تۇرمۇش خاتىرىسى

30 سېكۇنتلۇق سىناق

قەغەز، قەلەم تەييارلاشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت سوئالنى داۋاملىق ئوقۇڭ. جاۋاب بېرەلمىسىڭىز كېيىنكى سوئالغا ئۆتۈڭ.

دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا بايدىن بەش كىشىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بەش كىشىنى ئېيتىپ بىرەلەمسىز؟  پىرس ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن بەش كىشىنى ئېيتىپ بىرەلەمسىز؟ يېقىنقى مەزگىلدە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس بىلەن ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىستىن بەش كىشىنى ئېيتىپ بىرەلەمسىز؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بىرەلەمدىكەنسىز؟

بەلكىم بۇ مۇھىم شەخسلەرنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋالالمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ھېچقىسى يوق، ئۇلار پەقەتلا مەلۇم بىر ساھەدىكى ئەڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر كىشىلەر، خالاس. چۈنكى، ئالقىش سادالىرى ھامان ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ. مۇكاپاتلارمۇ بارا – بارا خىرەلىشىدۇ، نەتىجە – ئۇتۇقلارمۇ ئۇنتۇلىدۇ. ماختاش ۋە گۇۋاھنامىلەرمۇ ئاشۇ شەخىسلەرگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن ئاستا – ئاستا كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.

نېمە،…  مۇشۇمۇ سىناق بولدىمۇ دەمسىز؟ ئالدىرىماڭ، 30 سېكۇنتليق سىناققا تېخى ئەمدى دۈچ كەلدىڭىز. تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟ ئۇنداق بولسا سىناقنى باشلىدۇق. قېنى بۇ سىناققا قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىڭىزغا قاراپ باقايلى:

ئۈگىنىش ھاياتىدا سىزگە ياردەم بەرگەن ئوقۇتقۇچىدىن ئۈچنى ئېيتىپ بىرەلەمسىز؟   قىيىنچىلىققا يولۇققاندا سىزگە ياردەم قىلغان دوستىڭىزدىن ئۈچنى ئېيتىپ بىرەلەمسىز؟   سىزگە ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىشنى ئۈگەتكەن كىشىدىن بەشنى ئېيتىپ بىرەلەمسىز؟ سىز بىلەن خۇشال چاغلارنى بىللە ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغان كىشىدىن كىشىدىن بەشنى ئېيتىپ بىرەلەمسىز؟

قانداق؟ سوئال ئاسانمىكەن؟  كېرەك يوق، بۇ سىناقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش – بېرەلمەسلىكىڭىز مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى بۇ سىناقتىن قانداق تەسرات ئالغىنىڭىز، نېمىلەرنى ھېس قىلغىنىڭىزدا…

مېنىڭچە، پۈتۈن ئۆمرىڭىزگە ھەقىقىي تەسىر كۆرسىتەلەيدىغىنى ئەڭ كۆپ شان – شەرەپكە ئېرىشكەن، ئەڭ كاتتا باي ۋە ئەڭ كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىشىلەر بولماستىن، بەلكى سىزگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلگەن كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن… تەسراتىمىز ئوخشىمامدىكەن ؟ ئۇنداقتا، قېنى سىزنىڭمۇ ھېس قىلغانلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقايلى…

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3437

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-03-26
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تۇرمۇش رۇجەكلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: