تۇرمۇش خاتىرىسى

تاپقىنىنى ئۇدۇللۇق خەجلىۋېتىدىغانلاردىن بولۇپ قالماڭ

ئائىلە روزغارچىلىقى بەئەيىنى شاھمات ئوينىغانغا ئوخشايدۇ . شۇڭا ، ئالدى بىلەن بۇ شاھماتتا يىڭلىپ قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلغۇلۇق . ئائىلە روزاۋانچىلىقى يەنە كېلىپ پايانىسز ئوكياندا دولقۇن يىرىپ كېتىۋاتقان كېمىگە ئوخشايدۇ . دېڭىز سەپىرىدە ھەممىدىن موھىمى بىخەتەرلىك ! شۇڭا . ئۇنىڭدا مەنزىلگە قاچان يىتىپ بارامەن . دېگەننى ئەمەس ، بەلكى كېمەم چۆكۈپ كەتمىسىدى ، دېگەنىنى ھەممىدىن ئاۋۋال نەزەرگە ئېلىشىشڭىز كېرەك . مىڭىبىر مۇشەققەتتە جۈغلىغان بايلىقىڭىزنى بالا -قازادىن ئامان ساقلاش ئۇچۇن ، ئالدى بىلەن ئالىمادىس كېلىشمەسلىكلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايھەسى تۈزۈۋېلىڭ ، لايھەىڭىزدە دەپىئى -دۇنيارىڭىزغا زىيان -زەخمەت كەلتۈردىغان خىيىم -خەتەرلەر ۋە خەتەردىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى تولۇق ئەكىس ئەتسۇن . دەپئى – دۇنيارىڭىزنى ئامان ساقلاش ئۈچۈن ، كېلىشمەسلىكلەرگە ( جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايھەسى ) تۈزۈشتە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىڭ .
سەمىڭىزدە بولسۇنىكى ، تاپقان -تەرىڭىزنىڭ ھەممىسنى ئىستىمال ياكى سېلىنمىغا سەرىپ قىلۋەتمەڭ .
تاپىقىنىنى ئۇدۇللۇق خەجلىۋېتىدىغانلار مۇنداق ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ : بىر ى ئائىلىۋى كىرىمىنىڭ ھەممىسىنى ئىستىمالىغا ئۇدۇللۇق سەرىپ قىلىپ تۈگىتىپ ، ئالتايياز تۈر تۆكۈپمۇ تۆت تەڭگە پۇل يىغالمايدىغانلار . بۇنداقلا ، ئالىمادىس بېشىغا كۈن چۈشۈپ قالسا ، يامان كۈنلەرگە بەرداشلىق بىرەلمەي ، باشىقلارنىڭ قولىغا قاراپ قالىدۇ . يەنە بىر ى ، تاپقان -تەرگىنىنىڭ ھەممىسىنى پاي چېكى -ئۆي -مۆلۈك دېگەندەك خەتەرلىك تۈرلەرگە مەبلەخ سېلىۋېتىدىغانلار . بۇنداقلارنىڭ ھېسابىتىكى دەپئى -دۇنياسى خىل بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنداق مال -مۆلۈكىنى زۆرۈر تېپىلغاندا نەقلەشتۇرۇش بەسىي مۈشكۈل . شۇڭا ، بۇنداقلارنىڭ ھېسابتىكى مال -دۇنياسى تەبىئى ئاپەت ، ئالىمادس كېلىشمەسلىكلەر ۋە پۇل مۇئامىلىسى بۆھرانى كۆرۈلگەن چاغلاردا ھەش -پەش دېگۈچە تپىدەك توزۇپ كېتىدۇ . ياكى بىر سېنىتقا ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ .

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2482

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-08-29
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: