كۆچۈش
ماخمۇت يولۋاس
قارا بوران گۈركىرەپ چىقماقتا. چۆللۈكتىكى قۇملار بوستانلىق تەرەپكە ئاقماقتا… بۇ قۇملىشىش ئادەمنىڭ ئىچىنى ۋەھىمىگە سالاتتى.
ـ قارا… قارا خوتۇن، نېمە دېگەن دەھشەت كۆچكەن قۇم – ھە؟
ـ بىزگە يەتمەيدىغاندۇ؟
ـ مانىڭ گىپىنى ھا… ھا…
ـ ئىش تۈگىتەلمەيۋاتسا ئادەمگە پۇتلىشىپ تېلېۋىزۇر كۆرۈپ ئولتۇرىسىزغۇ.
ـ بولدى قالغىنىنى ئالدىرىماي يىغىشتۇرىۋالىمىز.
ـ ئەتىلا ئىشقا چاپارسىز.
ـ ھىلىمۇ ئىككى كۈنلۈك دەم ئىلىشىم ئۆي كۆچۈش بىلەن تۈگىدىغۇ.
ـ مەندىن كۆرەمتىڭىز غۇجام!
ئايالىم يەنە پايپاسلاپ مىڭىپ ئۆي بىسىقتۇرۋاتاتتى. قىزىم بىلەن ئوغلۇم دۆۋلىنىپ كەتكەن قالايم،ىقانچىلىق ئىچىدىن سومكىلىرىنى تاپالماي ئاۋارە بولاتتى. بۇ ئۈچىنچى قىتىم ئۆي كۆچۈشۈم ئىدى. كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا پات – پات ئايالىمغا قاراپ قويىمەن. ئۇنىڭ چىرايى قايسى كۈنى يەنە ئۆي كۆچىدىغانلىقىمىزنى ئاڭلىغاندا تۇتۇلغان پىتى ئىچىلمايۋاتاتتى. بىلمىدىم… ئۇنىڭمۇ ۋۇجۇدۇدىكى بوستانلىق قۇملىشىۋاتامدىكىن – تاڭ؟!…
ـ ئەجەپمۇ تويدۇمغۇ.
ـ ئۆي كۆچۈشتىنمۇ ؟
ـ يەنە نېمىدىن بولاتتى؟! “ ئۆيى يوقنىڭ جىنى يوق “ دەپ، بۇ ھويلىدىن يەنە قاچان كۆچىمىزكىن؟
ـ قانچىلىك ئولتۇرساڭلار بولىدۇ دېدىغۇ.
ـ بۇرۇنقىسىمۇ شۇنداق دېگەن.
بالىلىرىمنىڭ كىيىك بالىسىنىڭ كۆزلىرىدەك قارا ھەم مەسۇم كۆزلىرى تۇرۇپ – تۇرۇپ ماڭا قادىلىپ قالاتتى. نېمىدۇر دېمەكچى بولۇپ، لەۋلىرىنى ئىچىپ، يەنە ھىممىدە ئېتىلەتتى.
ـ ئاز قالدى بالىلىرىم، – دەيتتىم ئۇلارنى ئۈمىدلەندۈرۈپ، باشلىرىنى مېھىربانلىق بىلەن سىلاپ تۇرۇپ، – چوقۇم ئۆي سىتىۋالىمىز. ئامال بار سىلەرنىڭ مەكتىپىڭلارغا يېقىنراق يەردىن…
ـ ھاي، ھاي!… ئالدىراپ بالىلارغا ۋەدە بەرمەڭ جۇمۇ. تاپقان پۇلىڭىز چاغلىق بولۇپ قىلىۋاتىدۇ.
ئارىدىن يىل ئۆتمەي يەنە ئۆي كۆچۈشكە توغرا كەلدى. ئۆي ئىگىسى ناھايتى زىل، چىڭگىز ئادەم چىقىپ قالدى. ئۇ ئادەم شۇنچە كەڭرى قورۇدا قىز نەۋرىسى بىلەن بىللە ياشايتتى.
