تۇرمۇش خاتىرىسى

بۇ رىۋايەت ئەمەس …… ئالتىنچى باب

سارسۈمبە خۇددى دەلىلقان سۇگۇربايوف ئېيتقاندەك بىر ئايغا قالمايلا يەنە قولغا قايتىپ كەلدى.

                                                                                                                                                  ــ “ ئانا يۇرت “ تىن ( 1744 – بەت )

ئون ئىككى نەپەر باندىت، ئوتتۇز نەپەردىن ئوشۇق تۇتقۇن، تاقىر، چۆل – دالا، دەريا بويىدا بىزگە يەنە يېڭى تۇتقۇنلار ۋە باندىتلار قوشۇلغانىدى، باندىتلار بىزنى يالاپ ئېلىپ ماڭدى. دەريا ئاستا – ئاستا كەينىمىزدە قالدى، ئېرتىش يىراقتا، ئاشۇ بىر خوشلاشقان دەريا بويىدا تېخىچىلا جايىدىن مىدىرلىماي تۇراتتى. يۈرىكىم سېلىپ، ھاياجانلىنىپ كەتتىم، ئۇنىڭ ئوماق، ئاناردەك قىپقىزىل چىرايى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ، كۆڭلۈمنى مىسكىنلەشتۈرۋەتتى. “ ئېرتىش جېنىم، سېنى يەنە كۆرەرمەنمۇ!؟… ”

دۈكۈرلىگەن تۇياق ئاۋازى، ئۈزۈلگەن خىيال. يەنە چۆل – دالا.

كەچ كىردى. ئۇزۇندىن – ئۇزۇنغا سوزۇلغان تاشلىق ئېدىر. مەن جەڭچىلەرگە بۇيرۇدۇم: “ سايغا بارغاندا ھەر بىرىڭلار قولۇڭلارغا تاش ئېلىۋېلىڭلار، مەن بۇيرۇق بەرگەن ھامان ھۇجۇم باشلاڭلار!… ”

تاشلىق سايدىن ئۆتۈۋاتقاندا مەن بۇيرۇق بەردىم: “ ھۇجۇم!

باندىتلارغا بوراندەك ئېتىلدۇق. ئۇلار ھودۇقۇپ، قورقۇپ، تەمتىرەپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. بىرىنى نەق مەيداندىلا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتتۇق. قالغانلىرى قورقۇپ تېزلا تەسلىم بولدى. باندىتلارنى ھەيدەپ “ تاشبۇلاق ” قا كەلگەندە نۇراقىننىڭ ئاۋۇلى قوزغىلىپ قۇيرۇچۇق بولۇپ كەتكەنىكەن. ئەرلىرى تاغقا چىقىۋاپتۇ، ئۇ يەردە ئازراق دەم ئېلىپلا توختىماي ئالغا يۈرۈپ كەتتۇق.

چىمىنىققا كەلدۇق. بىر خاماندا دان تېرىپ يەۋاتقانىدۇق، بىزنىڭ قىسىملارنىڭ ئالدىنقى قاراۋۇلى بىزنى كۆرۈپ قاپتۇ. مەن ئۇنىڭغا خەت يېزىپ بىر جەڭچىنى ئەۋەتتىم. چىنىمىز كۆرەگە كەلگەندە مۇڭغۇللار بىزنى قارشى ئالدى. ئۇلار :

ـ باشلىقىڭلار كىم ؟ ـ دېدى.

جەڭچىلەر مېنى كۆرسىتىشتى.

ـ سىلەرگە نېمە كېرەك؟ ـ دەپ سورىدى ئۇلار.

ـ قورساق ئاچ، ـ دېدىم مەن، ـ قوي بېرىڭلار، قىسىمغا بارغاندا قايتۇرىمىز.

ئۇلار ئىككى قوي بەردى. قازاندا پىشۇرۇپ ھوزۇر قىلدۇق. ئاندىن يورغان سۇمۇلغا كەلگەندە قىسىم ئىككى دېشلو ھارۋا ئەۋەتتى. بىزنىڭ قىسىم قوبۇقتىكى بالجىت ۋاڭ ئوردىسىغا جايلاشقانىكەن. ئۇھ، ئاخىرى قىسمىمىزنى تاپتۇق!…

ئەتىسى پولكنىڭ مۇۋەققەت كوماندىرى، مايۇر سالاھىدىن سىدىقوف كەلدى. پولك قىسقارتىلىپ بىر دېۋىزىيون بوپتۇ، مەن دېۋىزىيون ئىشتاب باشلىقى بولدۇم. ماڭا يېڭى كىيىم ئېلىپ كېلىشتى. مەن كىيىشنى رەت قىلدىم :

ـ مەن بۇ كىيىمنى كىيمەيمەن، ـ دېدىم ئۇلارغا ـ باندىتلاردىن ئۆز كىيمىمنى قايتۇرۋالىمەن!…

بۇ چاغدا قۇيرۇچۇقلار مامىنبەگنىڭ ئاۋۇلىغا تەگكەن ۋە نۇرغۇن چارۋا مالنى بۇلاپ ماڭغانىدى. قوماندانلىق ماڭا قارغايتىغا بېرىپ، ئاشۇ ماللارنى قايتۇرۇپ كېلىشنى بۇيرۇدى ۋە بەش كۈنلۈك مۆھلەت بەردى. مەن ئاتمىش نەپەر جەڭچىنى تاللاپ قارغايتىغا جۆنەپ كەتتىم. ئۈچ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ قۇيرۇچۇقلار بۇلاپ كەتكەن ئىككى مىڭ تۇياق قوينى قايتۇرۋالدىم. قويلارنى ماڭدۇرۋېتىپ، كالا ۋە تۆگىلەرنى قايتۇرۇشقا ئاتلاندىم. بۇلاڭچى، قۇيرۇچۇق قىسىملار بىلەن قاتتىق ئېتىشتۇق. مېنىڭ پۇتۇمغا ئوق تەگدى. باندىتلار بىر كالىنى سويۇپ يېيىشىۋاتقانىكەن. بۇ بۇلاڭچى قىسىمغا باش بولۇپ، ھېلىقى، مېنى جىلغىغا باغلاپ تاشلاتقۇزىۋەتكەن مۇھەممەد باتۇر كەلگەنىكەن. مەن ئۇنى قورشاپ تىرىك تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىۋاتقىنىمدا قازاق جەڭچى يۇنۇس تۇيۇقسىز ئۇنى ئېتىپ تاشلىدى…

……………………………. ※ ………………………………. ※ …………………………… ※…………………………..

 

1947 ـ يىلى 15 ـ ئۆكتەبىر كۈنى مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى ئۈچ يۆنىلىشكە بۆلۈنۈپ، ئالتاي ۋىلايىتىنى بېسىپ ياتقان ئوسمان ئىسلام قوشۇنلىرىغا ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم باشلىدى. ئۈچىنچى كۈنى سارسۇمبە بازىرى قايتۇرۋېلىندى. 23 ـ ئۆكتەبىر كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى ئالتاي ۋالى مەھكىمىسىنىڭ تەشكىلى ئاپاراتى قۇرۇلۇپ، دەلىلقان سۇگۇربايوف ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى قىلىپ بەلگىلەندى.

قىسىملىرىمىز 10 ـ ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئوسمان ئىسلامنىڭ كۆكتوقاي، چىڭگىل ناھىيەلىرىدىكى ئاخىرقى قالدۇق قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ پۈتۈن ئالتاي ۋىلايىتىنى قايتىدىن تولۇق ئازاد قىلدى…

 

 

بۇ رىۋايەت ئەمەس …… بىرىنچى باب

بۇ رىۋايەت ئەمەس …… ئىككىنچى باب

بۇ رىۋايەت ئەمەس …… ئۈچىنچى باب

بۇ رىۋايەت ئەمەس …… تۆتىنچى باب

بۇ رىۋايەت ئەمەس …… بەشىنچى باب

داۋامى بار.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1754

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-05-29
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تارىختىن سۆز
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: