تۇرمۇش خاتىرىسى

    

ئائىلە ئەخلاقى ئۇنتۇلمىسۇن

ھەر قانداق بىر مىللەت ئائىلە ئەخلاقىغا رىئايە قىلمىغان ھالدا ياشىيالمايدۇ. چۈنكى ئائىلىدە ئەدەپ – قائىدە بولمىسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئائىلىگە، جەمئىيەتكە، ھەتتا مىللەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئائىلە ئەخلاق تەربىيىسى ھەر بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا چوڭ ئورۇن تۇتىدۇ.

ئەرلەر ئائىلىنىڭ بارلىق يۈكىنى ئۈستىگە ئىلىشى كېرەك. ئاياللارنىڭ “ يېرىم دۇنيا “ لىق رولىنى ئىتراپ قىلىشى، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشى، “ ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار “ دەيدىغان فـېئوداللىق ئىدىيىنى تۈگىتىپ، بالۋاقىلىرىنى خارلىماسلىقى، ئايالىنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك. ئاتا بولغۇچى ھەر كۈنى بىر قىسىم ۋاقتىنى ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشكە سەرپ قىلىشى لازىم. مۇنداق بولمىسا، ئائىلىدە مېھرى – مۇھەببەت سوۋۇشقا باشلايدۇ. ئەگەر ئائىلە مۇھەببىتىنىڭ قەدرىگە يەتمەي، تالادا لاغايلاپ يۈرسە، مەست – ئەلەست بولۇۋىلىپ باشقىلارنىڭ كەينىدە يۈرسە، ئۇنداق ئەرلەرنىڭ ئايالىمۇ يامان يولغا كىرىپ قالىدۇ. بۇنداق ئائىلىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ.

ئاتا بولغۇچى پەرزەنت تەربىيسىگە ئۆزى ۋە ئايالى يېتىشەلمىگەندە، پاك، ئەخلاقلىق تەربىيچى ياللىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا، پەرزەنتلەرنىڭ ئەدەپ – ئەخلاقلىق بولۇپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئاتا بولغۇچى پەرزەنتلىرىنى ھەر دائىم نەزىرىدىن يىراق قىلماي، ئۇلارنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىنى نازارە قىلىپ تۇرۇشى، ئۇلارنىڭ تەلىم – تەربىيسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم. پەرزەنتلەرنى كېچىكىدىن ئەدەپلىك ۋە چىرايلىق سۆزلەيدىغان قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋال ( ئاتا – ئانا، ئۇستازلار ) بىر – بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، سىلىق، يۇمشاق، مەرھەمەتلىك بولۇشى لازىم. پەرزەنتلەر تۇرغان جايدا ئاتا – ئانىلار قاتتىق – يىرىك سۆزلەرنى قىلىش تۈگۈل، ھەتتا قاپاق تۈرۈپ، چىرايىنى ئۆزگەرتىپ بىر – بىرىنى سىلكىشلەشمۇ خاتا. بەزىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ تۇنجى تىلىغا ‘ ئاناڭنى “ دەپ ئۆزى “ خېمىرتۇرۇچ “ سېلىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ دەسلەپكى تىلى ئەدەپسىزلىكتىن باشلىنىپ، كېيىن بۇ يېڭى تەلۋە نوسخا تەرەققىي قىلىپ ئائىلىسى ۋە ئۆزى ئۈچۈن بالا بولىدۇ؛ بەرزەنتلەر تالا – تۈزدە ئۇرۇش – جىدەل قىلىپ باش – كۆز يارىدىغان، ھەتتا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بىزدىكى ساقلىنىۋاتقان ناچار ئەخلاق – قىلىقسىزلىقلارنى زادى كىم ئۆگەتتى ؟ بىر مەررە بولسىمۇ مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى : ئىنسانلارغا ئۆگىتىلگەن ياخشى ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى تەربىيە، مەجبۇرلۇق  – زورلۇق بىلەن بولسا، يامان ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلۈكىدىن دوراش ئاقىلىق يۇقىدۇ. شۇنداق ئىكەن، پەرزەنتلىرى ئالدىدا ئاتا – ئانىلىرى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى تىللاش، ئۇرۇشماق، ئۇلارغا كۆرسىتىپ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، كەيپ خۇمارى ئۈچۈن لازىملىقلار ( تاماكا، سەرەڭگە، ھاراق – شاراپ ) نى پەرزەنتلىرىگە بۇيرۇپ ئەكەلدۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەخلاقسىز قىلمىشلار بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ “ پەرزەنتلىرىم مېنىڭ قىلغانلىرىمنى دورىسۇن “ دەپ، ئۇلارغا كۆرسەتكەن “ ئۈلگە“ ۋە ئۇلارغا سىلىپ بەرگەن “ مەبلەغ “ دۇر خالاس.

ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە نازارەتچىسى. شۇنداق ئىكەن، ئايالىنى ھەر ۋاقىت شەپقەت قانىتى ئاستىغا ئېلىشى، ئايالىنىڭ ئۆزىگە بولغان مېھىر – مۇھەببىتىنى قەدىرلىشى، كۆڭۈل شادلىقىغا دائىم كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇشى، ئايالىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنى بىجىرىشكە زورلىماسلىقى، ئۆيدە بار – يوق نەرسىلەر توغرىسىدا تەڭلىكتە قويماسلىقى لازىم. ئايال سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئېغىر – بىسىقلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشى، ئەپۇ قىلىشى، يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئايالى بىلەن جىدەللەشمەسلىكى لازىم. ئۆيگە يات ئەرلەرنى باشلاپ كېرىپ ئولتۇرۇش قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش، ئۆزى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئايالىنى سودا – سىتىق ئۈچۈن سىرتقا بۇيرۇماسلىق لازىم. ئەرلەر ئۆز ئايالىنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىغا كۆز – قۇلاق بولۇشقا، ئۇلارنىڭ چىكىدىن ئاشقان يۈرۈش – تۇرۇشىنى چەكلەشكە ۋە توسۇشقا ھەقلىق. ئاياللارنى خورلاپ ۋە ئۇلانىڭ يامان يولغا مىڭىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇش مەسئوليىتىنى ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار. ئاتا بولغان كىشى ئائىلىدىكى بالا – چاقىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ قىز – ئاياللارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىغا مەسئول بولمىسا، ئۇنى قانداقمۇ ئەر دېگىلى بولسۇن ؟

ئەر – ئايالنىڭ بىر – بىرىگە سادىقلىقى بەختتۇر. سالامەتلىك جاننىڭ راھىتى بولغىنىدەك، ئىناقلىق كۆڭۈلنىڭ راھىتىدۇر. ئائىلىدىكى خۇشلۇق دىلغا ھۇزۇر بېغىشلاپ، لەززەتسىز تائاممۇ لەززەتلىك بىلىنىدۇ. ئەر كىشى ئۆز ئايالىدىن رازى بولسا ۋە كۆڭلى باغلانسا، بارلىق راھەت – پاراغىتى ۋە سەرپ – خىراجىتى ئائىلىسىدىكى زۆرۈر نەرسىلەر ئۈچۈن بولىدۇ، پۈتكۈل دۇنياسىنى ئائىلىسىگە بېغىشلايدۇ. ئەرنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولسا، شۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولىدۇ. شۇ چاغدىلا ئۆزىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. كونىلار : “ ياخشى ئايالغا ئېرىشمەك بىرەر ئەلگە پادىشاھ بولغاندىن ياخشىراقتۇر “ دېگەن. ھەر قانچە بىلىملىك، مەرتىۋىلىك،  باي ياكى تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئىشلەپ تاپقىنىغا ۋە ئۆزىنىڭ ئاچ – يالىڭاچ قالمىغىنىغا شۈكۈر قىلىدىغان ساپ ۋىجدانلىق بىر كىشىنىڭ تەربىيە كۆرگەن ئايالى بولمىسا، بەختلىك ھېسابلانمايدۇ. ئائىلىدىكى كۆڭۈلسىزلىك ئۇنىڭ قەلبىنى بىئارام قىلىدۇ، لەززەتلىك تائاممۇ لەززەتسىز تېتىپ، ئۆمۈر گۈلىنىڭ تېز قۇرۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.

ئىنساننى بەختلىك قىلىدىغان نەرسە ئىلىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەممە ئىشنى ئىلمىي يۇسۇندا ئادا قىلماقتۇر. ئەرلەر ئالدى بىلەن ئۆز مەجبۇريىتىنى بىلىشى، ئائىلىنىڭ ئەخلاق – پەزىلەت تەرتىپىگە ئەمەل قىلىشى لازىم. دانىشمەنلەرنىڭ قارىشىچە، ئىشچانلىق، ھەقىقىي دوست، ئەدەپلىك پەرزەنت، مېھرىبان خوتۇن، شېرىن ۋە يېقىملىق سۆز، ئەقىل – پاراسەتتىن ئىبارەت ئالتە نەرسە راھەت ياشاشقا ياردەم بىرىدىكەن.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1358

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-04-20
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئائىلە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: