تۇرمۇش خاتىرىسى

تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخىم

ئىلاۋە :  ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى كىچىكىدىن تەربىيلەپ قاتارغا قوشۇش، ئۆيلۈك – ئوچاقلىق قىلىش، ئۆزلىرىنىڭ ياشانغاندا كۆتۈنۈش مەسىلىسى جەمئىيىتىمىزدە ئەھمىيەت بىرىشكە تىگىشلىك بولغان موھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. گەرچە مىللىتىمىزدە ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە بارلىقىنى بىغىشلايدىغان، پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىلارنىڭ ياشانغاندا ياخشى كۈتۈنۈپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى تىنىچ – خاتىرىجەم ئۆتكۈزۈشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىسىل ئەنئەنىلەرگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما، جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى، ئىقتىسادنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش قارىشىغا تەسىر قىلىپ ئۆزگەرتىشى نەتىجىسىدە رىئاللىقىمىزدا پەرزەنت تەبىيلەش ياكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ھەر خىل تىراگىدىيلىك ئىشلار كۆرۈلمەكتە. تۆۋەندىكى ھېكايىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن رىئاللىق بىزنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا تۈرتكە بولالىشى مۇمكىن…

 

كۆپ يىللاردىن بىرى مەن بىر كىچىك گۈللۈكنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم. باغچىدىكى مەن تېرىغان گۈللەرنىڭ پورەكلەپ ئىچىلىپ تۇرۇشىنى ئىستەيتتىم. ئەمما ئالدى بىلەن بالىمىز ماسسىۋ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مارۋىن،  يەنە قوشكىزەك بالىمىز ئالىسا بىلەن ئالەن، ئاخىرىدا بولسا خەلىن تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بەش بالىنى بىقىپ قاتارغا قوشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ گۈللۈك قىلىشقا ئەسلا ۋاقتىم يەتمىدى.

پۇلدىن ھەمىشە قىسىلىپ يۈردۈم، ۋاقتىممۇ ھەم شۇنداق ئىدى. بالىلا كىچىك بولغاچقا بەزىدە قىممەت نەرسىلەرنى ئالىمىز دەپ تۇرۇۋالاتتى. ئەمما مەن ئۇلارغا سىپايىلىق بىلەن : “ قاراڭلار، بالىلىرىم، سىرتتىكى دەرەخلەردىن تېللا تۆكۈلەمدىكەن، سىلەر بىلىسىلەر، پۇل دەرەختە ئۆسمەيدۇ، شۇنداقمۇ ؟ “ دەيتتىم.

ئاخىر بەش بالام ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى تاماملاپ ھەممىسى مۇستەقىل تۇرمۇش قۇرۇپ كۆچۈپ كەتتى. مەن يەنە گۈللۈكنىڭ ئىشىنى ئويلاپ قالدىم. بۇ بىر قانچە يىلدىن بىرى مەن ئاللىبۇرۇن ئاددى – ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە كۆنۈپ قالغاندىم. شۇڭا گۈللۈك ياساپ قالسام ئۇنىڭغا كۆچۈرۈپ تىكىدىغان گۈللەرنى سىتىۋېلىشقا كىتىدىغان پۇلنى ئويلاپ بىشىم قاتتى.

باھارنىڭ گۈزەل بىر ئەتىگىنى ئىدى. ئۇ كۈنى ئانىلار بايرىمى بولۇپ، مەن ئاشخانىدا ئىدىم. تۇيۇقسىز ماشىنىنىڭ سىگنال بەرگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ يېڭىلا تىكىلگەن بىر تۈپ دەرەخنى كۆردۈم. ئۇ بىر تۈپ سۆگەت دەرىخى ئىدى، ئۇنىڭ ئىگىلگەن شاخلىرىدا نېمىدۇر بىر نەرسە لەرزان ئۇچۇپ يۈرەتتى. كۆز ئەينىكىمنى تاقاپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. ھويلامدا راستىنلا بىر تۈپ “ تىللا تۆكۈلىدىغان “ دەرەخ تۇراتتى. دەرەخنىڭ شاخلىرىدا خىلى كۆپ ئامېرىكا دوللىرى ساڭگىلاپ تۇرغان بولۇپ، 100 دوللاردىن ئاشاتتى. مەن بۇ پۇللارغا قانچىلىك گۈل سىتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ بەكمۇ خوشال بولدۇم. دەرەخ شىخىدا يەنە بىر پارچە قەغەزمۇ ئېسىقلىق بولۇپ ئۇنىڭغا : “ مەن سىز ئۈچۈن ئورەك كولاشقا قەرىزدار، سىزنى سۆيۈپ مارۋىن “ دەپ يىزىلغاندى. راست دېگەندەك مارۋىن ۋەدىسىدە تۇردى، ئۇ ماڭا 10 ئىنگىلىز چىسى ئۇزۇنلۇقتا، 15 ئىنگىلىز چىسى كەڭلىكتە بىر گۈللۈك ياساپ بەردى. باشقا بالىلىرىم گۈل تېرىشقا ئىشلىتىلىدىغان قوراللارنى، زىننەت ماتېرىياللىرىنى، بىر گۈل لاپىسى ۋە باغچىغا ياتقۇزىدىغان ئاپتاپپەرەس گۈلى شەكىللىك چىنە خىش ۋە بىر قانچە پارچە گۈل پەرۋىش قىلىش كىتابى سېتىۋىلىپ ماڭا سوۋغا قىلدى.

بۇ ئۈچ يىل ئاۋالقى ئىش ئىدى. ھازىر بولسا مىنىڭ گۈللۈكۈم ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ كەتتى. خۇددى ئىلگىرى مىنىڭ ئويلىغىنىمدەكلا، مەن ياۋا ئوتلارنى يۇلۇپ، گۈللەرنى پەرۋىش قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا بالىلىرىمنى ئىلگىرىكىدەك سېغىنىپ كەتمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. چۈنكى ئۇلار ھەمىشە مىنىڭ يىنىمدا تۇرغاندەكلا تۇيۇلاتتى. مەن مىچىكان ئىشتاتىدا تۇرغان ۋاقتىمدا قىش پەسلى ئۇزۇن، ياز پەسلى قىسقا بولۇپ بەك زېرىكىشلىك ئىدى. بۇ يەردە ھەر يىلى قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە دېرىزە سىرتىغا قاراپ باھاردا گۈللۈكۈمگە قايسى گۈللەرنى تېرىشنى ئويلايمەن. ھەر قېتىم بالىلىرىمنىڭ بىرلىكتە ماڭا بۇ گۈللۈكنى ياساپ بەرگەنلىكى كۆز ئالدىمغا كەلسە ئىسسىق ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ سىرغىيدۇ. مەن پۇلنىڭ دەرەخ ئۈستىدە ئۆسىدىغان – ئۆسمەيدىغانلىقىغا بىر نېمە دېيەلمەيمەن. ئەمما مېھرى – مۇھەببەتنىڭ راستىنلا دەرەخ ئۈستىدە ئۆسىدىغانلىقىنى ھەقىقى تۈردە تونۇپ يەتتىم.

روزىمۇھەممەت تۇردى تەرجىمىسى

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1516

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-05-02
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: