ئەخلاقنىڭ ئۆلچىمى بولمايدۇ
ئامېرىكىدا يولۇققان ئىككى كىچىك ئىش ھېلىمۇ ئىسىمدە.
مەن بىر قىتىم ۋاشىنگتون مۇزېيى ئالدىدا ئۇچىسىغا پەلتۇ كىيىۋالغان بىر ئەرنىڭ ئېڭىشىپ تۇرۇپ يەردىن قەغەز پارچىلىرىنى تېرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. شامال بىر قەغەز پارچىسىنى ئۇچۇرۇپ كەتكەندە ئۇ خۇددى كىپىنەكنى قوغلىغاندەك قەغەزنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ، ئاخىرى قەغەزنى تۇتۇۋالدى، ئاندىن بارلىق قەغەز پارچىلىرىنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاپ كېتىپ قالدى. مەن بۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنى ھازىرغىچە بىلمەيمەن.
يەنە بىر قىتىم مەن چېكاگودىكى بىر موزىكا زالىنىڭ ئارام ئىلىش ئۆيىگە كىردىم. ئارام ئىلىش ئۆيىدە تاماكا چېكىشكە بولاتتى. بۇ ئۆيگە تەلەڭگە چوڭلۇقىدىكى بىر قانچە كۈلدان قويۇلغان بولۇپ، تاماكا كۈلىنىڭ توزۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۈلدان ئىچى قۇم بىلەن تولدۇرۇلغاندى. لىكىن كۈلدان ئىچىدە بىرمۇ تاماكا قالدۇقى كۆرۈنمەيتى. مەن قولۇم بىلەن كۈلدان ئىچىنى كولىغىنىمدا قۇم ئارىسىدىن بىر قانچە تاماكا قالدۇقى چىقتى. ئەسلىدە كىشىلەر تاماكا قالدۇقىنى قۇم ئاستىغا كۆمۈپ قويغانىكەن.
بەزىلەر ئامېرىكا مەدەنىيىتى تېيىز، ئەمما تەلىم – تەربىيەسى ناھايتى ياخشى دەپ قارايدۇ. مەن بۇ قاراشقا قوشۇلىمەن. تەلىم – تەربىيە ياخشى بولسىلا كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يوقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئەخلاقنىڭ ئاساسىي باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1438