تۇرمۇش خاتىرىسى

باخشى ۋە پىرخونلار تېبابىتى

باخشى ۋە پىرىخونلار تېبابىتىنىڭ ئاساسى يەنىلا كۈندىلىك تۇرمۇشقا يۇغۇرۇلغان تەجىرىۋى داۋاسازلىقتىن تېپىلىدۇ. شەك – شۈبھىسىزكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىپالىق روللىرى بىلەن ناھايىتى تونۇش كىشىلەر كۈزنتىش كۈچىگە باي، نېمىنىڭ زەھەرلىك، نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەملەر بولۇپ، ئۇلار زېھنى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈگى سەۋەبلىك ھەم توپ ئىچىدىكى كىشىلەرگە يول كۆرسىتەلەيدىغان، ئۆز ئىستىداتىغا بولغان ئىشەنچى سەۋەبلىك ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۆلگەنلەرنىڭ روھىنى چاقىرالايدىغان.جىن –شاياتونلارنى قوغلاش سەنئەتلىرىگە ئىگە كىشىلەر ئىدى. شۇڭا ساۋاتلارنىڭ موللىشىغا ئەگىشىپ ئۇلۇقلاش تەبئىيلا شەخىسكە يۈزلەندى. بۇنىڭ دەرىجىسىمۇ بارا – بارا ئۆسۈپ باردى.
ساۋاتلارنىڭ يېتەرلىك موللىشىشى، ئۇلۇغلىنىشنىڭ شەخىسلەرگە يۈزلىنىشى ۋە ئۇنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ كىشىلەر تەبىئەتتىن ساۋاق ئېلىشتىن ساۋاقلار ئاساسىدا تەبىئەتنى مۇپەسسەل چۈشەندۈرۈشكە ئۆتتى ۋە تەبئىيلا بىر قىسىم ئۇقۇملارنى تەسەۋۋۇر قىلدى. مۇقەرەركى، ئىنسان ناۋادا، تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچنىڭ كېسەللىك مەنبىيى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسە چوقۇمكى يامان غەرەزلىك كۈچلەر بىلەن كۈرەش قىلىپ ئۆزىنى قوغدىماي بولمايتتى.بۇ خىل يامانلىق مەيلى ناھايىتى يىراق جايلاردىن كەلگەن بولسۇن ۋە ياكى ھايۋانلاردىن كەلگەن بولسۇن بۇنىسى بەرىبىر ئىدى.
بۇ دەۋىردىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە كېسەللىك دېيىلىدىغاننىڭ ھەممىسى ھەر قانداق ئەھۋالدا كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولاتتى. بۇ سەۋەبلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدىغان تۈرلۈك شەكىللىرى بار ئىدى. خۇددى يۇنۇت ئۆزىنىڭ يېقىنقى زامانغىچە بولغان ئىپتىدائىي ئادەملەرنى تەكشۈرگىنىدە يازغىنىدەك، ئۇلار كېسەللىكنى بەدەن ئورگانىزىملىرىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىنلا ئەمەس بەلكى، روھنىڭ يە ئاز يە كۆپ قارغاشقا كەتكەنلىكىنىڭ، قەسىتكە ياكى كىلىشمەسلىككە ئۇچرىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايتى.شۇڭلاشقا، داۋالاشتا ئۇنداق ياكى مۇنداق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى داۋالاپلا قالماي بەلكى مۇھىمى يەنە بىمارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى پاسكىنىچىلىقلارنى تازلىماق لازىم بولاتتى. بۇ تەبئىيكى، تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچكە ئىلتىجا قىلىشنى زۆرۈرىيەتكە ئايلاندۇراتتى. بەزىدە بۇ زۆرۈرىيەت بىۋاستە ئىلتىجا قىلىش بىلەن قانائەت تاپاتتى ياكى چوقۇنىدىغان ئىلاھىي ھايۋانغا ئىلتىجا قىلىناتتى ۋە ياكى مۇشۇ خىل تەبىئەتتىن ھالقىغان ئىلاھنىڭ ۋاستىچىلىرىغا ئىلتىجا قىلىناتتى. دىمەك بۇ خىل داۋاسازلىقنى كۆپ ھاللاردا شۇ زامان كىشىلىرىنىڭ تىلىدىكى باخشىلار ئېلىپ باراتتى.
بۇ تېبابەتتە يەنە داۋالاش رولىغا ئىگە، بىزنىڭكىگە پەقەتلا ئوخشىمايدىغان بىر مۇنچە ئۇقۇم كاتاگورىيەلىرى بولۇپ، ئۇلار ئەينى دەۋر باخشىلىرىنىڭ داۋاسازلىق تەپەككۇرلىرىگە تەبئىيلا ئارىلىشىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن كىشىلەر ئىسمىنىڭ ئېغىر كەلگەنلىكىدىن خالىي بولۇش ئۈچۈن ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىدۇ. ياكى ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ جىن – شاياتونلارنى ئېزىقتۇرۇپ، كېسەلنى ئۇلارنىڭ خەتىرىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ، بۇ ئادەتلەرنى ھېلىھەم تاپقىلى بولىدۇ. كېسەل بولغان مەلۇم ئەزانىڭ رەسمىنى سىزىش بىلەن ئۇنىڭغا كۈچ بېغىشلاپ ساقايتىش مەقسىتىگە يېتىش، شەكلى قايسى ئەزاغا ئوخشىسا شۇ ئۆسۈملۈكنى دورا قىلىش، باخشى ۋە پېرىخونلار تېبابىتىدىكى دائىملىق ئۇسۇللار ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارچە بەزى مەۋجۇتلۇق ۋە شەيئىلەرنى پەقەت مۇئەييەن كىشىلەرلا بايقىيالايدۇ، شۇ سورۇندىكى باشقا كىشىلەر ئۇنى بايقىيالمايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر قانداق بىرسىنى ھەيران قالدۇرمايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇنى مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكقۇ دەپ ئويلايدۇ. ھوۋتنىڭ «ئاۋىتسىرالىيىلىك بىر باخشى» دېگەن كىتابىدا ئىپتىدائىي ئادەملەر توغرىسىدا يازغان مۇنداق بىر خاتىرە بىزگە بۇ نوقتىنى تولىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. نېگراننى شۇ مەيداندىكى باخشىدىن باشقا ھېچقانداق ئادەم كۆرەلمەيدىكەن. باخشىلار ئۆزىنىڭ ئالدىغا كەلگەن كېسەلنىڭ تېنىدىن شۇ كېسەلنىڭ ئەتراپىدىكى ھېچقانداق ئادەم كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ تاشلىيالايدۇ.ئىپتىدائىي ئادەملەر بىزگە ئوخشاش ئوبېكتىپ نەرسىلەرنىڭ قايسىسى مەۋجۇتلۇق ۋە قايسىسى ھادىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى دېگەنلەرنى ئويلاپ يۈرمەيدۇ.ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، مۇشۇ مەۋجۇتلۇق ۋە ئوبېكتىپنىڭ سېھرى كۈچ – قۇدرىتى ۋە ئىلاھىيلىقى ئاندىن ھەممىدىن مۇھىم بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا باخشىلار ئۆزىنىڭ تەبىئەتتىن ھالقىغان بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىدىكى تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ناھايىتى غەيرى كېيىنىۋالىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئاندىن كېسەللەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋەھىمە ۋە ئىشەنچتە بولالايدۇ. بارلىق كېسەللەر مەيلى ئۇ يېنىك ۋە ئېغىر بولسۇن، ئىلاھنىڭ غەزىپى ياكى نارازىلىقىدىن، ئۆلگەنلەرنىڭ كاساپىتىدىن بولىدۇ.
باخشى ۋە پېرىخونلار داۋالاش ئۇسۇلى ۋە تەدبىرلەر كېسەللىك ھەققىدىكى مۇشۇنداق سىرلىق قاراشلارغا ماس ھالدا بولىدۇ.ئاساسلىقى بىمارنى كونتىرول قىلىۋالغان قانداق يامانلىق، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا كىرىۋالغان قانداق بىر جىن، ئۇنىڭ ھاياتىغا قەسىت قىلۋاتقىنى كىمۇ، ئۇ ئۆلۈكمۇ تىرىكمۇ دېگەندەكلەرنى بىلىشكە ئالدىرايدۇ. بۇ بارلىق دېئاگىنوز ۋە داۋالاشنى بەلگىلەيدۇ. داۋالاشنى سىرلىق كۈچ – قۇدرەتكە ئىگە، جىن – شاياتونلار بىلەن ئالاقە قىلالايدىغان ھەم ئۇلاردىن غالىپ كېلىشكە يىتەرلىك كۈچ – قۇدرەتكە ئىگە كىشى قىلالايدۇ. شۇڭلاشقا ، مەيلى قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولسۇن، تۇنجى بولۇپ ئىزدىلىندىغىنى پىرىخون، شامان ۋەھاكازالار بولۇپ، ئۇلار مەيلى قانداق ئاتىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلاردا يۇقىرىقىدەك ئىقتىدار بار دەپ قارىلىدۇ. ناۋادا بۇ كىشىلەر كېسەل داۋالاشقا ماقۇل كەلسە ئۇلارنىڭ قىلىدىغان بىرىنچى مۇھىم ئىشى ئۆزلىرىنى تىگىشلىك مۇقامغا ئەكىلىش بولۇپ، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن، ئۇ كېسەلنى كېسەل قىلىپ قويۇۋاتقان كۈچ ۋە جىن شاياتونلار بىلەن ئالاقە قىلالايدۇ، ئۇلارغا ئۆز ۋۇجۇدىدىكى يۇشۇرۇن كۈچنى كۆرسىتەلەيدۇ. شۇڭا داۋا باشلىنىشتىن بۇرۇن بىر قاتار تەييارلىق ئىشلىرى ئىشلىنىدۇ. بۇ بىرنەچچە سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ ھەتتا بىرەر كېچىلەر كېتىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ئىچىدە پەرەز قىلىش، ئۆز – ئۆزىنى مەلىكىلەشتۈرۈش، ئۆزگىچە كېيىنىش، پىر ئوقۇش، ئۇسۇل ئويناش، سەكرەش، پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىش، چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمۈلۈش قاتارلىقلار بولىدۇ. مۇشۇلاردىن كېيىن، داۋاچى ئۆزىنى يوقاتقان ياكى ئۆز شەكلىنى ئۇنۇتقان مۇقامغا يىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا باخشى ھازىرقى زامان ئاتالغۇسىدا بىز قاتلاڭ خاراكتېر دەيدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. باخشى ئەتراپتىكى بارلىق نەرسىلەرگە بولغان تۇيغۇسىنى يوقىتىدۇ، ئۆزىنى باشقا بىر يەرگە كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۆزىنىڭ ئىلاھى بىلەن سۆزلىشىپ كېسەلگە ئەسكى تامنىڭ ئاستىدا ئۇخلاپ قاپتۇ، چۈشىدە يىلاننى كۆرۈپتۇ دېگەندەك گەپلەر بىلەن دېئاگىنوز قويىدۇ.شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق بىر سىرلىق مۇراسىم تۈسىنى ئالغان دىئاگىنوز قويۇش، داۋالاش ھەرىكىتى بەدەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ناھايىتى ئاز دىققەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوقۇمى بويىچە ئېيىتقاندا، كېسەللىك مەنبەسى بەدەننىڭ ئۆزىدە بولمايدۇ.
كۆرۈشكە بولىدۇكى، مەيلى قانداق شەكىلدىكى داۋالاش بولسۇن ھەممىسى ئىلاھىي كۈچ قۇدرەتكە ئىگە داۋالاشتىن كېيىن ئاندىن قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. داۋا تامامەن ھالدا ئىلاھلار ياكى باخشىلارنىڭ قانداقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىلاھىي قۇدرەت ئاتا قىلالمىغان دورا دەرمەكلەر ئۇلارغا نىسبەتەن ئەھمىيەتسىز نەرسىلەر ھېسابلىنىدۇ. بىرەر ئوت – چۆپنىڭ ئۇلارنىڭ كېسەللىكىنى داۋالىشىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ.دورا بېرىپ ساقايىتقان كىشىنىڭ دورىسى پايدا قىلغان بولماستىن ئۇنىڭ ئۆزى پايدا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىر خىل ئىلاھىي قۇدرەت قىياس قىلىنىدۇ. دورىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىپالىق رولى بولۇش ئۈچۈن، ئۇنى چوقۇم مۇئەييەن بىر ئادەم مۇئەييەن بىر ۋاقىتتا مەلۇم ئەپسۇنلارنى ئوقۇپ تۇرۇپ، مۇئەييەن قۇراللارنىڭ ياردىمىدە ياخشى ئاي، ياخشى كۈننى تاللاپ ئۈزۈشى كېرەك ۋەھاكازا. ناۋادا مۇنداق بولمىسا ئۇنىڭ شىپالىق رولى بولمايدۇ.

مەنبە: داۋۇت ئوبۇلقاسىم يازغان ‹‹ ئۇيغۇر تېبابەت پەلسەپىسى ›› نامىلىق كىتاب

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2328

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-08-17
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: