![]() |
نان سېتىۋېلىش
ئابلىكىم ئابدۇللا نۇرچىن
(ھېكايە)
ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندىلا بۆلۈم مۇدىرى باشلىق ئىدارىدىكى بىر قانچە خىزمەتداشلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆيگە ھېيتلاپ كېلىشىنى پەقەتلا ئويلىماپتىمەن . تۇنجى بولۇپ مېنىڭكىگە ھېيتلاپ كەلگىنىغۇ ياخشى ئىش ، لېكىن مەن سەل ئالدىراپ قالغانىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئالدىراقسان خوتۇن «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك » دېگەندەك ئاخشام بازاردىن ھەممە نېمىنى ئېلىپ ، ھېيتلىق نان ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالغىنى كۆرمەمدىغان . ھەممە نازۇ – نېمەتلەر تولۇق بولسىمۇ ، نان دېگەن داستىخاننىڭ ئەڭ چوڭ يارىشىقى تۇرسا. ئامالسىز ئالدىراش – تېنەشلا بازارغا نانغا يۈگۈردۈم.
«ھېيتتا ھەممە تىجارەتچىلەر دەم ئالغان بولسا قانداق قىلارمەن؟» دەپ ئەنسىرەپ بىنادىن چۈشسەم ، تەلىيىمگە يارىشا كوچا دوقمۇشىدىكى مەن دائىم نان سېتىۋالىدىغان ياش ناۋاي تونۇر بېشىدا بىرنېمىلەرنى قىلىپ تۇراتتى. يۈگۈرگىنىمچە ئۇنىڭ قېشىغا باردىم . ئەمما تونۇر بېشىدا بىرمۇ نان يوق ئىدى. پەقەت ئۇنىڭ قولىدىكى سۇلياۋ خالتىدىلا بەش تال نان پۇلاڭلاپ تۇراتتى .
_ كېلىڭ ئاكا! _ دېدى ئۇ جىددى تۇرقۇمغا قاراپ . مەن ئالدىرىغىنىمدىن مەقسىتىمنى ئۇدۇللا ئېيتتىم:
_ ئۇكام مەن نان ئالاي دەپ كەلگەن ، نان بارمىدۇ ؟ _ سورىدىم مەن ئۇنىڭ قولىدىكى ناندىن كۆزۈمنى ئۈزمەي.
_ نان قالمىدى ئاكا ، ھېيت بولغاچقا ئەتىگەندىلا ئازراقلا نان ياققانىدىم ، ھەممىسى سېتىلىپ تۈگىدى.
_ ئاۋۇ قولىڭىزدىكىچۇ ؟ _ سورىدىم مەن .
_ بۇ ناننى ساتالمايمەن ئاكا ، خاپا بولماڭ .
_ سىز قانداق ناۋاي ، ناننى ياقىدىكەنسىز، نېمىشقا ساتمايسىز؟
_ ئەيىپكە بۇيرۇماڭ ، بۇ ناننى راستىنلا ساتالمايمەن ، _ ئۇ يەنىلا ئۆز گېپىدە چىڭ تۇردى .
_ ئۇكام ئۇنداق قىلماڭ ، ئۆيدە ئىدارەمدىكى باشلىقىم بىلەن بىر مۇنچە خىزمەتداشلىرىم ھېيتلاپ كەلگەن ، شۇ تاپتا ئۇلارغا بىر چىنە چايمۇ قۇيمىدىم ، چۈنكى داستىخاندا نان بولمىسا چاي قۇيسىڭىزمۇ قاملاشمايدىكەن ، شۇڭا ئۇكام مەيلى نېمە بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ناننى ماڭا سېتىپ بېرىڭ ، مەن شۇلارنىڭ ئالدىدا ئوسال بولۇپ قالماي ، نېنىڭىزنى مەن ئىككى ھەسسە ئارتۇق باھادا سېتىۋالاي ، بولامدۇ ؟ _ ئۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ماڭا بىر خىل مەنىلىك قارىغىنىچە :
_ ئاكا سىزنىڭ ئاتا- ئانىڭىز يوقما ؟ _ دەپ سورىدى. مەن بىزنىڭ ھازىرقى سۆھبىتىمىزگە قىلچە مۇناسۋەتسىز بۇ سۇئالدىن سەل مەڭدىگىنىمچە جاۋاب بەردىم:
_ بار ، بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ ؟
ئۇ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قادىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى :
_ مېنىڭ ئاتا – ئانام شۇ تاپتا «بىزنىڭ ناۋاي ئوغلىمىز ئۆزى ھالا ل كۈچىنى چىقىرىپ ياققان ئىسسىق نېنىنى ئېلىپ ھېيتلاپ كېلىدۇ» دەپ مېنىڭ يولۇمغا قاراپ تۇرىدۇ ، بۇ ناننى شۇلارغا ئاپىرىمەن . شۇڭا بۇ ناننىڭ «بىرسىنى مىڭ يۈەندىن سېتىۋالىمەن» دېسىڭىزمۇ ھەرگىز ساتمايمەن . شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزمۇ ئوغلىمىز خوتۇن- بالىسىنى ئېلىپ ھېيتلاپ ، يوقلاپ كېلىدۇ دەپ سىزنىڭ « ئاتا – ئاپا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن» دېگەن بىر ئېغىز گېپىڭىزگە تەشنا بولۇپ ، يولىڭىزغا قاراپ كۆزلىرى تېشىلەي دېگەندۇ ھەقىچان . سىز بولسىڭىز بۇ يەردە باشلىقىمنى كۈتىمەن ، ئەل-ئاغىنەمنى كۈتىمەن دەپ پايپاسلاپ يۈرۈپسىز . ئۆيىڭىزدىكى مېھمانلىرىڭىزنىڭمۇ ئاتا – ئانىلىرى بار بولغىيدى، خالىسىڭىز مۇشۇ گەپلىرىمنى ئۇلارغا دەپ بېرىڭ . شۇنداق قىلسىڭىز ، مېنىڭچە ئۇلار سىزدىن داستىخان سالمىدى دەپ رەنجىپ كەتمەيدۇ ، خاپا بولماڭ ئاكا .
ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپ، مەن ئېغىزىمنى ئۆمەللەپ بولغۇچە گېپىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ناۋايخانىسىنى تاقاپ كېتىپ قالدى . مەن نېمە قىلىشىمنى بىلمەي، تونۇرنىڭ ئالدىدا خۇددى يېتىم بالىدەك دۈگدەيگىنىمچە تۇرۇپ قالدىم . قارىغاندا نان ئەكىرىمەن دېگۈچە ئۆيگە قايتىپ كىرىپ ، مۇنۇ ناۋاي ئېيتقاندەك ، ئۇنىڭ بايىقى گەپلىرىنى ئۇلارغا دەپ بەرسەم بولىدىغاندەك تۇرىدۇ . . .
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2346