تۇرمۇش خاتىرىسى

    

تۇرمۇشىڭىزنى يېقىملىق مۇزىكىغا ئايلاندۇرۇڭ !

بىز ھەمىشە تۇرمۇشىمىزدىن پەقەت خۇشاللىقنىلا ئىستەيمىز-يۇ، ئەمما تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىق ۋە قايغۇدىن پۈتۈلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىمىز. بىر يىلنىڭ تۆت پەسلى بولغىنىدەك تۇرمۇشنىڭمۇ خۇشاللىقلىرى بىلەن غەم – قايغۇلىرى، تاتلىق كۈلكىلىرى بىلەن ئىزگۈ مۇڭلىرى ئۈزلۈكسىز ئالمىشىپ تۇرىدۇ.  باھاردىن باشلانغان خۇشال تۇيغۇلىرىمىز ھېچ قاچان زىمىستان قىش بىلەن ئاخىرلاشقان ئەمەس. سوغۇقنىمۇ ياخشى كۆرەلىگەنلەر قىشنىڭ گۈزەللىكلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ ئوخشاشلا باھارنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلالايدۇ. تۇرمۇشىمىزنىڭ كۈڭۈللۈك خۇشال چاغلىرىدىن سۈيۈنگىنىمىزدە، ئاچچىق ئازابلىق كۈنلىرىدىن يەنە ۋايساشنىڭ ئورنى بارمىدۇ؟… بەلكىم ئەتىگەنلىك ناشتىڭىزدىكى شۇ تاتلىق ھەسەلنىڭ تەمى كەچلىك تامىقىڭىزدىكى ئاچچىق – چۈچۈك لەغمەننىڭ تەسىرى بىلەن ئۆز تاتلىقلىقىنى سىزگە تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرالىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، تۇرمۇشىڭىزدىكى ئاشۇ پەرىشان چاغلار سىزگە ئىلگىرىكى تاتلىق ئەسلىمىلەرنىڭ قممىتىنى ياكى بۇندىن كېيىنكى كۈڭۈللۈك دەقىقىلەرنىڭ ئۈمىدىنى بىرەلمەسمۇ؟…تۇرمۇشقا پىشقان كىشىلەر ئۆز تۇرمۇشىدىن قىلچە ئاغرىنمايدىكەن، ئۇلار تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقلارنىلا  قوبۇل قىلىپ قالماستىن، بەلكى تۇرمۇشتىكى غەم – قايغۇ ۋە پەرىشانلىقلارنىمۇ گويا ئوخشاشلا خۇشاللىق سۈپىتىدە ئۆز رازىلىقى بىلەن قوبۇل قىلىشقا ئادەتلەنگەنكەن. بۇ خىل ھالەت خۇددى تۇرمۇش شۇ كىشىلەرنى ئۆز ھېكايىسىدىكى پىرسۇناژ قىلىپ ئەكىس ئەتتۈرگەن ئەسەر ئەمەس، بەلكى شۇ كىشىلەر تۇرمۇشنى ئۆز قەلىمى ئاستىدىكى لايھىلىگەن ئەسەرگە ئايلاندۇرالىغاندەك… كەل دوستۇم، تۇرمۇشنىڭ يىقىمسىز شاۋقۇنلىرىنى قەلبىمىزدىكى مۇھەببەت ۋە ئۈمىد بىلەن يىقىملىق مۇزىكىغا ئايلاندۇرايلى !

.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3270

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-02-09
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: