![]() |
خۇدىنى يوقاتقان قۇشقاچ
بىر قۇشقاچ جەنوب تەرەپكە بىرىپ قىشنى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ ئۇچقانىكەن، ھاۋا بەك سوغۇق بولغاچقا توڭلاپ كېتىپ، بىر بوش يەرگە چۈشۈپ كىتىپتۇ. بىر كالا ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ، بىر كاللەك تىزىكىنى قۇشقاچنىڭ ئۈستىگە ئىتتىرىپ قويۇپتۇ. توڭلاپ كەتكەن قۇشقاچ كالا تىزىكىنىڭ ھارارىتىدە ئاستا – ئاستا ئىسسىپ ھوشىغا كەپتۇ. ئۇ ئىسسىق يەردە راھەتلىنىپ سايراشقا باشلاپتۇ. بىر مۆشۈك قۇشقاچنىڭ سايرىغىنىنى ئاڭلاپ، شۇ تەرەپكە بېرىپ ئۇنى ئىزدەپ، كالا تىزىكى ئاستىدا ياتقان قۇشقاچنى بايقاپ قاپتۇ – دە، ئۇنى تارتىپ چىقىرىپ يەۋىتىپتۇ.
ھاياتلىق ھېكمىتى شۇكى : سىنىڭ جىسمىڭغا نىجاسەت ئىتتىرگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا سىنىڭ دۆشمىنىڭ بولۇشى ناتايىن؛ سېنى نىجاسەت ئىچىدىن تارتىپ چىقىرىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىلا سېنىڭ دوستۇڭ بولۇشىمۇ ناتايىن. يەنە شۇمۇ ئىسىڭدە بولسۇنكى، سەن نىجاسەت ئىچىدە ياتقان چىغىڭدا، ئەڭ ياخشىسى ئاغزىڭنى چىڭ يۇم.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1886