![]() |
يەنە بىر قېتىم ياشىغىلى بولسا…
ئوتتورا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ئالىي مەكتەپنىڭ غېمىنى تولا قىلىپ ساراڭ بولايلا دېگەنىدىم. ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن، چاققانراق ئوقۇش پۈتكۈزۈشنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. ئارقىدىن توي قىلىشنىڭ، پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ غېمى بېشىمنى ئوچاق قىلىۋەتتى.
بۇ ئارزۇلىرىممۇ ئاخىر ئەمەلگە ئاشتى، ئەمما بالىنىڭ دەردىنى تولا تارتىپ، « بالام چاققانراق چوڭ بولسا، خاتىرجەم خىزمىتىمنى قىلسام بوپتىكەن » دېگەننىلا خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
كېيىنكى چاغلاردا، كۈن بويى پېنسىيىگە چىقىشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان دەرىجىگە يەتتىم، ئاخىر پېنسىيىگىمۇ چىقتىم، لېكىن بۇ چاغدا بىر پۇتۇم ئاللىقاچان گۆرگە ساڭگىلاپ بولغانىدى.
تۇيۇقسىز بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىپ يەتكەندەك بولدۇم، توغرا، مەن ھەقىقىي ياشاشنى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويغانىكەنمەن. شۇنىڭ بىلەن، كاللامنى يەنە بىر مۇنچە خىياللار چىرمىۋالدى.
ئەگەر يەنە بىر قېتىم ياشىغىلى بولغان بولسا، كۆپرەك سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشنى سىناپ باققان بولاتتىم، مۇكەممەللىك دېگەننى زادىلا قوغلاشماي، ئەركىن – ئازادا ياشىغان بولاتتىم.
ئەمەلىيەتتىمۇ، نۇرغۇن ئىشلاردا ئۇنچىۋالا ئەستايىدىل بولۇپ كېتىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوقكەن، ئەگەر يەنە بىر قېتىم ياشىغىلى بولسا، مەن بەلكىم ئانچە – مۇنچە قاراملىق قىلغانمۇ بولاتتىم.
ئەگەر ھەقىقەتەن يەنە بىر قېتىم ياشىغىلى بولغان بولسا، تېخىمۇ كۆپ پۈرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ يەرلەرگە، بولۇپمۇ ئىلگىرى بېىپ باقمىغان يەرلەرگە بېرىپ سەيلە – ساياھەت قىلغان بولاتتىم.
ئەگەر يەنە بىر قېتىم ياشىغىلى بولغان بولسا، ئىشلارنى پەقەت ئويلاپ قويۇش بىلەنلا بولدى قىلماي، بەلكى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلەنگەن بولاتتىم.
ئەگەر يەنە بىر قېتىم ياشىغىلى بولغان بولسا، پەقەت ئۆزۈمگىلا تەۋە بولغان تېخىمۇ كۆپ پەيتلەرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بولاتتىم.
ئەگەر راستىنلا يەنە بىر قېتىم ياشىغىلى بولغان بولسا، ھاۋا تەڭشىگۈچتىن نېرى تۇرغان، ئاپتاپنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلاش مېيىنى ئىشلەتمىگەن، تالا – تۈزگە چىققاندا كۈنلۈك كۆتۈرۈۋالمىغان بولاتتىم. بىر يەرلەرگە بېرىپ قالساممۇ، تاغاردا بىر نەرسە – كېرەكلەرنى ئېلىۋالمىغان بولاتتىم.
ئەگەر يەنە بىر قېتىم ياشىغىلى بولغان بولسا، ھاۋا ئىسسىغاندىن باشلاپ يالاڭ ئاياغ يۈرگەن بولاتتىم، كۈننىڭ ئولتۇرۇشىنى ۋە چىقىشىنى تېخىمۇ كۆپ تاماشا قىلغان بولاتتىم، كىچىك بالىلارغا ئوخشاش يۇمىلاپ ئوينىغان بولاتتىم.
ئەگەر يەنە بىر قېتىم ياشىغىلى بولغان بولسا…
ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، مېنىڭ يەنە بىر قېتىم ياشىشىم زادىلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2980
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، تېنىڭىزنىڭ سالامەت ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەخىتلىك ، ئائىلىڭىزنىڭ خاتىرجەم ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن ، يىڭى يىلدا ۋە بۇندىن كېيىن بەخىت-ئامەت ، خاتىرجەملىك ، ئاسايىشلىق ، تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەر ۋە ياخشى دوستلار سىزگە بىر ئۆمۈر يار بولغاي ، بىلوگىڭىز تىخىمۇ گۈللەپ ياشنىسۇن !….
رەھمەت، بىرگە بولسۇن !