تۇرمۇش خاتىرىسى

توي قىلىش ئالدىدىكى قىزلارغا

بىر ئانا توي قىلىش ئالدىدىكى قىزىغا مۇنداق دېگەن:
ئاچچىقلانغان ۋاقتىڭدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشما، گەپ قىلمىساڭمۇ بولىدۇ، كىرىنى يۇيۇپ بەرمىسەڭمۇ بولىدۇ، ئەمما ھەرگىز ئۇرۇشما.
ئېرىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندىن كېيىن باشقىلارغا دەپ يۈرمە، ئۇ ساڭا بىر قەدەم يېقىنلاشسا، سەن ئۇنىڭغا ئىككى قەدەم يېقىنلاش.

ئائىلە دېگەن ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى، قانداقلا ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆيۈڭدىن چىقىپ كەتمە. چۈنكى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قايتىپ كىرمىكىڭ بەكلا تەس.
ئەر-ئاياللار ئائىلىسىدە ئابروي مەسلىسىنى ئويلىشىپ كەتمەسلىكى لازىم، ئەر-خوتۇن ئارىسىدا ئابروي مەسلىسى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، ئائىلىدىمۇ ئابروينى مۇھىم ئورۇنغا قويساڭلار سىرتتا قانداق قىلغۇلۇق.
بىر ئەرنىڭ قانچىلىك كۆپ بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ سېنىڭ پاكىز-رەتلىك ھالەتتە، پاكىز-رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆيدە ئۆزىنى ساقلاپ تۇرۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ياخشى ئەرلەر ناھايىتى كۆپ، ئۇ باشقا ئاياللارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتمايدۇ، ئەمما بۇ جەمئىيەتتە نۇرغۇن يامان ئاياللار ئاكتىپلىق بىلەن ئېرىڭنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ.

ئايال كىشى دېگەن چوقۇم سىرتقا چىقىپ خىزمەت قىلىشى كېرەك، مەيلى پۇلنى ئاز تاپقىن ياكى كۆپ تاپقىن، خىزمەت دېگەن بىر ئادەمنىڭ قىممىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى. سەن ئىزچىل ئۆيدە ئولتۇرىدىكەنسەن، ئەركىشىگە «مەن سېنى بېقىۋاتىمەن» دەيدىغانغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن بولىسەن.
سىرتقا خىزمەت قىلغىنىڭدا ھەرقانچە ئالدىراش بولساڭمۇ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشقا ۋاقتى ئاجرىتىشىڭ كېرەك، بولمىسا ئۆزۈڭنىڭ پۇلىنى خەجلەپ سائەتلىك خىزمەتكار تەكلىپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئائىلىدىكى ئىشلارنى چوقۇم ياخشى قىلىپ، بالىنى ياخشى تەربىيلە.
ئۇ مەخسۇس سېنى خۇش قىلىدىغان ئىشلارنى قىلغاندا، سەن تەسىرلەنسەڭ بولىدۇ، ئۇنى ماختىساڭ بولىدۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ «كۈن غەربتىن چىقتىمۇ نېمە؟» دەپ مەسخىرە قىلما، بۇنداق قىلىدىكەنسەن، ئۇ سەن ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلمايدىغان بولىۋالىدۇ.
ھېچكىممۇ ھېچكىمنىڭ بىر قىسمى ئەمەس، سەن كۆڭلۈڭدىكىنى ئېيتمىساڭ، نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭنى كىم بىلەتتى؟ نېمىنى ياخشى كۆرىسەن، نېمىنى ئۆچ كۆرىسەن، كۆڭلۈڭنى نېمىنى تارتىدۇ؟ بۇلارنى دېسەڭ، باشقىلارغا ئاندىن سېنىڭ نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكىڭنى، نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ.
ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى سېنىڭمۇ ئاتا-ئاناڭ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغان تەقدىردىمۇ، سەن ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭ كېرەك، چۈنكى ئۇلار دېگەن ئاتا-ئانا، يولدىشىڭنى بېقىپ، قاتارغا قوشقان ئاتا-ئانىسى.
كىم بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ھەققىدە قارار چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، تۇرمۇشۇڭدىن زارلانما، ئۇنى تاللىغانىكەنسەن، ئۇنىڭدىن ئاغرىنىش يولۇڭ يوق.
شۇنداق پۇلدار بولسا نېمىگە پايدىسى، شۇنداق پۇلدار قېنى؟ شۇ پۇلدار يىگىت نەدە تۇرۇپتۇ؟
بۇ ئۆمرىمىزدە قانچىلىك پۇل خەجلەيتتۇق، ئۇنداق ھەشەمەتچىلىك قىلما، ئادەم دېگەن بەختلىك بولسىلا كۇپايە.
بالاڭغا «ئەمدى سېنى تاشلاپ كېتىپ قالىمەن جۇمۇ» دەپ، ئۇنى قورقۇتما، خاپا بولغان ۋاقتىڭدا بالاڭنى ئىشكتىن ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتمە، ئەگەر بالاڭ راستلا يوقاپ كېتىدىغان بولسا ئەڭ ئازابلىنىدىغان ئادەم يەنىلا سەن.
بالىنى ئۇرما، بولۇپمۇ سىرتلاردا تېخىمۇ شۇنداق.
داغدۇغىلىق مۇھەببەت ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ شۇنداقلا بەك رومانتىك، ئەمما ئۇ ئەمەلىي ئەمەس، يەنىلا ئادەتتىكىدەك تەبىئىي بولغىنى ياخشى.
ھەممە ئىش تەقدىر-پىشانە.
ھايات دېگەن چەكلىك، كۈنۈڭنى قەدىرلەشنى بىل.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2642

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-10-06
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 1دانە
  1. تور بىكىتىڭىزنى كۆرۈپ بىر نەرسىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم. مۇمكىن بولسا قىزلارغا قارىتا بىر سەھىپە ئاچقان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن، بىز قىزلاغا ئىېيتىدىغان كۆپرەك سۆزلىرىڭىز يوقمۇ – يا ؟!

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: