تۇرمۇش خاتىرىسى

تۇرمۇش بىلەن ئەپ ئۆتەلەمسىز ؟

ئادىل غۇجالىم

1942 – يىلى 5 – ئايدا گىرمانىيە ئارمىيىسى پارىژغا بىسىپ كىرگەندە، سودىسى كاساتلاشقان گۈل ساتقۇچى قىز لۇتسىيەنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بوپتۇ. ئۇ سودىسىنىڭ كاساتلىقىدىن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ چۈشكۈنلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، باشقا دۇكانلاردىكى ئەتىرگۈللەرنىمۇ سېتىۋىلىپ، ئۆزىنىڭ دۇكىنىدىكى ئەتىرگۈللەرنى قوشۇپ قوشنىلىرىغا سوۋغا قىلىپتۇ. ئەتىسى سەھەردە گىرمانىيە ئارمىيىسى پارىژ كۆچىلىرىدىكى ئاياللارنىڭ قولىدا گۈل تۇتۇپ تەبەسسۈم بىلەن يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگىنىتلىقى  « ئەتىرگۈل خۇشپۇراق چاچقان ئەتىگەن» دېگەن تېمىدا خەۋەر تارقىتىپتۇ. بۇ گېنېرال دىگول ۋە ئەسكەرلەرگە ئىلھام بولۇپتۇ. ئون يىلدىن كېيىن دېگول لۇتسىيەنى چاقىرىتىپ ئۇنىڭغا « پارىژ ئەتىرگۈلى » دەپ نام بېرىپتۇ.
تۇرمۇشقا كۈلۈپ بېقىش ئۈمىدۋار ياشاشنىڭ ئۆزگىچە شەكلى. كىشىلەر ئۆزىنى سۆيۈش بىلەن بىللە تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈشنىمۇ ئۆگىنىۋىلىشى كېرەك. چۈنكى، ئارىمىزدا نۇرغۇنلار تۇرمۇشقا كۈلۈپ بىقىشنى بىلمىگەچكە، تۇرمۇشتىن مەنىسىزلىك ھېس قىلسىلا، مەيۈسلىنىدۇ، ئازابلىنىدۇ. تۇرمۇشنىڭ مەنىسىز بولۇشى تەدبىرسىزلىكتىن بولىدۇ. شۇڭا، ھاياتلىقتا ھەر كىمنىڭ تۇرمۇشنى ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشنى بىلىشى يېتىلدۈرۈشكە تىگىشلىك قابىليەتتۇر. بىز تۇرمۇشقا قانداق باقساق، تۇرمۇشمۇ بىزگە شۇنداق باقىدۇ. بۇ خۇددى ئىنسانلار ئەينەكنى كەشىپ قىلغاندىن باشلاپ ئۇنىڭدا ئەكسىنى كۆرگەندەكلا ئىش. ھەممە كىشى ئەقلىنى بىلگەندىن باشلاپلا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈپتۈز يولدا مېڭىپ، ئۆمرىنى شاد – خوراملىقتا خاتىرىجەم ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما، ئارزۇ بىلەن ئەمەلىيەت ئارىسىدا ھامان پەرق بولىدۇ. بەزىدە بۇ پەرق ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كىتىدۇ. تۇرمۇشتا بەزى ئىشلار قايغۇ – ھەسرىتىمىزگە باقمايدۇ. بىز تۇرمۇش جاپالىق، ئۇ دەرت – ھەسرەت بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان دەپ قاراشقا ئادەتلەنگەن. ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇش بىلەن ئەپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئاقىلانىلىك. تۇرمۇشتا نېمە ئۈچۈن بەزىلەر شۇنچە مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ئاددى يول بىلەن ھەل قىلالايدۇ ؟ ئەكىسچە بەزىلەر كىچىككىنە ئەرزىمەس ئىشلارغا ئازابلىنىپ ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ ؟ بۇنىڭدىكى نىگىزلىك مەسىلە تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەدە. ھەتتا بۇ قوشنىلار ئارىسىدىكى كىچىككىنە مۇناسىۋەتتىمۇ ئەكىس ئېتىدۇ.
شەھەر ئەتراپىدىكى بىر بازارنىڭ يول بويىدا بىر بوۋاي ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرسا، ناتونۇش بىر ياش پىكاپنى ھەيدەپ كىلىپ بوۋايدىن:
ـ بوۋا، بۇ ئەتراپتىن ئۆي ئالماقچى ئىدىم، بۇ بازارنى نېمە دەپ ئاتايدۇ؟ كىشىلىرىنىڭ مىجەز – خۇلقى قانداق ؟ بۇ يەردىكىلەر بىلەن ئەپ ئۆتكىلى بولامدۇ ؟ ـ دەپ سوراپتۇ.
ـ مەن سوئالىڭىزغا جاۋاپ بىرىشتىن ئىلگىرى شۇنى بىلىپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ، ـ دەپتۇ بوۋاي يىگىتكە جاۋابەن، ـ نېمە ئۈچۈن بۇياققا كۆچىدىغان بولۇپ قالدىڭىز؟ سىزنىڭ مەھەللىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ مىجەز – خۇلقىنىڭ قانداقلىقىنى، ئۇلار بىلەن قانداق ئۆتىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بىرەلەمسىز ؟
ـ ۋاھ، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ مىجەزىنىڭ ئوساللىقىغا باقماي، بىر – بىرىدىن ئۆكتەم، ئۇ يەردە كىشىنى پالاكەت بىسىپلا تۇرىدۇ. تومپاي، تەربىيە كۆرمىگەنلەر كۆپ. مەن ئۇ نەس باسقان يەردىن قېچىپ بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلەيمىكىن دېگەنىدىم، ـ دەپتۇ يىگىت.
ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بوۋاي سالماق تەلەپپۇزدا :
ـ ھەي يىگىت، سۆزىڭىزدىن قارىغاندا، بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلسىڭىز يەنىلا ئۈمىدسىزلىنىپ قالغۇدەكسىز، بىزنىڭ بۇ كىچىك بازاردىكى كىشىلەر سىزنىڭ مەھەللىڭىزدىكىلەرگە ئوخشاش، تېخى ئۇلارنى بىسىپ چۈشسە چۈشىدۇكى، ئۇلاردىن قىلىشمايدۇ، ـ دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان يىگىت ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا يولىغا راۋان بولۇپتۇ.
نەچچە كۈندىن كېيىن بوۋاي يەنە شۇ جايدا ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرسا بىر يىگىت كىلىپ بوۋايدىن ھېلىقى يىگىت سورىغاندەك سوئالنى سوراپتۇ، بوۋايمۇ يىگىتتىن ئىلگىركىدەكلا قايتۇرۇپ سوراپتۇ.
ـ مەن ھازىر تۇرىۋاتقان مەھەللىدىكىلەر ئىنتايىن دوستانە، مەرد – سىخى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممەيلەن بىر – بىرىسىگە  ئۇرۇق – تۇققاندەك قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى. قولى ئوچۇق، ھىممەتلىك بولغاچقا، كۈنلىرىم خوشال – خورام ئۆتۈۋاتاتتى. خىزمەت ئورنۇم يۆتكەلمىگەن بولسا، ھەرگىزمۇ كۆچمەيتىم.
يىگىتنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ :
ـ يىگىت، سىز ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىكەنسىز، بۇ يەر سىز ئىزدەپ يۈرگەن يەرنىڭ نەق ئۆزى. بۇ يەردىكىلەر سىز ھازىر ئولتۇرۋاتقان مەھەللىدىكىلەرگە ئوخشاش قىزغىن، سېخى – مەرد بولۇپلا قالماستىن، يەنە يېڭى كەلگەن قوشنىلارغىمۇ ئىنتايىن دوستانە. بۇ يەرگە كىلىپ ئولتۇراقلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز، ـ دەپتۇ.
ياش يىگىت خوشال ھالدا بۇ يەرگە كۆچۈپ كەپتۇ ۋە ئىلگىركىدەكلا قىزغىن، دوستانە قوشنىدارچىلىق تۇرمۇشنى باشلىۋاپتۇ.
بۇ ھېكايە تۇرمۇشىمىزنىڭ كىچىكلىتىگەن كارتىنىسى. سىز باشقىلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزگە شۇنداق مۇئامىلىدە بولىدۇ. بىز بەزىلەرنىڭ تۇرمۇشتىن زارلاشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئۇلار گويا تۇرمۇش ئۆزى بىلەن دۆشمەنلىشىۋاتقاندەك، ئۆچەكىشىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن « مېنىلا نەس باسامدۇ؟ »، « مەن نېمانچە شور پىشانە؟ » دېگەندەك سۆزلەر چۈشمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئەزەلدىن مەن تۇرمۇشقا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇۋاتىمەن دېگەننى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پاتقاننى سەزگەن چېغىڭىزدا كەڭ قورساقلىقنى ئۆگىنىۋىلىشىڭىز كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا يولۇققان مەسىلىلەرگە كەڭ قورساقلىق، ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلسىڭىزلا ئېھتىمال تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرىلەر سىزنى كۈتۈۋالىدۇ. تۇرمۇشقا كۈلۈپ بىقىشتا ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشنى، شەخسىيەتچىلىكتىن ۋاز كېچىشنى ئۆگىنمىۋىلىشىمىز زۆرۈر. چۈنكى ئەقىللىق ئادەم باشقىلارنىڭ خاتالىقىدىن ئىبرەت ئالىدۇ، ئەخمەق ئادەم شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئىسكەنجىسىدە ئۆزىدىن ھالقىيالمايدۇ.

 

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2650

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-10-07
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: