![]() |
بىر ئوغلاندىن ئايرىلدۇق
خەلق قىزىقچىسى تۇداخۇن
بۈگۈن 2012-يىل28-ئىيۇل كۈنى، تېلفۇندىن «ئىككى سائەتنىڭ ئالدىدا تۇداخۇن ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىپتۇ»دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىشەنگۈم كەلمەي قالدى.كاللامدا نۇرغۇن خىياللار،كۆزئالدىمدا مەرھۇمنىڭ ئىكراندىكى ئۈمىدۋار،خۇشچاقچاق تۇرقى،ئاقكۆڭۈل ئىلىلىقلارنىڭ ئۆزىنى قويۇپ بېرىپ ئېچىلىپ كۈلۈشلىرى،…بۇ قازاغا،بۇ تەغدىرگە نېمە دېگۈلۈك؟! بۇ ئىلى چاقچاقلىرىغا،ئۇيغۇرئەلنەغمە سەنئىتىگە،ئۇيغۇر مىللىتىگە بىر يوقىتىش بولدى.
بۇ مەرسىيەم ئارقىلىق مەرھۇمغا چۇڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن.
____ مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
بىر ئوغلاندىن ئايرىلدۇق
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
(خەلق قىزىقچىسى تۇداخۇنغا مەرسىيە)
يامانلارغا يامان كۈن،«ياخشىلارغا روزا» بار،
شادلىق يېشى ئوينىغان چاناقلارغا ياغدى قار.
كۈلدۈرگەنلەر قېپقېلىپ،يىغلاتقانلار يۈتسىدى،
ئەپسۇس، پەلەك ئەكسىچە قىلدى بىزنى ھازىدار.
كۈلكە بەرگەن باغلارغا،كۈلكە بەرگەن تاغلارغا،
ئەل بېشىدا چۈشكۈنلۈك ھۆكۈم سۈرگەن چاغلارغا.
ئىلى دەريا قايغۇسى، شاۋقۇنىدا ئۈنى بار،
مەلھەم ئىدى چاقچىقى كۆرگەن ئەلەم-داغلارغا.
ئەل بالىسى قازاغا ئۇچرىغان بۇ شۇم خەۋەر،
ئېزىۋەتتى جۇدالىق، قولنى ئىشتىن توختاتتى.
تۇداخۇننى كۆرگەندە كۈلەر ئىدى چېھرىمىز،
ئۈمىدۋار شۇ سىماسى يۈرەكلەرنى يىغلاتتى.
ھېسامكامنىڭ كۆزى نەم،ياقۇپ،ھېبى بەزلەيدۇ،
بىر ئوغلاندىن ئايرىلدۇق، كۆزياش ھامان پەسلەيدۇ.
تېنى مېيىپ بولسىمۇ روھىي باي شۇ تۇداخۇن،
ئۇنۇتمايدۇ خەلقىمىز سېغىنىدۇ، ئەسلەيدۇ!
2012-يىل7-ئاينىڭ28-كۈنى.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2169