تۇرمۇش خاتىرىسى

تەڭرىمۇ ئامالسىز ئىش

ئالدىنقى بىر سىياسى ئۆگۈنۈشتە مەن مۇنداق ئىسىل جۈملىنى بايقىدىم، «مەسئۇلىيەت ئېڭى سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ»، «تاللاش تىرىشچانلىقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ». بۇ گەپلەر  ماڭا ئاجايىپ تېتىدى گويا چۆلدە قالغان ئادەم ئۇسسۇزلۇق سۇ تېپىۋالغاندەك بولدۇم، تەپەككۈرۈم قاناتلىنىپ شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىكى بىر كىچىك تەرمە يادىمغا كەلدى.

    دۇنيادا بەزى ئادەملەرنىڭ تەلىيى كاج كېلىدۇ، بۇ تەلەينىڭ كاجلىقى كۆپىنچە شۇ ئادەمنىڭ تاللاش ئىقتىدارىنىڭ بولمىغانلىقى، ياكى خاراكتىرىنىڭ تۇغما ئاجىزلىقىدىن بەلگىلەنگەن بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى قىسقا ھىكايە ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن:
تەڭرى بىر تىلەمچىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش نىيىتىدە بىر باي قىياپىتىگە كىرىپ تۇرۇپ سوراپتۇ: -ئەگەر ساڭا 1000 تەڭگە بەرسەم  قانداق خەجلەيسەن؟
- يانفۇن سېتىۋالىمەن،- دەپتۇ تىلەمچى
تەڭرى ھەيران بولۇپ ، تىلەمچىدىن نېمىشقا يانفۇن سېتىۋالىدىغانلىقىنى سوراپتۇ.
-شەھەردىكى ھەر قايسى رايون بىلەن ئالاقىلىشىپ ، قەيەردە ئادەم كۆپ بولسا شۇ يەرگە بېرىپ تىلەمچىلىك قىلىمەن،- دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ تىلەمچى.تەڭرى ئۈمىدسىزلىنىپ تىلەمچىدىن:
-ئەگەر 100 مىڭ تەڭگە بەرسەمچۇ ؟ – دەپ سوراپتۇ.
_ئۇ چاغدا پىكاپ سېتىۋالىمەن ، پىكاپىم بولسا يىراق جايلارغىمۇ تېزلا يىتىپ بېرىپ تىلەمچىلىك قىلالايمەن. تەڭرى قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپتۇ، شۇنداقتىمۇ يەنە سوراپتۇ:
_ئەگەر ساڭا 10 مىليۇن تەڭگە بەرسەمچۇ ؟
بۇ گەپنى ئاڭلىغان تىلەمچىنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كىتىپتۇ: -ۋاھ ، ئۇنداقتا بەك ياخشى بولاتتى. ئۇ چاغدا مەن بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات جايلىرىنى سېتىۋالاتتىم.تەڭرى ئۇنىڭ جاۋابىدىن مەمنۇن بولۇپ تۇرغاندا تىلەمچى قۇشۇمچە قىلىپ :
-ئۇ چاغدا ئۆز تەۋەلىكىمدىكى بارلىق تىلەمچىلەرنى قوغلىۋېتەتتىم-دە ،ئۈزۈم يالغۇز-ئازادە تىلەمچىلىك قىلاتتىم،- دەپتۇ.

 قارىغاندا ، ئەگەر بىر ئادەمنىڭ تەپەككۇرى تۇرغۇنلىشىپ، قەلبى قۇلۇپلىنىپ قالسا ، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە تەڭرىمۇ ئامالسىز بولسا كېرەك.

 

—————«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىدىن ئېلىندى

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=580

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-02-25
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 7دانە
  1. مانا بۇ ئىھتىياجنىڭ كۆنۈپ قىلىشى ، ئادەم كۆنۈپ قىلىش خارەكتىرىگە ئىگە بولسا ، مەقسىتىمۇ شۇنى چۆرىدەيدىغان بولۇپ قالارمىشلەر……ئۇ تىلەمچى ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان تىلەمچىكەن ، لېكىن بىز ئوقۇتقۇچىلار ئاشۇ تىلەمچىلىكمۇ بولالمايۋاتىمىز ھازىر…….

    • كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
      تىلەمچىگە نىسبەتەن تەڭرىنىڭ ياخشى شارائىت يارىتىپ بىرىش، قوللاش مومكىنچىلىك تەرىپى بولغانلىقتىن ئۇ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە « كەسىپنى سۆيۈش » كە نائىل بولالىغان. لىكىن تەڭرىنىڭ تىلەمچىدىن كۈتكىنى بۇ ئەمەس ئىدى. تىلەمچىنىڭ تىلەشتىن ئىبارەت كەسىپنى سۆيۈش روھى بىلەن ئوقۇتقۇچىنى سىلىشتۇرۇپ باھا بەرگەندە بەكلا ئۇۋالچىلىق بولۇپ كىتەرمىكىن…

  2. مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى ، ئۆزۈم تۇرىۋاتقان جەنۇبى شىنجاڭ يىزىلىرىدا چوڭ بولدۇم ، ھەم مۇشۇ يەردە مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدىم ، ئەمما ئەتراپىم پەقەت ۋايساش بىلەنلا تولغان ، ھەممىنىڭ ئىغىزىدا« مائاش قاچان ئۆسىدىكەن ؟ » ، «بۇ ئايدا مانچىلىك پۇل كىلەرمىش» دېگەندەك ، پۇل ھەققىدىكى پاراڭلارلا بار . ئەمما ،« مەكتىپىمىزىدىن بۇ يىل ئىچىكىرى تولۇق ئوتتۇرا دېگەندەك مەكتەپكە قانچىسى ئۆتۈپتۇ ؟» نېمىشقا ئۆتەلمىدى ؟ بۇنىڭىدىكى سەۋەب بىزدىمۇ ياكى كىمدە؟ دەپ سۇئال قويىدىغانلار ئاز……

  3. ھەتتا خەلقىمىزنىڭ مائارىپ قارىشى شۈنچىلىك تۆۋەنلەپ كەتكەنكى ، ئىتىبار سىياسەتلىك ئوتتۇرا تىخنىكۇم مەكتەپلىرىگىمۇ ئائىلىلەرگىچە بىرىپ ، تەشۋىق ئېلىپ بارساقمۇ ، ئوقۇيدىغانغا يا ئوقۇغۇچى چىقىدۇ ياكى چىقمايدۇ ………….بۇنداق بولۇشتا كىم ئەيىپلىك ؟ئەلۋەتتە بىز ئوقۇتقۇچىلار ئەمەسمۇ؟
    شۇنىڭغا قاراپ دەيمەندە !
    ئۇنداق بولسا بۇ يۇرت ، بۇ ئەۋلاد ، بۇ خەلق بىزدىن زادى نېمىنى كۈتتى؟ بىز قوللاشقا ئىرشەلمىدىقمۇ؟

    • ئۈمىدۋار بولۇڭ قىرىندىشىم، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ، ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا…

  4. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بۇ ماقالىنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ قانچىنچى سانىدىن ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىۋەتسىڭىز بوپتىكەن

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: