تۇرمۇش خاتىرىسى

ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىپ قويۇڭ


يېڭى ئېچىلغان تاغ گۈلىگە ئېرىشىش ئۈچۈن راھەتبەخىش شەھەردىن ۋاز كېچىشكە، تاغقا ياماشقۇچى ئەزمەت بولۇش ئۈچۇن، ئاپئاق تېرىڭىزدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ.

 تۇرمۇش گاھىدا سىزنى ھوقوقىڭىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە، پۇرسەتنى قولدىن بېرىشكە ،ھەتتا مۇھەببەتتىنمۇ ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلايدۇ . ئېرىشىمەن دىگەن نەرسىڭىزگىلا ئېرىشەلىشىڭىز ناتايىن، شۇڭا تۇرمۇشتا ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىپ قويىشىڭىز كېرەك.

بۈگۈنكى ۋاز كېچىش ئەتىكى ئېرىشىش ئۈچۈندۇر. ۋاز كېچىش قىياپىتىڭىىزنى ياخشىلاپ سىزنى كەڭ قورساق ۋە خۇشخۇي كۆرسىتىدۇ. ۋاز كەچسىڭىز كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىسىز. تېخىمۇ زېرەك ،قابىل،بەردەم بولىسىز.

دوستۇم ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىپ قويۇڭ، ئەرزىمەس ،ئەھمىيەتسىز ،ئارتۇقچە نەرسىلەردىن، ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كىچىڭ!

ئەمما ئۈمىدسىزلەنگىنىڭىزدە  ھەرگىز ھاياتتىن ۋاز كەچمەڭ…

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2249

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-08-08
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: