تۇرمۇش خاتىرىسى

سىرلىق ھەم گۈزەل پومپېيە قەدىمقىي شەھىرى

 

پومپېيە شەھىرى قەدىمقىي رايونى 1997-يىلى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئەگەر ۋېسۇۋىي يانار تېغى پارتىلىمىغان بولسا بۈگۈنكى پومپېيە شەھىرى بولمىغان بولاتتى، بۇ مىلادىي 79-يىلىدىكى پومپېيە ئىنتايىن مۇكەممەل شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان بولۇپ، يول، مەيدان، ئولتۇراق رايون، ئاممىۋى مۇنچا، يېمەكلىك دۇكانلىرى، بولكا دۇكىنى، مېھمانساراي، تىياتىرخانا قاتارلىقلار بولغان، گەرچە نۇرغۇن تارىخىي قۇرۇلۇشلار گۇمران بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما پۈتكۈل شەھەرنىڭ قۇرۇلمىسى يەنىلا ساقلىنىپ قالغان.

 

ئىككى مىڭ يىل ئۆتۈپ كەتتى، دۇنيادا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، ئەمما پومپېىيە شەھىرى يەنىلا ئۆز ھالىتىدە. ئۇنداقتا پومپېىيە شەھىرىنى كىم قۇرغان، نېمە ئۈچۈن شۇنچە يىللاردىن بۇيان شۇنچە مۇكەممەل ساقلىنىپ كەلگەن، بۇنىڭ جاۋابى دەل ۋېسۇۋىي يانار تېغىدۇر.

 

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7-8-ئەسىرلەردە قۇرۇلغان پومپېيە شەھىرى، گۈزەل بابولېس دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈزۈم ۋە زەيتۇن دەرەخلىرى ناھايىتى كۆپ، ياخشى بولغان جۇغراپىيەلىك ئورنى پومپېيە شەھىرىنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1-ئەسىردە گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان سودا شەھىرى ۋە ئارام ئېلىش ئورنىغا ئايلاندۇرغان.

 

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 63-يىلى پومپېيە دە زور تەۋرەش يۈز بەردى، ئەمما ئۇ ناھايىتى تېزلا قايتا قۇرۇپ چىقىلدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 79-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، نەچچە قېتىملىق يەر تەۋرەش قاتارلىق يانار تاش پائالىيەتلىرى بىشارىتى يۈز بېرىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ۋېسۇۋىي يانار تېغى پارتىلاپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پومپېيە شەھىرى يانار تاغ لاۋىلىرى ئاستىدا قېلىپ 20 مىڭ نوپوسقا ئىگە شەھەر كۆزدىن غايىپ بولدى.

 

ئالتە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يانار ياغ كۈلى ئاستىدا قالغان پومپېيە شەھىرى ئاستا-ئاستا كىشلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە باشلىدى، 1599-يىلى بىر قۇرۇلۇش ئىنژىنىرى دەريا كولاۋېتىپ پومپېيە شەھىرى خارابىسىنى بايقىدى. ئەمما 150 نەچچە يىلدىن كېيىن كىشلەر ئاندىن بۇ قەدىمقىي شەھەرنى كولاشقا باشلىدى.

 

1738-يىلى، پومېيەگە ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كەلگەن قەدىمقىي شەھەر خىكولانىم شەھىرىمۇ كولىنىشقا باشلىدى، 1748-يىلى پومپېيە شەھىرىمۇ قايتىدىن بايقالدى. بەزىلەر 1599-يىلى قۇرۇلۇش ئىنژىنىرى پومپېيە شەھىرىنى بايقىغان ۋاقتىدا بىر قىسىم شەھۋانى تام رەسىملىرىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان.

 

گەرچە بۇ سەپسەتە ھازىرىغا قەدەر مۇكەممەل دەلىللەشكە ئېرىشمىگەن بولسىمۇ ئەمما كېيىنكى دوكلاتلاردا بەزى جايلاردا بۇنداق تام رەسىملىرىنىڭ بايقالغانلىقى، كېيىن يەنە كۆمۈۋېتىلگەنلىكى ئېيتىلغان.

 

جۇزىچىڭنىڭ قەدىمقىي شەھەر پومپېىيە ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق تەسۋىرلەنگەن: پومپېىيەنى مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، ئۇ كىشلەرگە ئامەت ۋە بەخىت ئېلىپ كېلىدۇ، كوچىلىرى ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، بەئەينى بىر زىننەت بويۇمىغىلا ئوخشايدۇ.

شەھەر مەيدانىنىڭ تۆت ئەتراپىدا شەھەر مەمۇرىيىتى بىناسى، ئىلاھى بۇتخانا، يېمەكلىك بازىرى، ئاشلىق بازىرى، يىغىن زالى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋېسۇۋىي يانار تېغىدىن ئىبارەت.

چوڭ كوچا قەدىمىي شەھەرنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەرگە تاش پارچىلىرى ياتقۇزۇلغان، ئۇ شەھەر تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان مەركىزى بەلباغلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

پومپېيە قەدىمىي شەھىرىدە ھازىر مۇزىيخانا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ يەرگە ئەينى ۋاقىتتا قەدىمقىي شەھەر خارابىسىدىن كولاپ چىقىرىلغان شەھەر ئاساسىي ئەسلىھەلىرى، تام رەسىملىرى شۇنداقلا باشقا قىممەتلىك تارىخىي بۇيۇملار قويۇلغان.

شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ تىياتىرخانا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىردىن 3-ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا ياسالغان بولۇپ، ھازىر بۇ يەر ساياھەتچىلەرنىڭ موھىم ساياھەت نوقتىسىغا ئايلاندى.

مەنبە : نۇر تورى

 

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3485

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-04-09
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: مەن بىلەن مېڭىڭ
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: