![]() |
سەككىز ئىنەك
بىر قەبىلىدە مۇنداق بىر ئەنئەنە بار ئىكەن. يەنى يىگىت قىزغا توي تەكلىپى قويغاندا، ئىنەك تويلۇق قاتارىدا بىرىلىدىكەن. قىز قانچە چىرايلىق ۋە چىۋەر بولسا، شۇنچە كۆپ تويلۇققا ئېرىشەلەيدىكەن.
قەبىلە باشلىقىنىڭ ئۈچ قىز بار ئىكەن. چوڭ قىزى بىلەن ئىككىنچى قىزى چىرايلىق ھەم چېۋەر بولغاچقا، ئىككىسىنىڭ ھەر بىرىگە سەككىزدىن ئىنەك تويلۇق بېرىلىپتۇ. ئەمما ئۈچىنچى قىزى ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن بولۇپ، سىرتقى قىياپىتىگە دىققەت قىلمايدىكەن ھەم چېۋەرمۇ ئەمەسكەن. دائىم دېگۈدەك بېشىنى تۆۋەن سىلىپ، باشقىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپلا يۈرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن قەبىلە باشلىقى : “ كىم ئۈچىنچى قىزىنى ئەمرىگە ئىلىشنى خالىسا، تويلۇق ئۈچۈن تۆت ئىنەك بەرسىلا بولىدۇ “ دەپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن بىر يىگىت تويلۇق ئۈچۈن سەككىز ئىنەك بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچىنچى قىزىنى ئەمرىگە ئاپتۇ.
كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى، تويدىن كېيىن ئۈچىنچى قىز بارغانسىرى ناھايتى چېۋەر ۋە چاققان بولۇپ ھەم ئۆزىنى ياساپ يۈرۈپ، چىرايلىقلىشىپ كېتىپتۇ. ھەممەيلەن ئۇنىڭغا بارغانسېرى ئامراق بولۇپ كېتىپتۇ. قەبىلە باشلىقى ئۈچىنچى كۈيئوغۇلدىن قىزىنى قانداق ئۆزگەرتكەنلىكىنى سورىغاندا، ئۈچىنچى كۈيئوغۇل : “ مەن پەقەت ئۇنىڭغا ئۇنىڭ ئىككى ئاچىسىدىن ھېچ يىرىنىڭ كەم ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ناھايتى ئاقكۆڭۈل، كەم تىپىلىدىغان قىز ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ سەككىز ئىنەك تويلۇق بىرىشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ئېيتتىم “ دەپتۇ. شۇندىلا قەبىلە باشلىقى ئەسلىدە بۇنىڭ كۈيئوغۇلنىڭ قىزىنى ئىلھاملاندۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپتۇ.
تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ ئائىلىلىرىمىزدە مۇشۇنداق ئىلھاملاندۇرۇش ھىلىھەم كەمچىل بولىۋاتىدۇ. ئەر بولسان ياكى ئايال بولسۇن، مەلۇم جەھەتلەردە قىسمەن سەۋەنلىك كۆرۈلگەندە ئەپۇ قىلىش ياكى ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ئەكسىچە ئورۇنسىز ئەيىبلەپ كۆڭلىگە ئازار بىرىدىغان، كەمسىتىپ غۇرۇرىنى سۇندۇرىدىغان، بۇنىڭلىق بىلەن كىچىككىنە ئىش چوڭىيىپ ئائىلە مۇناسىۋىتىگە دەز كىتىدىغان، ھەتتا ئەر – ئايال ئاجرىشىپ پەرزەنتلەرنى تىرىك يېتىم قىلىدىغان ئىشلارغا كۆزىمىز كۆنۈپ، ھەيران بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتۇق. ئويلىساق، چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئائىلە مۇناسىۋىتىدە، ئەر – ئايال بولغۇچى تەرەپ بىر – بىرىنىڭ يىتەرسىزلىكىنى ئەپۇ قىلىش بىلەن بىرگە، بىر – بىرىگە ئىلھام بىرىپ، سەۋەنلىكلەرنى تۈزەتسە، بىزگە يار بولغان ئايال ئەنە شۇنداق چېۋەر – چاققان بولغۇسىدۇر، بىزگە يۆلەك بولغان ئەرمۇ شۇ ئىلھاملاندۇرۇشىمىز بىلەن قابىل، بەردەم ئەركەككە ئايلانغۇسىدۇر. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، تۇرمۇشىڭىزدا ئىلھاملاندۇرۇش كۈچى كەم بولمىسۇن…
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1988