پۇل پاخاللىقى ۋە يېمەك–ئىچمەك باھاسى
يېقىنقى ئون يىلدىن بويان، يېمەك–ئىچمەك باھاسى تېز ئۆرلەپ كەتتى. گەرچە ھۆكۈمەت ماكرولۇق تەڭشەش– تىزگىنلەش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، سۇ، توك، كۆكتات قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۆي–زېمىن باھاسىنى تىزگىنلىگەن بولسىمۇ، يېمەك–ئىچمەك باھاسى داۋاملىق ئۆسۈپ، پۇل پاخاللىقى كىشىلەر قىزغىن مۇنازىرە قىلىدىغان تېمىغا ئايلاندى.
پۇل پاخاللىقى تارقىتىلغان پۇلنىڭ مىقدارى تاۋار ئوبوروتىدىكى ئەمەلىي ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان پۇل كۇرسىنىڭ چۈشۈپ، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن ئىبارەت ئىجتىمائىي ھادىسىنى كۆرسىتىدۇ.
پۇل پاخاللىقى كۆرۈلگەندە مۈلۈك ۋە تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان قاتلاملىرىدىكى كىشىلەرنىڭ كىرىمىمۇ تەڭ ئۆسۈپ بارسا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ مەنپەئىتى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. ئەمما كىشىلەر ئېھتىياجلىق تاۋار بىلەن مۈلۈك باھاسىنىڭ ئۆسۈشى جەمئىيەتتىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ماس كەلمىسە، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچراپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلىشىپ، پۇل پاخاللىقى دۆلەتنى ئىچكى مالىمانچىلىققا پاتۇرۇپ قويىدۇ. پۇل پاخاللىقى ئېغىرلاشقاندا، تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىشى تەننەرخنىڭ ئۆرلىشىدىن تېز بولۇپ، ئومۇمىي تەلەپنىڭ ئېشىشى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكتىن، پايدىنىڭ ئېشىشى باھا سەۋىيەسىدىن تېز بولىدۇ ھەم كارخانا ئىگىلىرى، سودىگەرلەر پۇل پاخاللىقىدىن زور نەپكە ئېرىشىدۇ. شۇڭا ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرى مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەپ، باي–نامراتلىق پەرقىنىڭ زورىيىپ كېتىشىنى ماكرولۇق تەڭشەش–تىزگىنلەشتىكى ئاساسى نىشان قىلىدۇ.
ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىز بىر نەچچە قېتىم يۇقىرى پۇل پاخاللىقىغا ئۇچرىدى. ئالدىنقى نۆۋەتلىك پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەن ۋاقىتلاردا دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېچىۋېتىلىش دەرىجىسى ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش دەرىجىسى تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەشتىكى سىياسەتلەر دەرھال ئۈنۈم بەردى، مەركىزىي ھۆكۈمەت ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى ۋە ئامانەت پۇل ئۆسۈم نورمىسىنى ئۆستۈرۈش، بانكا قەرزىنى قىسىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پول پاخاللىقىنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام ، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا تايىنىشچانلىقى ئاشتى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، دۇنيادىكى زور مىقداردىكى ھايان كاپىتال دۆلىتىمىزگە كىردى. مەركىزىي بانكا تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا ئىگە بولغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە شۇنىڭغا تەڭ قىممەتتىكى خەلق پۇلى ئايرىباشلاپ بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ماددىي ئەشيالار بىلەن مۈلۈك باھاسى تېز ئۆسۈپ، دۆلىتىمىزدىكى پۇل پاخاللىقى بېسىمى ئېغىرلاشتى. شۇنىڭدەك كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار باھاسىمۇ ئۆسكەچكە ، مال باھاسى ئۆرلەپ، پۇل پاخاللىقى بېسىمى شەھەر، بازار ئاھالىلىرى دۇچ كەلگەن ئەڭ زور مەسىلىگە ئايلاندى. پۇل پاخاللىقىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاققا سۈزۈلۈپ، پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىش قىيىنلىشىپ كەتتى.
ئامېرىكىدىن باشلانغان ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز پۇل كىرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پۈتۈن دۇنياغا يامرىدى. ھەر قايسى ئەللەر كىرىزىسنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، كېڭەيتىلگەن پۇل سىياسىتى بىلەن ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويغاچقا، مال باھاسى تېز سۈرئەتتە ئۆستى. مۇشۇنداق شارائىتتا دۆلىتىمىز 4 تىرىليون يۈەنلىك بازارنى غىدىقلاش پىلانىنى يولغا قويدى. نەتىجىدە پول بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ئېشىپ كېتىپ، مال باھاسى ئۆسۈپ، ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئۆرلەپ، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن يۇقىرى بولدى.
ھازىر دۆلىتىمىزدىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى تۆۋەنلەپ مۇۋاپىق دائىرىدە تىزگىنلەنگەن بولسىمۇ. يېمەك– ئىچمەك باھاسى يەنە ئۆسۈپ كېتىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيا نوپۇسى تېز كۆپىيىۋاتقان، نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئاشلىق ھوسۇلى كېمىيىۋاتقان بولغاچقا، دۇنيادا ئاشلىق كىرىزىسى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا.گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق ھوسۇلى ئۇدا ئېشىپ، ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتى% 95 ئەتراپىدا بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئۇزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجى تېز ئېشىپ ، يېمەك–ئىچمەك باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كونترول قىلىش قىيىنلىشىۋاتىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2533