داستىرخانغا ھۆرمەت قىلايلى
ئەھەت مۇھەممەت
ئەلمىساقتىن تارتىپلا ئۇيغۇرلارنىڭ داستىرخان مەدەنىيتىدە ئەدەپ-ئەخلاقلىق، قائىدە-يوسۇنلۇق بۇلۇش ئۇمۇمىي كەيىپىياتىغا ئايلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بەزى كۈرۈنۈشلەر يەنىلا كۈزۈمىزگە چېلىقماقتا.
يېقىندا بىر چايغا قاتنىشىپ قالدىم. 50-60چە مېھمان داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ مەززەگە ئېغىز تىگىشكە باشلىدۇق. مېھمانلار ئارىسىدا ئوڭ تۆردىن ئۇرۇن ئالغان،بېشىدا سەللىسى بار ئاپئاق شىم ۋە پەشمىتى ئۆزىنى تېخىمۇ سۈرلۈك كۆرسىتىپ تۇرغان 75-80ياشلاردىكى ھاجىم سۈپەت بىر مويىسپىت كىشى تېلفۇننى قولىغا ئېلىپلا داستىرخاننى دەسسەپ ئۈتۈپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى. مەن ئىچىىمدە «موللام دىگەننى قىل، قىلغاننى قىلما، موللام ھەممىنى بىلەر، ئۆرە تۇرۇپ كۈلگە سىيەر» دىگەن گەپ راسىت ئىكەن دەپ ئويلاپ تۇرشۇمغا ،ئارىمىزدا ئولتۇرغان بىر ياش ئورنىدىن قۇپۇپ سۇرۇنىمزغا مۇلازىمەت قىلىشقا باشلىدى.لېكىن ئۇ قىلچە تەپ تارتماستىن پۈتىدىكى كىرلىشىپ كەتكەن يىرىتىق پايپاق بىلەن داستىرخانغا دەسسەپ ئايلىنىپ يۈرۈپ، مېھمانلارغا چاي تۇتتى. ‹‹ئۇكام بۇ قىلىقلىرى بولمىدى، داستىرخانغا دەسسىمەيلى! چاي ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئۆز-ئارا سۇنۇشۇپ يەتكۈزۈپ بېرەيلى!›› دىدى يېنىمدا ئولتۇرغان بىر ئوقۇتقۇچى دوستۇم ئاچچىقلاپ. ھېلىقى يىگىت ئەمدىلا سىىرتتىن كىرىپ داستىرخانغا دەسسەپ ئۈتۈپ ئەھلى ئىلمىلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغان موللامنى شەرەت قىلغان ھالدا ئوقۇتقىچىغا بىر ئالىيۋېلىپ، يەنىلا ئىلگىركى ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى.
ئارقىدىنلا خېلىلا ياشانغان بىر كىشى بىر لېگەن پولونى كۆتۈرگەن پېتى داستىرخاننى دەسسەپ ئۈتۈپ يۈرت، مۆتىۋەرلىرىنىڭ ئالدىغا قويدى. ئاندىن كېيىنكى پولولارنىمۇ داستىرخاننى دەسسەپ يۈرۈپ ھەممەيلەننىڭ ئالدىغا بىر-بىرلەپ قۇيۇشقا باشلىدى. ‹‹ئاكا، ماۋۇ ئىشلىرى تازا مۇۋاپىق بولمىدى جۇمۇ، داستىرخانغا دەسسىگەنلىك ھۆرمەتسىزلىك،پاسكىنىلىق ئەمەسمۇ، بىز ھەممە نەرسىلەرنى داستىرخانغا قۇيۇپ ،داستىرخاننى ئەڭ پاكىز دەپ يەيمىز. ھەتتا چۆچۈرە، مانتا، گۆشمۇ قۇلىمىزدىن داستىرخانغا چۈشۈپ كەتسە ھېچ شەكلەنمەي دەرھال ئېلىپ يەيدىغان تۇرساق؟›› دىدى ئوقۇتقۇچى دوستۇم يەنە چېچىلىپ. «دەسسىسەك نىمە بولىدۇ؟ ھېچقىسى يوق›› دېدى ئۇدۇلىمىزدىكى ئەھلى ئىلمىلار قاتارىدا ئولتۇرغان 70ياشلاردىكى بىر كىشى. ‹‹بۇ دېگەنلىرى بولمىدى، كۆردىلىمۇ ئاۋۇ يىگىتنىڭ يىرتىق پايپىقى ئىچىدىكى كىرلىشىپ كەتكەن سېسىق پۇتىنى، چوڭلار باشنى ئاچسا ، كچىىكلەر نىمىنى ئاچار؟چوڭلار داستىرخانغا دەسسەپ، ئېسىل ئۆرپ-ئادەت، گۈزەل مەدەنىيتىمىزنى ئاياغ ئاستى ۋە دەپسەندە قىلسا بۇنى توسىدىغان بىرمۇ ئەھلى ئىلمىلار بولمىسا ،ھەتتا ئەھلى ئىلمىلار ئۆزلىرى باشلاپ بەرسە، كېيىنچە داستىرخان مەدەنىيتىمىز توغۇرلۇق سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمىغىدەك»دىدى ئۇقۇتقۇچى دوستۇم رەدىيە بىرىپ. بىردىنلا ئۆي ئىچى سۈكۈتكە چۆمدى. مېھمانلار بىر-بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ، دوستۇمنىڭ گېپىگە باش لىڭىشتتى.
يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىر مىللەت مەدەنىيتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، داستىرخان مەدەنىيتى بولسا ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نامايەندىسى. بىراق، يۇقارقى ناچار خائىشلار ھازىر بارغانسىرى ئەۋج ئېلىپ، ئېسل ئۆرپ -ئادەتلىرىمىزگە نوقسان يەتكۈزمەكتە.داستىرخانغا دەسسەش، داستىرخانغا دەسسىگەنلەرنى كۆرسە توسماسلىق، تەكرارلانسىمۇ خورلۇق ھىس قىلماسلىق بارا-بارا ‹‹داستىرخانغا دەسسىسىمۇ بولىۋېرىش‹‹ئادىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بىزنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئۆرپ- ئادىتىمىز داستىرخان مەدەنيتىمىزگە شۇ قەدەر ئىتىبارسىز قارايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ئۆملۈك، ئىناقلىق،دوستلۇق، مەمۇرچىلىقنىڭ سىمىۋۇلى بولغان داستىرخان مەدەنىيتىمىزنى ھەمىمىز قوغداپ قالايلى.
مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2798