تۇرمۇش خاتىرىسى

    

ئەركىگى بار ئۆي

 

(ھېكايە )
نەبى جالالىدىن ( ئۆزبەكىستان )

 

دەرۋازىدىن ئىغاڭشىپ كىرىپ كەلگەن بالا ،ئۆي يېنىدىكى شاخلىرى ئۆسۈپ تاملارغا قەدەر سوزۇلغان يوغان ئۆرۈكنىڭ ئاستىدا ئېرىنچەكلىك بىلەن ئايلىنىپ يۈرگەن تاغىل مۇشۈكنى كۆرۈپ توختاپ قالدى . ئاندىن قولىدىكى سومكىنى مۈشۈكنىڭ ئۇستىگە ئاتىدىغاندەك ھەركەت قىلدى ۋە  ۋەھىمىلىك ئاۋازدا ۋاقىردى ، مۈشۈكمۇ ھەمئاھاڭ بولۇپ قاتتىق چىقىراپ ئۆرۈكنىڭ ئىككى ئادەم بويى كېلىدىغان شېخىغا سەكرەپ چىقتى – دە ، بالىغا«ھەزىلىڭ قۇرسۇن » دېگەندەك قاراپ قويۇپ ، بايۋەچچە يۈرۈشتە قىڭغىر – مايماق ئۆسكەن شاخلاردىن مېڭىپ تامغا ئۆتۈپ كەتتى . بالا ئۆز قىلىدىن خوشال بولۇپ كەتتى . بۇ مۈشۈك ئۇلارنىڭ ئەمەس ئىدى ، قاياقتىندۇر پەيدا بولۇپ قالغان ،بىرەرى بېقىۋالمىغاچ تامنى ماكان قىلىپ شۇ يەردە ئاسلانلاپ بۇ ئۆينىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى . ئۆيىدىن چىقىپ كەلگەن ئاپىسى ئايۋاندا توختاپ بالىنى ئەيىپلەپ :
‏-‏- مۈشۈكنى قىينىمىساڭچۇ ، بالام  ‏- دېدى .
بالا ئەركىلىگىنىچە سومكىسىنى  پۇلاڭلىتىپ ئويناتقىنىچە ئاپىسى بىلەن  سورىدا ئولتۇرغان ھاممىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى .
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھامما ، كەلدىڭىزما ؟ – دېدى جاراڭلىق ئاۋازدا .
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،  ئەدەپلىك جۇمۇ مېنىڭ بالام – دېدى ئاپىسى ئوغلىغا مەسلىكى كېلىپ .
- قايتىپ كەلدىڭما پالۋان ؟ قېنى …-ھاممىسى ئولتۇرغان جايىدىلا سالاملىشىشش ئۈچۈن ئالقىنىنى ئاچتى . بالا ئادىتى بويىچە ئەركىلىك بىلەن ھاممىسىنىڭ ئالقىنىغا « چارس »  قىلىپ بىرنى ئۇرۇپ « ياخشى تۇردىڭىزمۇ »  دېدى .
- ئاپا – بالا سومكىسىنى سورىنىڭ چېتىغا قويۇپ ، چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىنى ئانىسىغا تىكككىنىچە سۆزلەشكە باشلىدى  ‏- بەدەل بوۋامغا سالام قىلغان ئىدىم ، « بارىكاللا ئوغلۇم ، ئاتا ئوغلىدەك بولغىن ، ئىلاھىم ، ئاتاڭدەك   يىگىت بولغىن»  دەپ  دۇئا قىلدى .

- بارىكاللا ئوغلۇم ،  - ئانا بالىسىنى باغرىغا تارتتى  - ئىلاھىم، بەدەل بوۋاڭنىڭ ئېيتقىنى كەلسۇن ، ئۇ كىشى داداڭ رەھمەتلىكنى بەك ياخشى كۆرەتتى  -  دەپلا كۆڭلى بۇزۇلدى .
بەدەل بوۋا ئۇلاردىن ئۈچ –تۆت ئىشىك نېرىدا ئولتۇرىدىغان خوشنىسى بولۇپ ،ئاپپاق ساقاللىق نۇرانە بىر بوۋاي ئىدى.ئۇ ھەمىشە دەرۋازا ئالدىدىكى ئەپچىلگىنە سۇپىدا قولىدىكى بېھى ياغىچىدىن ياسالغان ھاسىسىغا تايىنىپ ئولتۇرۇپ گاھ ئاغزىدا بىر نەرسىلەر دەپ پىچىرلايتتى،گاھ ئۆتكەن – كەچكەنگە گەپ قىلاتتى .بوۋاي تولىمۇ دانا كىشى ئىدى ، قىشلاقتىكى ھەممە ئىشلاردىن خەۋەردار ئىدى،دىمەكچى بولغان گېپىنى يوپۇرۇپ يۈرمەيتتى ئۇدۇللا دەۋېرەتتى، شۇڭلاشقا بۇ يەردىكى بۇ كىشىلەر ئۇنىڭدىن ھېيىقاتتى.بۇ يەردىكى بىرەر ئىش ئۈچۈن ئۇنىڭ  پىكرىنى ئالاتتى.ئۇنىڭ ھۆكمى دائىم توغرا بولغاچقا ، بۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتۈشنى ئىستەيتتى.بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە دانا ھېساپلانغان بوۋاينىڭ بالىسىنىڭ ئاتىسى ھەققىدىكى  گېپىنى ئاڭلاپ ئايالنىڭ دىلى ئېزىلگەن ئىدى.
بالا ھاممىسى بىلەن بۇرۇنقىدەك كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆيگە كىرىپ كەتتى. سومكىنى قويۇپ ئەمدىلا كۆڭلىكىنى يېشىۋاتقاندا بالىنىڭ قۇلىقىغا ھاممىسىنىڭ گۇمان ئارىلاش سۆزلىگەن ئاۋازى كىرىپ قالدى:
-        ئايۋانغا چىقتىما ، ئۆلگۈر ؟ – سورىدى ھاممىسى ئاپىسىدىن.
بالا دەرىزىدىن ئانىسىنىڭ چىرايىغا قارىدى ، ئۇنىڭ چىرايىدىن غەمكىنلىك چىقىپ تۇراتتى.
-        بوينى ئۈزۇلگۈر، قولى بىلەن سىرتقا چىقىشقا ئىملىدى ،كۆزلىرىدىن ئىچىۋالغاندەك قىلىدۇ ئۇ ئىتنىڭ بالىسى .
بالا ئەمدى دەرىزىگە يېققىن كېلىپ ئۇ ئىككىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا باشلىدى.ئۇنىڭ سەزگۈلىرى ئانىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىرەر كۆڭۈلسىزلىكنى سەزگەن ئىدى.
ئانىسى خىجالەت  بولۇپ پەس ئاۋازدا سۆزلەيتتى .
-        بىر ئىككى قېتىم ئىشتىن يانغاندا قاراپ كېتىۋىدى ، سالام قىلغان ئىدىم ، باشقىچە چۈشۈنۈپ قالغان ئوخشايدۇ ئۇ ، يەر يۇتقۇر.
-        كەچتە كېلىپ ھەمراھ بولايمۇ ؟- دېدى ھاممىسى ئاپىسىغا تەسەللى بەرگەن ئاھاڭدا.
-        بولدى ئېرىڭنىڭ ئاچچىقى كەلمىسۇن يەنە .
-        ئۇ يەنە كېلە بۈگۈن كېچە .
-        بىلمەيمەن ، ئاخشام تازا ۋاقىرىماقچىمۇ بولدۇم، ئەمما مەھەللىدىكىلەردىن نومۇس قىلدىم.ھەممىسى توغرا چۈشەنمەيدۇ ، كېيىن مىش – مىش كۆپۈيۈپ قالمىسۇن دېدىم . بالىلىرىم بار .شۇ ئۆيدە ئەر كىشى يوق ، ئېرىم بولغان بولسا … – ئانىسىنىڭ ئاۋازى يىغلاۋاتسا كېرەك جىمىپ قالدى.
بالىنىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇلۇپ ئاپىسىغا ئىچى ئاغرىپ قالدى،بىردىنلا دادىسىنى ئەسلەپ ئۆكسىندى.‹ كىم بولغىيتتى › دەپ ئويلىدى بالا .‹ كېچىسى بىزنىڭ ئۆيگە كىرگەن قايسى ھارىمىلىقتۇ ؟ ئۇ ئەر يوق ئۆيگە كىرەمدىكەن ؟بىزنىڭ ئۆيدە ئەركەك يوقما ؟ مەنچۇ ؟ ياق ئانا . بىزنىڭ ئۆيدىمۇ ئەركەك بار › . بالا تېخى ئەمدى بەشىنچى سىنىپتا ئوقۇيتتى ، ئەمما ھازىر چوڭ ئادەملەردەك پىكىر قىلىۋاتاتتى ، ئانىسىنى خاپا قىلغانلاردىن ئۆچ ئېلىش ئىستىگى تومۇردىكى قانلىرىنى يىگىتلەرنىڭ قېنىدەك ئوت ئالدۇرماقتا ئىدى.‹ زادى كىم بولغىيتتى ئۇ ئىت ؟ بوپتۇ بۈگۈن كەچتە بىلىمەن . بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرسە قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويىمەن مەن ئۇنىڭغا ›. بالا كىم ئىكەنلىكىنى ئانىسىدىن سوراشقا خىجىل بولاتتى ، قەتئىي بىر قارارغا كەلگەن بالا خوشال ھالدا تاشقىرغا چىقتى .
ئانىسى توخو باقىمىز دەپ كاتەك قىلىش ئۈچۈن بىرمۇنچە كېسەك قۇيۇپ قويغان ئىدى.بالا يېڭىلا قۇيۇپ قويغان كېسەكتىن ئىككى تالنى ئېلىپ ئۆرۈكنىڭ كەينىگە ئەكەلدى.بۇ چاغدا ھاممىسى چىقىپ كېتىۋېتىپ ‹ ھەي كېسەكچى بىزنىڭكىگە بار ھە ! › دەپ قويدى ئەركىلىتىپ .ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا ھاممىسىلا ئەمەس ئاپىسىمۇ ‹ كىچىك بالا ئويناۋاتىدۇ › دەپ ئېتىۋارسىز قاراپ قالغان ئىدى.بىراق ئۇ كېچىدە بولىدىغان ‹جەڭگە › تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بالىلىق خوشاللىقلىرى ھەم شۇملۇقلارغا تولغان كاللىسىدا شۇ دەمدە كېچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىگە كىرگەن ئادەمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىش ھەم ئۇنىڭ ئەدىبىنى بېرىش خىيالى ئورناپ كەتكەن ئىدى. شۇ نىيەتتە ئۇ ئىككى تال كېسەكنى ئۆرۈك ئاسىتىغا ئەكەلگەن ئىدى. ئۇ قاياقتىندۇر ئانىسى   بازاردىن پىياز ،كارتوشكا ئالغاندا ئۇلارنى سالىدىغان سۇنئىي يىپتىن توقۇلغان خالتا ۋە ئارقان تېپىپ كەلدى. كېسەكنى خالتىغا سېلىپ ، ئارقاننى بېلىگە باغلاپ ئۆرۈككە يامىشىپ چىقىشقا باشلىدى.
بالا قولىدىكى خالتىنى كىچىكرەك بىر شاخقا ئىلىپ قويۇپ   قېلىن يوپۇرماقلار ئارىسىدىن ھۆيلا ئاياغىدىكى تامنى كۆرگىلى بولىدىغان قىلىپ بىر تۇننۇك ئاچتى. ئۆرۈكنىڭ شاخلىرى بەك قويۇق ئىدى، بالا ئۇ ھۆيلىغا كىرسىمۇ دەرۋازا تەرەپتىن كىرەلمەيدىكەن، چوقۇم تامدىن ئارتىلىپ چۈشىدۇ دەپ ئويلاپ ، خالتىنى ئېلىپ ئۆينىڭ تېمىغا ئىگىلگەن شاخقا قاراپ ئېھتىيات بىلەن ماڭدى.قېرى ئۆرۈكنىڭ ھەر بىر شېخى بالىغا   تونۇش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۇستىدە يۈرۈش بالىغا قىيىن ئەمەس ئىدى، ھەر يىلى ئۆرۈك پىشىقىدا بۇنىڭغا چىقىپ – چۈشۈپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن قايسى شاخقا پۇتىنى قويۇشنى ياخشى بىلەتتى.ھازىر ئېھتىيات قىلىشىدا قولىدا نەرسە بارلىقىدىن ئىدى.ئۇ ئاشۇ شاخنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ھۆيلىغا كىرگەن ئادەمنى دەل ئۇستىدە تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى مولچەر قىلىپ توختىدى ۋە خالتىنى بىر شاخقا ئىلدى. بېلىدىكى ئارقاننى يېشىپ ئۈچى سۇنغان بىر شاخقا بىر ئايلاندۇرۇپ ئېسىپ قويدى.بالا ئۆرۈكتىن چۈشۈپ  تام يويلاپ ئادەم چۈشۈشى مۇمكىن بولغان جاينى مولچەرلىدى-دە، ئۆزىگە ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن قايتىپ كەلدى.ئەمدىكى غەم ئۇ كېچىلىك ئۇيقۇنى قانداق يېڭىشتە قالغان ئىدى.ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىدىغان ئادەم چوقۇمكى يېرىم كېچىدىن بالدۇر كەلمەيتتى.چۈنكى ئوغرىغا ئوخشاش بىخەتەر پەيتتنى كۈتىدۇ،بۇ چاغدا بالا ئاللىقاچان قېتىپ ئۇخلاپ كەتكەن چاغ ئىدى.ئۇنى ئەڭ قىينايدىغىنى شۇ ئىدى.كۆپ ۋاقىتلاردا تېلۋىزوردىكى كىنولار باشلانغىچە سىڭلىسىدىن بالدۇر ئۇخلاپ قالاتتى.بۇ ئەقىللىق سىڭلىسى كىچىك بولغان بىلەن كىتاپ ئوقۇشقا بەك ئامراق ئىدى.بولۇپمۇ چۆچەك ئوقۇشقا بەك ئامراق ئىدى، چوڭ ئۆيگە كىرىۋېلىپ ‹ ئۇخلايلى › دېگەنگە باقماي ئوقۇيتتى.بەزىدە ھەتتا ئانىسىمۇ ئۇيقۇغا كېتىپ قالاتتى.قايسىبىر چۆچەكتىن ئوقۇدىمۇ ، ياكى سىڭلىسىدىن ئاڭلىدىمۇ ، شۇ ئوقۇغانلىرىدىن كېچىسى ئۇخلىمايدىغان بىر چارىنى تېپىپ چىقتى .بالا ئۆزى تاپقان چارىسىدىن خوشال بولۇپ كۈلۈپ قويدى.‹‹ئاغرىسىچۇ ؟ دەپ ئويلىدى بالا ، كېچىسى ئۇخلاپ قالمىساملا بولدى ››. ئاغرىققا چىدايدۇ ،ئاخىر ئۇ ئەكەك كىشىغۇ.ئانىسىغا بۇ ئۆينىڭمۇ ئەركىكى بارلىقىغا ئىشەندۇرۇش ئۈچۈن چىدىشى كېرەك ئىدى .
ياتىدىغان چاغدا بالا ئانىسى سىڭلىسى بىلەن ئىككىسىنىڭ رەڭلىك قەلىمىنى ئۈچلاپ بېرىدىغان كىچىك پىچاقنى  ، دائىم قويۇپ قوۇيۇدىغان تەكچىگە سېلىنغان گېزىت ئاستىدىن ئالدى –دە ، يوتقانغا كىردى.ئانىسى چىراقنى ئۆچۈرۈشىگە سول پۇتىنىڭ تاپىنىنى ھۆيلىدىن چۈشۈپ تۇرغان يورۇقىغا تۇتتى.چىشلىرىنى بىر – بىرىگە بېسىپ تۇرۇپ تاپىنىڭ ئىككى سانتىچىلىك يېرىنى پىچاق بىلەن كەستى.ئۇ ئويلىغاندەك ئاغرىمىدى،ئۇ قان چىقىشى كۈتۈپ بىردەم ساقلىدى، ئاندىن كېسىلگەن كېسىلمىگەنلىكى بىلىش ئۈچۈن قوللىرى بىلەن تۇتۇپ باقتى.قان چىقىشى بىلەن بايا ئاشخانىدىن ئېلىپ كىرگەن تۇرنى يارىغا باستى – دە، لېۋىنى چىشلەپ كۆزلىرىنى يۇمدى.بىردەم ئۆتە – ئۆتمەي يارا دەھشەت ئېچىشىشىقا باشلىدى.بەرىبىر بالىدە ئۇ ، بىردەم ئۆز مەقسەتلىرىنى ئۇنتۇپ تولغاندى،بىلىنەر بىلىنمەس ئىڭرىدى.ئازراق بولسىمۇ ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ يارا ئاغزىنى پۇۋلەشكە باشلىدى.ئۇخلىمىغان ئانىسى بالىنىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى سېزىپ :
-        نېمە قىلىۋاتىسەن بالام – دېدى  ئارىدىكى سىڭلىسىدىن بويلاپ ئۇنىڭغا قاراپ .
بالا شۇ چاغدىلا سەگەكلىشىپ ، بىردىنلا ئۆزىنى ئۆڭشىۋالدى- دە .‹ ھېچنېمە › دەپ جاۋاپ بەردى خاتىرجەم ئاۋازدا .
بىراق يەنىلا ئۇيقۇ زور كەلدى. يارىسىنىڭ ئېچىشىشى پەسەيدىمۇ ياكى بەك چارچاپ كەتكەنلىكتىنمۇ بىردەم قاتتىق ئۇخلاپ قالدى.
ئەتىسى ئەتتىگەندە بالا ئانىسىنىڭ ئاۋازىدىن ئويغاندى.ئانا ئۆز ئىشىنى قىلغاچ بالىنى ‹ كېچىكىپ قالىسەن › دەپ  تەكرار – تەكرار چاقىردى.بالا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىككە قاراپ مېڭىشىغا سول تاپىنى سىقىراپ ئاغرىپ كەتتى ، بالا شۇندىلا ئاخشامقى قىلماچى بولغان ئىشلىرىنى ئەسكە ئالدى.ئاغرىقنى ئۇنتۇش ئۈچۈن سول پۇتىنى كۆتۈرىۋالدى.ھېلىقى ئادەم كەلگەنمىدۇ دېگەن خىيال كىرىۋالدى ، ئاخشام ئۇخلاپ قالغانلىقنى ئەلەم كېلىپ چىرايىنى پۇرۇشتۇردى.ئۆز – ئۆزىگە بىرنىمىلەر دەپ غۇدۇڭشىدى،ئۇخلاپ قالغىنىغا تاپىنى ئەيىپداردەك پولغا بىرنەچچىنى قاتتىق ئۇرۇۋەتتى.ئەمدى ئاغرىق ئانچە سېزىلمەيتتى.ئۇ ئۆيدىن چىقىپ سورىدا ئولتۇرغان ھاممىسىغا كۆزى چۈشتىم يۈزىنى يۇماي ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشىشتىن خىجىل بولۇپ ‹ كېلىڭ ھامما › دەپ قويۇپ ھۆيلىغا قاراپ ماڭدى.ھاممىسى بىپەرۋالا ‹ تۇردىڭما پالۋان يىگىت › دېدى ۋە جىيەنىنىمۇ ئۇنتۇپ ، ئاچىسىغا دەۋاتقان گېپىنى داۋاملاشتۇردى :
-        ياخشى بوپتۇ ، بۈگۈن كەلمەپتۇ ئۇ يەر يۇرتقۇر – دېدى ئاۋازىغا بىر خىل سىرلىق تۇس بېرىپ – ئۇنىڭغا ئىنساپ بېرىپ بۇندىن كېيىن كەلمىسە ئەجەپ ئەمەس .
بالا  ئۆيدىن قايرىلغان چاغدا بۇ گەپلەر  قۇلىقىغا كىرىپ قالدى،‹ ھەر نېمە بولسا بۈگۈن كەلمەپتۇ ئۇ › دەپ خوشال بولۇپ يەڭگىل نەپەس ئالدى.
بالا كۈن بويى ئۇخلاپ قالماسلىقنىڭ چارىسىنى ئويلاپ چىقتى.ھەتتا مەكتەپتىمۇ بۇ خىياللار  ئۇنىڭ كاللىسىنى ئەسىر قىلغان ئىدى. ئۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلىش ئارزۇسى چارە ئىزدەشكە تېخىمۇ تۇرتكە بولىۋاتاتتى.
ئادەتتە ئانىسى كۈن بويى ئۇششاق – چۈششەك ئىشلەر بىلەن تىنىم تاپمىغاچقا سائەت توققۇز بولمايلا ئۇيقۇ تۇتاتتى.ئانىسىنىڭ شۇ ئادىتى بۇ كېچە بالىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن ئىدى.ئانىسىنىڭ چارچىغانلىقىنى بانا قىلىپ سىڭلىسىنى تېزراق يېتىشقا دەۋەت قىلدى.ئۇنىڭ نىيىتى قانداقلاپ قىلىپ بولمىسۇن ئانىسىغا سەزدۇرمەي بالدۇرراق سىرتقا چىقىۋېلىش ئىدى.بولمىسا يەنە ئۇخلاپ قالاتتى.سىڭلىسىغا كىتاپنى قويغۇزۇپ ئۇنى ئۇخلاتقۇچە ئوندىن ئېشىپ كەتتى.ئاندىن ئۇيقۇغا كەتكەن ئانىسىنى چاقىردى .
-        ئاپا چىراقنى ئۆچۈرەيمۇ ؟
بالا ئانىسىنىڭ چىراقنى دائىم ئۆزى ئۆچۇردىغانلىقىنى ، چىراقنى ئۆچۈرۈشتىن بۇرۇن دالان ئۆيگە كىرىپ كوينىكىنى ئالماشتۇردىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى.ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشى ئۇنىڭ بالىلارچە ھىلىسى ئىدى.
ئايال ئۇيقۇسىراپ ئورنىدىن تۇردى ۋە ‹ ياتىۋەر ئوغلۇم ،ئۆزەم ئۆچۇرىمەن › دەپ قويدى.بالا ئانىسىنىڭ كۆز ئالدىدىلا يوتقانغا كىرىپ ياتتى.ئانىسى دالان ئۆيگە  كىرىپ كېتىشىگە ئورنىدىن تۇرۇپ  بايا  يوگەپ قويغان كۆرپىنى يوتقىنىغا خۇددى ئادەم ياتقاندەك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئاستا قەدەم بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتتى.ئانىسى دالاندىن چىقىپ بالىنىڭ ئورنىغا بىر قاراپ قويدى ،ياتقانلىقىغا ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن ، ئىشىكنى ئىچىدىن زەنجىرلەپ ئورنىغا كېلىپ ياتتى.
بالا ئامال بار تىۋىش چىقارماشلىققا تىرىشىپ ئۆرۈككە ياماشتى.بىزگە تونۇش بولغان شاخنىڭ ئارقان ۋە كېسەك سېلىنغان يېرىگە كېلىپ ، ئارقاننى قولىغا ئالدى.ئۇ بىر قولدا شاخنى چىڭ قۇچاقلاپ ، بىر قولىدا ئارقان بىلەن بېلىدىن ۋە يەلكىسىدىن ئارقاننى ئۆتكۈزۈپ  شاخقا ئۆراپ باغلىدى.ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ناۋادا كېچىسى ئۇخلاپ قالسا شاختىن يىقىلىپ چۇشمەسلىك ئىدى.ئارقاننى باغلاپ بولۇپ يەنە بىر قولى بىلەنمۇ شاخنى قۇچاقلاپ ياخشى جايلىشىۋالدى –دە ، ئوڭ يۈزىنى گادىر – بۇدۇر شاخقا قويدى …
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى ،يەلكىسىگە قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ يەڭگىل  ئۇرۇلىشىدىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتى.بۇ كېچىدە ئايلىنىپ قايتىپ كەلگەن سەرگەردان مۇشۇكنىڭ ئاياقلىرى ئىدى.مۈشۈك كۈندە نەچچە قېتىم ئۆتىدىغان ، ئۆزى ئۈچۈن يول بوپ قالغان بۇ شاختا ئادەم بار يوقلىقىنى ئىلغىمايلا ئۇنىڭ ئۇستىگە سەكرەپ چۈشكەن ئىدى.بالا ئويغۇنۇپ ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئىلغىيالماي قالدى،ئەتراپتىكى قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ يۈرۈكىگە ۋەھىمە سالماقتا ئىدى.ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئويلىدى، بۇ چاغدا شاخنىڭ گادىر – بۇدۇرلىرى ئۇنىڭ يۈزىگە ، يەلكىسىگە،كۆكرىگىگە ، قول – پۇتلىرىغا پېتىپ ئۇيۇشۇپ كەتكەن ئىدى.شۇ قەدەر سىقىراپ ئاغرىدىكى ، بالا ئۇنى ئۇيقۇ بىلەن سەزمىگەن ئىدى.بالا قوللىرىنىڭ ئۇيۇشىشىنى يېشىشكە ئۇرۇنىۋاتقاندا ، پەستىكى ئادەمنىڭ شەپىسىنى تۇيۇپ قالدى.بالا سەگەكلەشتى ، ئاندىن ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە نېمىشقا كەلەگەنلىكىنى ئەسلىدى.پەستىكى ئادەم ئايۋانغا يېىققىلاپ قالغان ئىدى، بالا ئۇنى تونىۋېلىش ئۈچۈن تازا قاراشقا باشلىدى.ۋاي بۇ سىنىپىمىزدىكى شادى ماڭقىنىڭ دادىسىغۇ ! ئۆيى ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ئۈچ – تۆت ئىشىك نېرىدا ئىدى .‹‹ ۋۇي ھاراقكەش تىراكتورچى ،ھەممىسى بالاڭنى ماڭقا دەپ تىللاپ يۇرسۇن ، سەن بولساڭ بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرەمسەن.ھۇ ، ئەبلەخ ››بۇ ئۇنىڭ بالىلارچە تىللىشى ئىدى.بۇ چاغدا شادى ماڭقىنىڭ دادىسى ئايۋان ئالدىغا كېىلىپ ، قولىدىكى كىچىككىنە بىر نەرسىنى ئېھتىيات بىلەن دەرىزە ئەينىكىگە قارىتىپ ئاتتى.بىر ئىككى قېتىم تىرىقلاشتىن كېيىن ئۆي ئىچىدە ئانىسىنىڭ چىرايىدىن غەزەپلەنلىگى چىقىپ تۇرغان چىرايى كۆرۈندى.‹ تۇن مېھمىنى › خېلى ئىچىۋالغان  بولسا كېرەك جىم تۇرالمايتتى، ئۇ قولى بىلەن ئانىسىنى سىرتقا چىقىشقا ئىما قىلىۋاتاتتى.
بالا شۇ يەردە تۇرۇپ ئاپىسىنىڭ ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ نېمە قىلىشىنى بىلمەي تىت – تىت بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ تۇردى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ھاراقكەشنىڭ بۇ يەردە خۇددى ئۆز ھۆيلىسىدا تۈرغاندەك يۈرىشىنى كۆرۈپ غەزەپلەندى،كۈچى بولغان بولسا بېرىپلا بوغۇپ قويغۇسى كەلدى.ئۇ ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرسە قانداق بولىدىغانلىقى كۆرسۈتۈپ قويماقچى بولۇپ ، بىر قولىنى ئاستا خالتىنىڭ ئىچىگە تىقىپ كېسەكتىن بىرنى قولىغا ئالدى.بالا كېسەكنى قولىدا چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ئايۋان تەرەپكە قاراپ قىمىرلاۋاتقان شادى ماڭقىنىڭ دادىسىغا بىر پەس قاراپ تۇردى.كەينىدىن ئاستا يۆتەلدى.شادى ماڭقىنىڭ دادىسى چۆچۈپ ،ئۆزىنى قاراڭغۇلۇققا ئالدى ۋە ئەتراپقا ئەلەڭلەپ قاراشقا باشلىدى.بالا ئويلىغاندەك بولغان ئىدى، ئۇ دەل بالىنىڭ ئاستىغا كېلىپ تۇرغان ئىدى.بالا قولىدىكى كېسەكنى چەنلەپ تۇرۇپ ‹تۇن مېھمان › نىڭ بېشىغا بېشىغا ئاتتى. قۇرىمىغان كېسەك ‹‹ گۇس ›› قىلىپ ئۇنىڭ بېشىغا تەگدى ۋە ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.ئۇ ‹‹ ۋاي ›› دېگىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى .ئۇ ئىڭرىغانچە بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ئالدىغا بىرنەچچە قەدەم ماڭدى ، كېيىن ھۆيلىنىڭ ئاياق تەرىپىگە يۈگۈرۈپ كەتتى .
بالا ئالدىراپ ئارقاننى يېشىشكە باشلىدى ،ئۇ يېشىۋېتىپ ئانىسىنىڭ تاشقىردىكى تاراق – تۇرۇقلاردىن نېمە بولغانلىقىنى بىلمەي يۈرىكى يېرىلغۇدەك بولىۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىغا كەلتۈرمەكتە ئىدى. شۇڭا تېزراق يەرگە چۈشۈپ ئانىسىغا كۆرۈنمەكچى ئىدى.چۈنكى ئاپىسى ئۆزىنىڭ تاشقىردا ، يەنە كېلىپ ئۆرۈك ئۇستىدە ئىكەنلىكى چۈشۈگىمۇ كىرمەيدىغانلىقىنى ،ئۆزىنى يوتقان ئىچىدە دۇنيادىن بىخەۋەر تاتلىق ئۇخلاۋاتىدۇ  دەپ بىلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى.
شۇنداق، شۇ چاغدا ئۆي ئىچىدە   ئۆتى يېرىلغۇدەك بولۇپ دەرىزە ئالدىدا تۇرغان ئانا  تاشقىرىدا نېمە بولىۋاتقانلىقىن بىلمەيتتى ،ئوغلىنىڭ ئورنىغا قاراش بولسا خىيالىغىمۇ كىرمەيتتى.ئۇ قورقۇنچ ئىچىدە قاراڭغۇلۇقتىن يورۇق جايغا كەلگەن  ئوغلىنى كۆرۈپ باشتا تونىيالمىدى . بىردەمدىن كېيىن كۈلگىنىچە ئايۋانغا چىققان ئوغلىنى كۆرۈپ‹ ۋاي ئۆلەي ، ۋاي ئۆلەي ›دېگۈنىچە بالىسىنىڭ يوتقىنىغا تاشلاندى .يوتقاننى قايرىپ يوتقان ئىچىگە قاتلاپ قويغان كۆرپىنى كۆرۈپ ‹ بالام › دەپ ۋاقىراپ كەتتى.ئەندىكىپ ئىشىككە قاراپ ئېتىلدى ،ئاغزىدىن ‹ ۋاي بالام ، ئوغلۇم › دېگەن سۆزلەرلا چىقاتتى،قورقۇنچتىن  قۇپ – قۇرۇق بولۇپ قالغان كاللىسى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ تېگىگە يەتمەكتە ئىدى.
ئۇلار ئايۋاننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچراشتى ، بالا كۈلۈپ تۇراتتى ، ئانىسى بولسا ئۇنى قۇچاقلاپ ، يۈز – كۆزلىرىدىن سۆيۈپ يىغلايتتى ، ھاسىراپ سۆزلەيتتى:
-        قورۇقچى بولغان بالامدىن ئۆرگىلەي ،ئۆيۇمنىڭ ئەركىگى بولغان بالامدىن ئۆرگىلەي ! – ئانا بۇ سۆزلەرنى ئىچ – ئىچىدىن ئۆرتىنىپ ئېيتاتتى، كۆز ياشلىرى بولسا دەرتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يىگانە ئاياللارغا خاس بىرنەچچە يىللىق ئەلەملىرى، تارتقان جاپالىرى بىرگە يۈرۈكىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندەك ئىدى.ئۆكسىنىشلىرى  مانا مۇشۇ كىچىككىنە ئوغلىنىڭ نەچچە مىنۇتلۇق جۇرئىتى تۇپەيلى يوق بولماقتا ئىدى.
بىر كۈنى بالا مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋېتىپ ، يەنە بۇرۇنقىدەك سۇپىدا كۈلۈپ ئولتۇرغان بەدەل بوۋاينىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ئەدەپ بىلەن سالام بەردى .
-        ۋەئەلەيكوم ئەسسەلام – دېدى بوۋاي قايىللىق بىلەن بالىغا – بارىكاللا ئاتا ئوغلى ،ھەقىقى ئەركەك .
بالا ئىچ –ئىچىدىن خوشال بولۇپ كەتتى.
شۇ ۋاغدا نېرىراقتىكى دەرۋازىدىن بېشى تېڭىكىلغان شادى ماڭقىنىڭ دادىسى تاماكىسىنى تۇتاشتۇرغانچە چىقىپ كەلدى . تۇيۇقسىز كۆزى بەدەل بوۋىنىڭ كۆزى بىلەن ئۈچرۇشۇپ قېلىپ تەمتىرەپ كەتتى.ئۇ بوۋاي بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشنى ئويلىمىغان ئىدى.
-        بېشىڭ ياخشىمۇ ؟ – دېدى بوۋاي كىنايە ئاۋازدا .
تراكتورچى گەپ قىلمىدى. بوۋايغا نارازى بىر نەزەردە قاراپ قويۇپ ‹ نەدىنمۇ چىقتىم › دېگەندەك قىلىپ كەينىگە  ئۆرۈلدى.
-        ئەركىكى بار ئۆينىڭ تېمىدىن ئارتىلمىغىندە – دېدى بوۋاي زەردە بىلەن .
بۇ چاغدا بالا دەرۋازىسىدىن كىرىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ئىچكىرگە كىرىپ دەرۋازىنى ياپتى ، كەينىدىن يەلكىسى بىلەن ئىتتىرىپ دەرۋازىنى چىپلاپ قويدى.
ئۇ ئويناۋاتقان سىڭلىسىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان مۈشۈكنى كۆرۈپ بۇرۇنقىدەك ئۇنى قورقۇتمىدى، ئەكسىچە ئۇنىڭغا قاراپ بىلىنەر – بىلىمەس  كۈلۈپ قويدى، سىڭلىسىنىڭ پاخماق چاچلىرىنى قوللىرى بىلەن سىلاپ قويدى. ئاندىن كۆكرىكىنى كېرىپ ئۇياق – بۇياققا قارىدى.سورىدا ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرغان ئانىسى بىلەن ھاممىسىنى كۆرۈپ ،تامىقىنى مەنىلىك قىرىپ قويدى –دە ، مەردانە قەدەم بىلەن ئۇلارغا قاراپ ماڭدى.

مەنبە : ئۆزبەكچە  ئەدەبىيات تور بېكىتى     ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : ئىرپان

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=577

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-02-26
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئەدەبىيات گۈلزارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: