇد تەرىپىدىن ئاق قۇببىلىق قىلىپ قايتىدىن ياسالغانىكەن. مىلادىيە 1840 – يىلى يېشىل سىرلىنىپ قايتا رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن، تا ھازىرغا قەدەر ئۆزگەرتىلمەپتۇ.
ئىسلام دىنىدا يېشىللىق ھاياتنىڭ، تىنچلىق ئاسايىشلىقنىڭ سمۋولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نىڭ يېشىل قۇببىسى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھەممەد رەسۇلىللا ئەلەيھىسسالامغا بولغان چەكسىز مېھىر – مۇھەببىتىنىڭ سىمۋولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەدىنىدىكى مۇبارەك قەدەم جايلار
ئالدىن كېلىشىپ قويغىنىمىز بويىچە، بۈگۈن سالىھ ھاجى بىزنى ماشىنىسى بىلەن مەدىنىدىكى بەزى تارىخىي ئىزلارنى زىيارەت قىلدۇرۇپ كەلمەكچى بولدى.
ئەتىگەن سائەت سەككىزدە، سالىھ ھاجى ئۆزىنىڭ «فۇرد» ماركىلىق كىچىك ماشىنىسى بىلەن بىزنى ھەممىدىن ئاۋۋال مەدىنىنىڭ شەرقىي شىمالى تەرىپىگە جايلاشقان ئوھۇد تېغىغا ئېلىپ كەلدى. بىز ئوھۇد جىلغىسىدىكى چوڭ بىر مەيدانغا كېلىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق ۋە ھەممىدىن ئاۋۋال ئوھۇد قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلدۇق.
ئوھۇد قەبرىستانلىقى بۇ يەرگە مىلادىيە 625 – يىلى 3 – ئايدا ئوھۇد تېغىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا قۇربان بولغان يەتمىش مۇسۇلمان جەڭچىسى دەپنە قىلىنغانىكەن.
مۇسۇلمان تارىخچىلىرىنىڭ يازغانلىرىدىن قارىغاندا، مەككە مۇشىرىكلىرى بەدرە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەبۇ سۇفيان 3 مىڭ مۇشىرىكقا باشچىلىق قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مەدىنە مۇسۇلمانلىرىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە، ھىجىرىيە 3 – يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 10 – كۈنى (مىلادىيە 625 – يىلى 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى) مەدىنىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن ئاللىبۇرۇن خەۋەر تاپقان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۈشمەننىڭ سۇيىقەستىنى بىت – چىت قىلىش ئۈچۈن ئەبۇ بەكرى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بىلەن بىللە 1000 مۇسۇلمان جەڭچىسىنى باشلاپ، ئوھۇد تېغىدا بۆكتۈرمىدە ياتىدىكەن. بىراق مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈز بېرىپ، بۆكتۈرمىدە ياتقان مۇسۇلمان ئوقچىلىرى قوماندانلىققا بويسۇنماي، ئىستىھكامدىن ئۆز ئىختىيارىچە ئايرىلغانلىقتىن، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، زور تالاپەت بېرىدىكەن.
ئوھۇد ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلار سېپىدىن يەتمىش جەڭچى قۇربان بولۇپ كېتىدىكەن. قۇربان بولغانلارنىڭ ئارىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمزە دېگەن تاغىسىمۇ بار ئىكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىمۇ بۇ ئۇرۇشتا يارىلىنىپ، ئىككى تال چىشىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن.
ئىسلامىيەت تارىخىدا ئوھۇد ئۇرۇشى مۇسۇلمانلار مەغلۇپ بولۇپ، زور تالاپەتكە ئۇچرىغان بىر قېتىملىق ئۇرۇش بولۇپ، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەمەلىي قانلىق پاكىتلار بىلەن مۇسۇلمانلارغا: «ئىتتىپاق بولۇش، جاسارەتلىك بولۇش، قوماندانلىققا قەتئىي بويسۇنۇش» قاتارلىق تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ بېرىدىكەن ۋە بۇ يەتمىش شېھىتنى ئوھۇد جىلغىسىغا دەپنە قىلىشنى بۇيرۇيدىكەن.
مەسچىت قىبلەتەينى «مەسچىت قىبلەتەينى» ئىسلامىيەت تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەشھۇر جايلارنىڭ بىرى. چۈنكى ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سەجدىگاھىنىڭ پەلەستىندىكى ئېرۇسالىمدىن مەككىدىكى بەيتۇل ھەرەمگە ئۆزگەرتىلىشىدەك زور تارىخىي ۋەقەنىڭ شاھىدىدۇر. مۇسۇلمان تارىخچىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى ۋاقتىدا بەيتۇللاغا قاراپ ناماز ئوقۇيدىكەن، مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن، مۇھاجىر، ئەنسارلارنى باشلاپ سەجدە قىلىدىغان قىبلىنى شىمالغا جايلاشقان ئېرۇسالىمدىكى قۇددۇس شەرىفكە ئۆزگەرتىپتۇ. ئېرۇسالىم ئىسلامىيەت رىۋايەتلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇراققا مېنىپ مئىراجغا چىققان يەر ئىكەن. شۇڭا، مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە ئېرۇسالىمدىكى قۇددۇس شەرىف مەدىنىدىكى ھەرەم شەرىف بىلەن مەككىدىكى بەيتۇل ھەرەمدەكلا مۇقەددەس دەپ قارىلاتتىكەن.
ھىجرىيە 2 – يىلى شەئىبان ئېيىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى (مىلادىيە 624 – يىلى 11 – ئاي)، پەمغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇ مەسچىتتە جامائەت بىلەن بىللە ناماز ئوقۇۋاتقاندا، تۆت رەكئەت نامازنىڭ ئۈچىنچى رەكئىتىدە «ئاللا ئۇنىڭغا قىبلىنىڭ كەئبە تەرەپكە قاراپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ۋەھىي قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدا تۇرۇپلا قىبلىنى ئۆزگەرتىپ كەئبە تەرەپكە يۈزلەندى، ئارقىسىدىكى ناماز ئوقۇۋاتقانلارمۇ ئەگىشىپ كەئبە تەرەپكە قاراپ يۈزلەندى…»مۇھەممەد خۇزەرى: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى». شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983 – يىل 1 -ئاي 1 – نەشرى. 158 – بەت.شۇڭا، تارىختا بۇ مەسچىتتە ئېرۇسالىم جايلاشقان شىمال بىلەن كەئبە جايلاشقان جەنۇب تەرەپتە بىردىن ئىككى مېھراپ بولغانلىقتىن «مەسچىت قىبلەتەينى» (ئىككى قىبلىلىق مەسچىت) دەپ ئاتالغانىكەن.
مەسچىتى قۇبا «مەسچىتى قۇبا» مەدىنە بويىچە تۇنجى مەسچىت بولۇپلا قالماستىن، ئىسلامىيەتتىمۇ تۇنجى قېتىم بەرپا قىلىنغان مەسچىت ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ مەدىنە شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان قۇبا دېگەن قەدىمكى بىر بازارغا جايلاشقانلىقتىن، «مەسچىتى قۇبا» دەپ ئاتالغانىكەن. بۇ بازارنىڭ ئورنىدا قەدىمدە «قۇبا» دېگەن بىر قۇدۇق بولغانلىقتىن، بۇ بازارمۇ ئاشۇ قۇدۇقنىڭ نامى بىلەن «قۇبا» دەپ ئاتالغانىكەن.
«مەسچىتى قۇبا» قېلىن خورمىزارلىق ئارىسىغا جايلاشقان ھاۋالىق، كاتتا ۋە ھەيۋەتلىك بىر مەسچىت ئىكەن. بۇ مەسچىتتە ئون مىڭ ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالايدىكەن. مەسچىتنىڭ ئىچى ئېگىز، يورۇق، ئازادە بولۇپ، ئاستىغا بىر كىشىلىك جايناماز شەكىلدە توقۇلغان گۈزەل پارس گىلەملىرى سېلىنغانىكەن.
تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، ھىجىرىيە تۇنجى يىلى رەبيەل ئاۋۋالنىڭ 8 – كۈنى (مىلادىيە 622 – يىلى 9 – ئاينىڭ 20 – كۈنى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندە، قۇبادىكى بەنى ئەمرى ئىبنى ئەۋف جەمەتىنىڭكىگە چۈشكەنىكەن. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇبادا بىرقانچە كۈن تۇرۇپ، بۇ يەردە بىر مەسچىت سالدۇرغانىكەن».
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە تۇرغان مەزگىلدە، ھەر شەنبە كۈنى قۇباغا چىقىپ، بىر ۋاخ ناماز ئوقۇپ كېلىدىكەن ۋە كىشىلەرنىمۇ مەسچىتى قۇباغا كېلىپ بىر ۋاخ ناماز ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلغانىكەن. شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قالغان بىر ھەدىستە: «مەسچىتى قۇبادا بىر ۋاخ ناماز ئوقۇسا، بىر قېتىم ئۆمرە ھەج قىلغان بىلەن باراۋەردۇر» دېيىلگەن.
جەننەتۇل بەقىيئو ئۇ مەدىنىدىكى مەشھۇر چوڭ قەبرىستانلىقنىڭ نامى بولۇپ، ھەرەم شەرىفنىڭ شەرقىدىكى كوچا بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىكەن. ئەينى يىللاردا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ قەبرىستانلىقنى يوقلاپ تۇرۇشنى ناھايىتى شەرەپ بىلەتتىكەن. ھەتتا كېچىلىرىمۇ كۆپ قېتىم بۇ قەبرىستانلىققا چىقىپ دۇئا قىلار ئىكەن.
گۈزەل شەھەر مەدىنە
مەدىنىدە بۈگۈن ھاۋا سەل تۇتۇق ئىدى. ئەتىگەندە ياغقان ئازراق يامغۇر بىلەن ھاۋا بىر ئاز بولسىمۇ سالقىنلىدى. تۈنۈگۈن ئالدىن كېلىشىۋالغىنىمىز بويىچە، سائەت سەككىزدە سالىھ ھاجى مەدىنە شەھىرىنى كۆرسەتمەكچى بولۇپ، بىزنى كوچىغا باشلاپ چىقتى.
مەدىنە ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھىجاز ۋادىسىغا جايلاشقان، ئاھالىسى 200 مىڭدىن ئاشىدىغان زامانىۋى ئوتتۇرا ھال شەھەر ئىكەن. ئۇ قەدىمدىن تارتىپ ھىجازدىكى مۇھىم بىر قاتناش – سودا تۈگۈنى بولغاچقا، ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانى بويىچە ئەڭ چوڭ سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپتۇ. 20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدىن باشلاپ، مەدىنىدە چوڭ – كىچىك سودا ماگىزىنلىرى، بانكا – سەرەپخانىلار، ئاھالىگە خىزمەت قىلىدىغان تۈرلۈك شەھەر مۇئەسسەسەلىرى ۋە ئاھالە ئولتۇراق بىنالىرى ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، تېز تەرەققىي قىلىپتۇ. سەئۇدى ھۆكۈمىتى 1961 – يىلى بۇ شەھەردە ئەرەبىستان بويىچە ئاتاقلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان مەدىنە ئۇنىۋېرسىتېتىنى بەرپا قىلىپتۇ. جەنۇبتىكى مەككە بىلەن غەربتىكى جىددىگە تۇتىشىدىغان ھاۋا – قۇرۇقلۇق يوللىرى ياسىلىپتۇ.
بىز ماگىزىنلارنى ئارىلاپ، مەدىنە مەھكىمە شەرئىنىڭ يېنىدىكى ئېلېكتر بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان چوڭ بىر ماگىزىنغا كىردۇق. بۇ ماگىزىندا جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورىيىدە ئىشلەنگەن سۈپەتلىك ئېلېكتر بۇيۇملىرى سېتىلىدىكەن، سودىسىمۇ ناھايىتى بەلەن بولۇۋېتىپتۇ. ماگىزىن خوجايىنى بۇ چاغدا مىسىردىن كەلگەن بىر خېرىدارغا كىچىك بىر سىنئالغۇنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارىنى چۈشەندۈرۈۋېتىپتىكەن. مەن مال جازىسىدا تىزىقلىق تۇرغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ رادىئونى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ، پرىكازچىكقا «ئۇنى ئېلىڭ!» دەپ ئىشارەت قىلدىم. مەن بۇ رادىئونى كۆرۈۋېتىپ ئارقىسىدىكى: «جۇڭگودا ئىشلەنگەن» دېگەن ئىنگلىزچە خەتنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز «دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن رادىئو ئىكەن!» دەپ سالدىم. مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىگىنىمنى ئاڭلىغان ھېلىقى ماگىزىن خوجايىنى دەرھال قېشىمغا كەلدى ۋە ساپ ئۇيغۇر تىلىدا: «شۇنداق، بۇ رادىئو جۇڭگودا ئىشلەنگەن، سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى!» دېدى، ئاندىن مېنىڭدىن: «سىز قەشقەرىمۇ؟» دەپ سورىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستانىلىقلارنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنى «قەشقەرى» دەپ ئاتايدىغانلىقىدىن خەۋىرىم بار ئىدى. شۇڭا، مەنمۇ دەرھال: «ھەئە، مەن قەشقەرى، سىزچۇ، سىز ئەرەبمۇ؟ ئۇيغۇرچىنى ئەجەب ئوبدان سۆزلەيدىكەنسىز؟» دەپ قايتۇرۇپ سورىدىم.
- ھەئە، مەن ئەرەب، ئىسمىم ئابدۇللا سەئۇدى، دېدى ئۇ خۇشخۇيلۇق بىلەن، سودا ئىشى بىلەن دۆلىتىڭلاردىكى گۇاڭجۇ، شاڭخەي، تيەنجىنلەرگە كۆپ بارغانمەن. ئۈرۈمچى، غۇلجا ۋە قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرگىمۇ كۆپ بارغانمەن. زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن قەشقەرىيە تىلىنى شۇ چاغلاردا ئۆگىنىۋالغانمەن!
مېنىڭ ماگىزىن خوجايىنى بىلەن قىزغىن سۆھبەتكە چۈشۈپ كەتكەنلىكىمنى كۆرگەن سالىھ ھاجى ئۈرۈمچىلىك تۆت خۇيزۇ ئايالنى باشلاپ ماگىزىن ئايلىنىش ئۈچۈن كەتتى.
مەن مەدىنىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان كۈنلەردە، ئەرەبلەرنىڭ ئىنگلىز تىلىنى خۇددى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئەرەب تىلىدەكلا ياخشى سۆزلەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق ھەيران بولغانىدىم.
بىر كۈنى، تالادىكى ئىسسىقتىن قېچىپ، ھەرەم شەرىفنىڭ ئىچىدە سالقىندىغاچ كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتىم، ياش بىر ئادەم يېنىمغا كەلدى – دە، «سىز ئىنگلىزمۇ؟» دېگەن مەنىدە مېنىڭدىن ئىنگلىزچە گەپ سورىدى. مەن «NO!» دەپ، بېشىمنى چايقىدىم. ئۇ ئاندىن ماڭا ئەرەبچە گەپ قىلىۋېدى، مەن ئۇنىڭ سۆزىدىكى «سەدىقە» دېگەن ئەرەبچە سۆزدىن مېنىڭدىن سەدىقە سوراۋاتقانلىقىنى پەملىدىم. مەن ھەرەم شەرىف ئىچىدە سەدىقە بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. شۇڭا، ئۇنىڭدىن: «سەن نەلىك؟» دەپ ئىما – ئىشارەت ئارقىلىق سورىدىم. ئۇ: «مەن كەشمىرلىك» دەپ ئىنگلىزچە جاۋاب بەردى.
ئەقەللىيسى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدىن ئىككى ھەرەمنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەن ھەقىر – پەقىر ئادەملەرمۇ ئەرەب تىلىدا ياكى ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىكەن. ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ ياۋىسى بولغان بەدەۋىيلەرمۇ باشقىلار بىلەن ئىنگلىز تىلىدا شۇنداق راۋان سۆزلىشەلەيدىكەن. مەن بۇنىڭدىن سىرنىڭ نېمىلىكىنى يېشەلمەي كېلىۋاتقانىدىم. بۈگۈنكى بۇ تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئابدۇللا سەئۇدى دېگەن ئەرەب سودىگىرى بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئانا تىلىمدا سۆزلىشىپ، بۇ سىرنى يەشمەكچى بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلغان ئۇزۇن سۆھبەت بۇ تېمىنى دەۋر قىلغان ھالدا قانات يېيىشقا باشلىدى.
ئابدۇللا سەئۇدى يېشى ئەللىكتىن ئاشقان، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە ئوقۇمۇشلۇق ئەرەب ئىكەن.
سىلەر ئەرەبلەر ئىنگلىزچىنى ئوبدان سۆزلەيدىكەنسىلەر، دېدىم مەن ئۇنىڭغا، ئۆزۈم قىزىقىدىغان بۇ ئىشنىڭ سىرىنى يەشمەكچى بولۇپ، سىلەر ئىنگلىزچىنى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆگەنگەنمۇ؟
نەدىكىنى دەيسىز، دېدى ئۇ جاۋابەن، پۈتۈنلەي ئۆزىمىز ئۆگەنگەن. رەھىمسىز رېئاللىق بىزنى ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇر قىلدى.
- رەھىمسىز رېئاللىق دەمسىز؟ دەپ سورىدىم ئۇنىڭ سۆزىنى چۈشەنمەي، رەھىمسىز رېئاللىق، دەپ سىز نېمىنى كۆزدە تۇتماقچى؟
- ياشاش مۇھىتى، تىرىكچىلىك ۋەسۋەسىسى بولمامدۇ، دېدى ئۇ كۈلۈپ كېتىپ، ياشاش مۇھىتى، تىرىكچىلىك ۋەسۋەسىسى بىزنى ئىنگىلىزچىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر قىلدى. بولۇپمۇ، 1948 – يىلى پارتلىغان بىرىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا ئەرەبلەر ئىنگلىزلار قوللىغان ئىسرائىلىيىلىكلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، غەربلىكلەر ئەرەب زېمىنىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. بىز ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا، ئۇلار بىلەن سودا قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق. پۇل تېپىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ چۆنتىكىدىكى پۇلنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلىنى ئىنگلىز تىلىنى بىلمەي زادى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇق. ئىنگلىزلارنىڭ ئەرەب زېمىنىغا سىڭىپ كىرىشى يامان ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاللا بىزگە ئاتا قىلغان بىر قېتىملىق پۇرسەت، ياخشى سودا پۇرسىتى ئىدى. شۇڭا، ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىش بارلىق ئەرەبلەر ئۈچۈن بىر خىل مودا ئىشقا ئايلاندى، بايلىق يامان ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئىنگلىزلاردا پۇل كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئىنگلىزلارنى پەقەت پۇل ئارقىلىقلا مەغلۇپ قىلىش مۇمكىن.
مەن ئابدۇللا سەئۇدىنىڭ بۇ سۆزىگە قايىل بولدۇم ۋە:
- شۇنداق، ھازىرقى زامان دۇنياسى رىقابەت دۇنياسىدۇر، دېدىم ئۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، بىراق، بۇ رىقابەت بوران – چاپقۇنلار بىلەن تولغاندۇر. ھەرقانداق بىر ئادەم، ھەرقانداق بىر مىللەت، ھەرقانداق بىر خەلق بوران – چاپقۇنلۇق كەسكىن رىقابەت ئىچىدە دۇنيادىكى باشقا تەرەققىي تاپقان مىللەتلەر قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشنى خالايدىغان بولسا، چوقۇم بېشىنى تىك تۇتۇپ، بۇ رىقابەتنى كۈتۈۋېلىشى لازىم. دۇنيا بىزنى بىلىشى، بىز دۇنيانى تېخىمۇ بىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن خۇددى سىز ئېيتقاندەك ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەنمەي زادىلا مۇمكىن ئەمەس…
- ناھايىتى توغرا ئېيتتىڭىز، دېدى ئۇ مېنىڭ سۆزۈمنى ماقۇللاپ، دۆلىتىڭلار WTO غا كىرىش ئالدىدا تۇرىدۇ (شۇ مەزگىلدە دۆلىتىمىز تېخى خەلقئارا سودا كېلىشىمى تەشكىلاتىغا ئەزا ئەمەس ئىدى). بۇ ئاللا سىلەر ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن ياخشى بىر پۇرسەت، دۇنيا ناھايىتى زور رىقابەت دېڭىزىدۇر. كىشىلەر مۇشۇ قاينام – تاشقىنلىق رىقابەت دېڭىزىدا خىرامان ئۈزەلەمدۇ ياكى رىقابەت دېڭىزىنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىرىغا غەرق بولۇپ كېتەمدۇ؟ بۇ ھەر بىر كىشى ئوبدان ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم مەسىلە…
(داۋامى كېيىنكى ساندا)
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=124