![]() |
زەردار ئانىلارنىڭ رىقابىتى
ئەكبەر ھېمىت
مەن ئۇلارنى زەردار ئانىلار دەپ ئاتىدىم. ئەلۋەتتە بۇ يازمىدا تىلغا ئىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئىسمى مۇئەللىپكە ئايدىڭ ئەمەس. نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئاتىدىم ؟!
ئۇ ئاخىرقى قېتىملىق ئىمتىھان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئىمتىھاندىن چىقىشىغا ئانچە كۆپ ۋاقىت قالمىغانىدى. بىردەمنىڭ ئىچىدىلا ئاسماندىن چۈشكەندەك ئادەملەر كۆپىيىپ كىتىشتى. شۇ چاغدا يوغان كۆتەكتەك ئىككى ئايال مېنى ئوبدانلا قستاپ يېنىمغا كىلىپ تۇرۇشتى. ئىككى ئايال يەلپۈگۈچ بىلەن ئۆزلىرىنى توختىماي يەلپۈيتتى… مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ مىڭ تەسلىكتە ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئۆتتۈم. ھەر ئىككىسىنىڭ بويۇنلىرىدا چىمچىلاق قولدەك توملۇقتا ئالتۇن زەنجىر، قۇلىقىدا ئايسۆكى بار ئىدى. يەلپۈگۈچ تۇتقان قولنىڭ باش بارمىغىدىن باشقىلىرىدا قاتار سىلىنغان ئۈزۈكلەر قوياش نۇرىدا ۋال – ۋۇل چاقنايتتى. ئىككىيلەن بىر – بىرى بىلەن ناھايتى قىزغىن پاراڭ سېلىشىۋاتاتتى. ئەرلىرىنىڭ قايسى سودىدىن قانچىلىك پايدا ئالغانلىقى، شەھەرنىڭ قايسىدۇر بىر يىرىدىن قانچە يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغانلىقىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي تىلغا ئىلىشىۋاتاتتى. بىر – بىرى بىلەن سەنلىشىپ تۇرۇپ ئىيتىۋاتقان بۇ گەپلىرىدىن ئۇلارنىڭ خېلى يېقىن ئۆتىدىغان دوستلار ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولاتتى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى بۇ يەردە ئىمتىھان بىرىدىغان قىزلىرىنى ساقلاۋاتقانىكەن. ئۇنىڭغىچە قوڭغۇراق چىلىنىپ بالىلارمۇ ئىمتىھاندىن چىقىشتى. بىر چاغدا ئىككى قىز تەڭلا كىلىپ، بىر – بىرىنىڭ ئانىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ يۈز يىقىشتى. بىزنىڭ بالىلار تولۇق يىغىلىپ بولالمىغانلىقتىن كەلگەنلىرىنى ئۇتتۇرلۇق بىر يەرگە جەم قىلىپ تۇرۋاتاتتۇق. ئاياللارنىڭ بىرىگە تېلېفۇن كەلدى، ئۇ تېلېفۇننى قويىۋىتىپ، دوستى بىلەن خوشلىشىپ قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ كېتىپ قالدى.
ـ ئۇنداق يازدىم، مۇنداق يازدىم دەيدۇ تېخى، سېپى ئۆزىدىن ئانىسىدەك داغۋاز بىر نېمە بولغۇدەك، ئەتە – ئۆگۈن كۆرىمىز تېخى، قايسىمىزنىڭ بالىسىنىڭ قانداقلىقىنى…، ـ دېدى “ دوستى “ تېخى ئىككى قەدەم يىراقلىشا – يىراقلاشماي، ھېلىقى يوغان ئاياالارنىڭ بىرى.
ـ شۇ، بوشراق پو ئاتسا بولىدۇ، ئاغزىغا سالغۇم كىلىپ كەتتى مېنىڭمۇ، ـ بولۇشتى ئۇنىڭ قىزى.
ـ سەن قانداقراق يازدىڭ ؟ ـ ياندۇرۇپ سورىدى قىزنىڭ ئانىسى.
ـ ئىشقىلىپ يازدىم، ئاۋۇ خوتۇننىڭ قىزىدىن كېيىن قالماسمىنا.
ـ ھىم، ئىشقىلىپ يازدىم دەيسەنغۇ، ئاۋۇ ئىنجىمارۇقتىن كېيىن قالساڭ، كۆرىدىغان كۈنۈڭ بار جۇما.
شۇ ھامان قىزنىڭ چىرايى قايغۇلۇق تۈسكە كىردى.
ئۇلا كىتىپ قىلىشتى. ئەمدى بولغاندا ئۇ ئاياللارنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرى، قۇلاق، بويۇن، بارماقلىرىغا تاقىۋالغاننىڭ ھەممىسى بىر – بىرىگە كۆز – كۆز قىلىنۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. ئەمدى داغۋاز ئاياللار ئۈچۈن بالىلىرىنى دو تىكىدىغان زامان كەپتۇ – دە! بالىلاردا نېمە گۇناھ. ئاشۇ بىگۇناھ، ئەمما زەھەرلىنىۋاتقان قىزلارغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى، ئاشۇ نارسىدىلەرنى بىر – بىرىدىن كېيىن قالغىنى ئۈچۈن تاپا – تەنىگە چىدىماي بىرەر ئىش چىقىرىپ قويمايدۇ، دەپ ئىيتالمايمىز. ئۇنىڭسىزمۇ بۇ ھەقتىكى پاجىئەلەرنى گېزىت – ژورنال ۋە ئېنتىرنىتتىن كۆرۈپ تۇرۋاتىمىزغۇ؟! ئالامان ئارىسىدا قايغۇلۇق كەيپىيات بىلەن كىتىۋاتقان قىزنىڭ يوقىلىۋاتقان گەۋدىسىگە قاراپ، ھەر ئىككى قىز ئوخشاش نومۇرغا ئىرىشكەي، شۇندىلا ئۇلار ئىشتىدىغان تاپا – تەنە ئازايغۇدەك، دەپ ئويلىدىم.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1861