ـ ھوي، بالا، ۋېلىسپىتنى قويۇپ قويغان يىرىڭنى قارا، پۇتلاشتۇرۇپ…
ـ مانا، مانا… ھازىرلا ماڭماقچىدىم…
راسىت گەپنى قىلغاندا بۇ ھويلىدا قاتتىقراق يۆتەلگىلىمۇ بولمايتتى. ئۆيۈمگە، ئۇرۇق – تۇغقان، ئەل – ئاغىنىلەر بالىلىرى بىلەن كىلىپ قالغان كۈنلىرى بوسۇغىدىن نېرى بولالمايتتىم. بالىلارنى قاچان ۋارقىراپ سالار دەپ يۈرىكىم سۇ ئولتۇراتتىم. “ كىشىنىڭ قورۇسىدا ئولتۇرۇپمۇ كۈنمۇ؟ “ دەپ پەرياد چەككەن كۈنلىرىمنى ساناپ بولالمايمەن.
ـ بولدى، مەن ئاتا – ئانامنىڭ ئۆيىگە كىتىمەن. سىز قاچان ئۆي سىتىۋالغاندا تۇتايلى بۇ جاھاننى.
ـ مېنى ئۆي كۆچۈشكە ئامراق دەپ قالدىڭمۇ؟ ئامالنىڭ يوقىدىن بولىۋاتىدۇ.
ـ سىزمۇ بىر ئەرغۇ…
ـ ئەر… شۇنداق…
ـ يەنە قاچانغىچە كۆچىمىز دەيمەن – دە.
بىر – بىرىمىزگە ھۆرپىيىشىپ تۇرغاننىڭ ئۈستىگە ئۇدۇل خوشنىمىز مەمەتكام بۇ ھويلىغا تۇيۇقسىز كىرىپ قالدى. ئۇ ئادەم بىلەن مۇشۇ مەھەللىگە كۆچۈپ كەلگەنىڭ ياقى ئاتا – بالىدەك ياخشى ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتۇق.
ـ ھوي، ھوي! بالىلىرىم نېمە يەتتى سىلەرگە ھە؟ چۈجە – خورازلاردەك بازغاپ قاپسىلەرغۇ.
ئايال كىشى دېگەن – زە. ئايالىم كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئىلىپ، پۈتۈن دەردىنى تۆكۈپلىۋەتتى…
مەمەتكام ئايالىمنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ بولۇپ سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرۇپ كەتتى – دە:
ـ ھە، پەرھات بالام. بۇ قانچىنچى قېتىم كۆچۈشۈڭ؟ – دەپ سورىدى.
ـ تۆتىنچى قېتىم، – دېدىم گۇناھكارلاردەك باشلىرىمنى ساڭگىلىتىپ، – ئامال يوقتە.
ـ ماڭا يەتمەپسەن،- دېدى مەمەتكام ھەييارلىق بىلەن كۆزلىرىنى ئوينىتىپ،- مەنچۇ بالىلىرىم ئون يەتتە قېتىم ئۆي كۆچكەن!
ـ نېمە؟!
ـ دېدىمغۇ، ئون يەتتە قېتىم.
ـ چاقچاق قىلماڭە.
ـ مەنمۇ ئۆي كۆچۈشنىڭ دەردىنى تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ تارتقان دەڭلار،- دېدى مەمەتكام پىشايۋانغا كېلىپ ئولتۇرۇپ موخۇركىسىنى ئورىغاچ،- ئاشۇ ئىش توغرۇلۇق سېلىمخان ئاپاڭلار بىلەن ئاجىرىشىپمۇ باققان تېخى… ھە، مانا، ئون يەتتىنچى قېتىم مۇشۇ قۇرۇنى سېتىۋىلىپ ئۇھ دېگەن ئىدىم. سىلەرگە ئۆي كۆچۈش جەريانىدىكى ھېكايىلىرىمنى سۆزلىسەم بىر كىتاب بولىدۇ. ئەمما، بىر يېرىنى دەپ بېرەيمۇ؟ ئاشۇ كۆچ – كۆچ بولۇپ يۈرگەن چاغلاردا ئۆز ئۆيۈمنىڭ تايىنى يوق تۇرۇپ ئىككى سېغىن ئۆچكە بېقىۋاتقان دەڭلار. شۇ سۈتنىڭ خىجالىتىنى تارتماي دەپ بولمامدۇ. ۋاھ! ئۇ ئۆچكىلەرنىڭ گىپىنى قىلماڭلار. ئاجايىپ ئەقىللىق جانىۋارلار – دە! مەن مەمەتنى سېلىمخان ئاپاڭلاردىنمۇ بەكرەك چۈشىنىپ كەتكەن ئىدى. ئاخىرى بېرىپ ئۇ ئۆچكىلىرىم مەھەللە كوچىسىغا بىرەر ماشىنا كىلىپ توختىسىمۇ، بىر – بىرىگە قاراپ مەرىشىپ، “ مەمەت دېگەن بۇ گۇي يەنە كۆچىدىغان بولدى!“ دەپ يۈگۈرۈپ كوچىغا چىقىۋالاتتى. قۇيرۇقىنى دىڭگايتىپ ماشىنىغا قاراپ تۇرۇپ كېتەتتى. سەل كوزۇپى پاكارراك ماشىنا كىلىپ قالسىمۇ سەكرىشىپ چىقىۋىلىپ، ماڭا قاراپ: “ بولمامسەن “ دەپ مەرەپ كېتەتتى…
مەمەتكامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئايالىم ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈپ كەتتۇق. ئايالىممۇ كۈلسە باشقىچە چىرايلىق بولۇپ كېتەتتى.
ـ ھېچ گەپ يوق بالىلىرىم،- دېدى مەمەتكام ئورنىدىن تۇرۇپ،- ئازراق جاپا تارتساڭلارمۇ مەيلى، ئەمما، ئىناق ئۆتۈڭلار. سىلەر تېخى ياش، پۈرسەت كۆپ، ھامان بىر كۈنى ئۆي سېتىۋالىسىلەر. مانا، مېنىڭمۇ ئۆز ئۆيۈم بولدىغۇ. بىراق، شۇ… تۇرۇپ – تۇرۇپ ئۆي كۆچۈش خۇمارىم تۇتۇپ كىتىدۇ. ئا… ئا… مەن چىقاي، ئىشىڭلارنى قىلىڭلار.
مەمەتكام مۈرەمگە قىقىپ قويۇپ ئۆيىگە چىقىپ كەتتى. ھەرقاچان بىزنىڭ جىدىلىمىز بىلەن بۇ ئۆيگە نېمىگە كىرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدىغۇ دەيمەن. ئەمما، چىرايىدىكى ئىللىق كۈلكە بىزنىڭ چىرايىمىزغا كۆچتى. ئەر – ئايال ئىككىمىز دەرھال ئۆي كۆچۈشنىڭ تەييارلىقىغا ئۆتتۇق. ئۆي ئىگىسى سىرتتىن قايتىپ كىلىپ، باراڭ ئاستىدىكى كارىۋاتتا قاپاقلىرىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ئولتۇراتتى. “ بۇ ئادەمگە زادى نېمە قىلغاندىمەن – ھە؟ “ دەپ ئويلاپمۇ كەتتىم.
شۇ ئارىلىقتا چاقىرغان ماشىنىمۇ دەرۋازا ئالدىغا كىلىپ توختىدى. بىر چاغدا كۆچىدىن مەمەتكامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
ـ ھاي، ھاي ئۆچكىلىرىم. كۆچۈۋاتقان مەن ئەمەس، قوشنىلار. ھاي، شوپۇر بالام ئاۋۇ ئۆچكىلەرنى ھەيدىۋەت، بولمىسا كوزۇپقا سەكرەپ چىقىۋالىدۇ دەيمەن.
ـ نېمە؟!… ساراڭمۇ ماۋۇ ئادەم…
مەن ھاڭۋىقىپ قالغان شوپۇرغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم.
مەنبە : ئىلى دەرياسى ژورنىلى
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1621