تۇرمۇش خاتىرىسى

    

بىر سېلسىيە گىرادۇس ئىللىقلىق

ئۇ يىلى قىشتا ئۇنىڭ سودىسى مەغلۇپ بولۇپ ئېغىر زىيان تارتتى . ئۇلار ئامالسىز ھەشەمەتلىك ئىللىق ئۆيىدىن شەھەر سىرتىدىكى بىر ئاددىي ئۆيگە كۆچۈپ كەلدى .

كۈندۈزى ئۇ سىرتتا ئالدىراش ئىشلەيتتى ، چۈش بولغىچە ئايالىغا بىرەر قېتىم تېلىفون قىلغۇدەكمۇ ۋاقتى يوق ئىدى . ئايالى ئۇنى كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ دەپ چۈشىنەتتى ، كەچتە كۆپ قىسىم ۋاقتى كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇچۇر سۈرۈشتۇرۇش ، ماتىريال رەتلەش، خېرىدارلار بىلەن تېلىفوندا ئالاقىلىشىش بىلەن ئۈتەتتى ، ياكى ئىشى تۈگىسە ئېزىلىپ ئۇخلاپ قالاتتى ، ئايا لى بىلەن مۇڭداشقۇدەك ۋاقتىمۇ چىقمايتتى ، ئايالى ئۇنى چارچاپ كەتتى ، كۆپرەك ئارام ئالمىسا بولمايدۇ دەپ چۈشىنەتتى .
مەيلى قانداق چارچىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ كۈندە يۇيىناتتى ، بۇ ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يىتىلدۈرگەن ئادىتى ئىدى ، بۇ ئۆيدە كىچىككىنە سۇ تۇڭىغا سۇ قاچىلاپ يۇيۇنمىسا بولمايتتى ، ئايالى بۇلارنىڭ ئويلاپ بۇرۇنقى ھەشەمەتلىك ئۈيىنى سېغىنىپ قالدى ، بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئويلىسا ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولاتتى ، چۈنكى ئۇ تۇيۇقسىزلا ئېرىنىڭ ئۈزى بىلەن كارى يوق بولۇپ قالغانلىقىنى ئۆزىگە ئانچە كۆيۈنمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قالغان ئىدى . بۇنى يۇيۇنۇش ئىشىدىنلا بىلىۋالغىلى بولاتتى ، بۇرۇن ھەشەمەتلىك ئۆيىدىكى ۋاقتىدا ئېرى ھەردائىم ئۇنىڭ بۇرۇن يۇيۇنىۋىلىشى ئۈچۈن يول قوياتتى ، بىراق ھازىر دائىم ئۆزى ئالدىدا يۇيۇنىۋالاتتى ،ھەر قىتىم ئايالى ئالدىدا يۇيۇناي دىسە يەنىلا مەن ئاۋۋال دەپ پەرۋاسىز كىرىپ كىتەتتى. بۈگۈنمۇ ھەم شۇنداق بولدى ، ئايالى مۇنچىدىن چىقىۋاتقان شار- شار سۇ ئاۋازى ئىچىدە ، ئۇ مىنى بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆرمەيدىغان بوپ قالدى ، قارىغاندا بىرىنى تېپىۋالغان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ئىنتايىن ئازاپلاندى.
ئايالى ئاخىرى بىر كۈنى سەۋەبىنى سورىدى ، ئېرى بىرەم تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن ، مەن سىرتتا ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشلەپ چارچايمەن ، تەرلەپ پۈتۈن بەدىنىمدىن سېسىق تەر پۇراپ كېتىدۇ ، شۇڭا مەن بالدۇرراق يۇيۇنۇپ ، بۇ سېسىق پۇراقلاردىن قۇتىلاي دەيمەن ، شۇڭا سىزدىن ئاۋۋال يۇيۇنىمەن دىدى.
ئايال بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتى ، ئۇ ئۆزىنى ھەشەمەتلىك ئۆيىدىن ئايرىلىپ قالماي ، يانا ئۆزىنى سۆيىدىغان مىھرىبان ئەردىنمۇ ئايرىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولدى . تاكى ھېلىقى كۈنگە قەدەر ئۆزىنى بەخىتسىز ھېس قىلدى .
ھېلىقى كۈنى ئۇنىڭ يولدىشى ئىشقا كەتتى ، ئۇ زېرىكىپ ئولتۇرغاندىن دەپ كومپىيۇتىرنى ئېچىپ ، تۇيۇقسىزلا يولدىشىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى كۆرۈپ قالدى . ئوقۇغانسېرى كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى .
كۈندىلىك خاتىرىدە ئۇ بۇ بىر ئابزاس خەتنى كۈرۈپ قالغان ئىدى :
‹‹ بۈگۈن ئايالىم مەندىن نېمىشقا ئۇنىڭدىن بۇرۇن يۇيۇنىدىغانلىقىمنى سورىدى ، مەن يالغان ئېيتىپ قويدۇم ، چۈنكى مەن راست گەپ قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىشنى خالىمىدىم ، مۇنچا ئىنتايىن سوغۇق ئىدى ، شۇڭا مەن ئاۋۋال يۇيۇنسام ، ھوردىن ئازراق بولسىمۇ ئىسسىپ قالىدۇ دەپ ئويلاپ شۇنداق قىلىمەن ، ھور گەرچە ئۇنچە ئىسسىتىپ كېتەلمىسىمۇ لېكىن مەيلى بىر ، ياكى ئىككى گىرادۇس ئىسسىتسىمۇ مەيلى ، مەن ئۇنىڭ مۇشۇنداق سوغۇق كۈنلەردە سوغۇق مۇنچىدا ئاغرىپ قېلىشىنى خالىمايمەن ، مەن ئايالىمنىڭ مېنىڭدەك جاپا تارتىشىنى خالىمايمەن ، مەن ئاۋۋال يۇيۇنسام مۇنچىنى بىر گىرادۇس بولسىمۇ ئىللىتالايمەن ، بۇ مەن تۇرغان سوغۇقتىن سەل ياخشى….. ››

(مەرپو تەرجىمىسى)

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2621

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-10-01
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: