تۇرمۇش خاتىرىسى

تۇرمۇش خاتىرىسىگە تۇرمۇشتىن تەرمىلەر

تۇرمۇشىمىزدا بىلىشكە، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ناھايتى كۆپ. ھاياتنىڭ بەزى مۇئەممالىرىنى تۇيۇقسىز بىلىپ قالغاندەك، ئۇنىڭ سىرىنى سېزىپ قالغاندەك بولۇپ قالىمىز. ئەمما بەزى سەۋەبلەردىن، تۇرمۇشنىڭ دىشۋارچىلىقىدىن، رەڭگارەڭلىكىدىن بەزىلىرىنى يېرىم بىلىمىز، بەزىلىرىنى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بىلىمىز، بەزى ئىشلارنى ھازىر قىلىمىز، بەزىلىرىنى مەڭگۈ روياپقا ئىلىپ چىقالمايمىز. شۇڭا كۆپىنچە كىشىلەر ئىككى قولىدا بېشىنى قاماللىغىنىچە بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ جاھاندا قانداق ئادەم بەختنىڭ لەززىتىنى سۈرۈۋاتقاندۇ؟ غېمى يوق، دەردى يوق ئادەم بارمۇ؟ دەپ ھەسرەتلىنىپ كېتىدۇ. ئەمما قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلىدىغان ۋاقتىدا پۈرسەت دەپ ئاتىلىدىغان نەرسىنى قولدىن بىرىپ قويغانلىقىنى ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ. ھايات قىممەتلىك. پۈرسەتنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، ۋاقتىڭىزنى ئېقىن سۇدەك بىھۇدە ئۆتكۈزىۋەتمەڭ. تۇرمۇش رەڭدار بولىدۇ، تۇرمۇش بىر ئېقىن دەرياغا ئوخشايدۇ، باش – ئاخىرى، چەك – چېگرىسى يوق، ئەمما بۇ دەريادا ئۈزمەك ئانچە ئاسان ئەمەس. بۇ خۇددى ئەتىگىنى بار ئادەم چۈشتىن كېيىن يورۇق جاھاندىن غايىب بولغاندەكلا بىر ئىش. شۇڭا مەن ئاشۇ رەڭدار تۇرمۇشتىن كىچىككىنە تەرمىلەرنى ئىلىپ سۇندۇم. ئوقۇپ باقارسىز، تۇرمۇشىڭىزغا تەدبىقلاپ باقارسىز.


ئۇزۇن يىللار ھاياتنى يۈگەنسىز قويۇپ بېرىپ، ھېچبىر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلماي، سەكرات ئازابىغا چۈشۈپ قالغاندا، ھاياتنى قىزغىن سۆيۈش، ئۇنى ئاسىراشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى، قىلىدىغان ئىشنى تەن ساقلىقتا قىلىۋېلىش لازىملىقىنى، يەنە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ بۇرغۇنلۇقىدىن ھەرگىز ھەسرەتلەنمەڭ، ئويلىماڭ، بۇ سىزگە تېخىمۇ ئازاب ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىمۇ خۇرسىندۈرۈپ قويىدۇ.
بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز، ئەمما ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمىسە، بۇ قاتتىق ئازاب. ئەمما بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق تېخىمۇ قاتتىق ئازاب. شۇڭا جۈرئەتلىك، دادىل بولۇڭ.
بۇرۇندىن تارتىپ قىز – ئوغۇلغا تۇزلانغان نان يېگۈزۈلەتتى. ھازىر بولسا بۇ ئادەت ئۆزگىرىپ ئوغۇلغا مىسران قىلىچ، قىزغا پولات قالقان بېرىلىدىغان بولدى. ئۆيدە ئازراقلا  شامالنىڭ شەپىسى سېزىلسە ئوغۇل قىلىچىنى، قىز قالقاننى ئالىدۇ، بىر قەپەس ئېلىشىۋەتكەندىن كېيىن ھارغىنلىق ھېس قىلىشىپ قوراللىرىنى يەنە ئۆز ئورنىغا قويۇپ قويىشىدۇ. ھەردەم قوراللىق ئەسكەردەك جەڭگە تەييار تۇرىشىدۇ. ئاتا – ئانىلار، نىكاھتا بالىلىرىمىزنى ھەممىدە تەق قوراللاندۇرۇپ كەتمەيلى، ئاددىي بولسىمۇ يەنىلا تۇزلۇق نان يېسۇن. بەك قوراللاندۇرۇپ كەتسەك، سىلەر بەرگەن قورال بىلەن بىر – بىرىگە ھەيۋە قىلىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ.
“ ئېغىزغا پۇختا بولغىنىڭ رىسقىڭغا پۇختا بولغىنىڭ ”.  گەپ قىلىدىغان چاغدا گەپ قىلىش، گەپ قىلمايدىغان ۋاقىتتا گەپ قىلماسلىق زېرەك چىچەنلىكتۇر، قانداق ۋاقىتتا گەپ قىلىش، قانداق ۋاقىتتا گەپ قىلماسلىقنى بىلىش – دانالىقتۇر. شۇڭا كونىلارنىڭ “ كۈندۈزى گەپ قىلساڭ تۆت ئەتراپىڭغا باق، كېچىسى گەپ قىلساڭ قۇلاقنى – قۇلاققا ياق “ دېگىنى ئېسىڭىزدە بولسۇن.
دوستلار ئارا بىر – بىرىگە سوۋغات بېرىپ تۇرۇش ھەم سوۋغات ئېلىپ تۇرۇش، مېھمان بولۇپ تۇرۇش ھەم مېھمان قىلىپ تۇرۇش، سىردىشىپ، ھال – مۇڭ بولۇشۇپ تۇرۇش ئارقىلىق دوستلۇق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئەقىل تاپىمەن دېيىش ئەقىلسىزلىقنىڭ ئىشى. ئاچچىق دورا كېسەلگە شىپا، بىراق كېھەل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالالىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەغلۇبىيىتى ئارقىلىق ئەقىل تاپماي، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن ساۋاق ئېلىپ، ئىش قىلغاندا ئېھتىياتچان بولۇپ، باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ قويۇڭ، پايدىسى تېگىدۇ.
بىر ئادەم خامۇ ش ھالەتتە تۇرغاندا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقىنى تازا ئاڭقىرالمايدۇ. شۇڭا ھەر ۋاقىت سەگەك يۈرۈشكە تىرىشىڭ.
ئەمەلىيەتتە مۇكەممەل ئادەم تىپىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى مۇكەممەللىك ئۆلۈمدىن دېرەك بىرىدۇ. ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن، ئۇنىڭدا يا ئۇنداق، يا مۇنداق كەمتۈكلۈك بولۇپ تۇرىدۇ، ئەر – ئاياللار مەڭگۈ مۇكەممەللىك تالاشماڭلار، ئادەم مۇكەممەللىككە يەتكەندە قايتا تۇغۇلمايدۇ.

ئادەمنىڭ ھاياتى چەكلىك ھەم بەكلا ئاجىز بولىدۇ. بۇنى ئاغرىپ قالغاندا ناھايتى تولۇق ھېس قىلىمىز. شۇڭا ساق ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزگە زىيانلىق نەرسىدىن يىراق تۇرۇڭ، كېيىنكى پۇشايمان ئۆزىڭىزگە دۆشمەن. بۇ نوقتىنى ھەممىلا ئادەم بىلىدۇ، ئەمما ھەممىلا ئادەم قىلىپ كېتەلمەيدۇ.

تاشقى گۈزەللىك قوغلاشماڭ، ئۇ ئادەم ئالدايدۇ. بايلىقنى قوغلاشماڭ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوچۇمىڭىزدىكى قۇمدەك بارماقلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدىن سىرغىپ چىقىپ تۈگەيدۇ. سىزنى كۈلدۈرەلەيدىغان ئادەمنى قوغلىشىڭ، چۈنكى كۈلكە ئىللىق قوياش نۇرىغا ئوخشاش قاراڭغۇ تۈننىمۇ ۋاللىدە يورۇتىدۇ.

ئەڭ ياخشىسى، تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن ياكى بىرەر خىزمەت ۋە قانداقتۇر پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ قالغان ئەرلەرگە تۇرار جايىڭىزنى بىلدۈرمەڭ.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3413

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-03-22
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: