![]() |
ئادىمىيلىك جەھەتتە نامراتلىشىپ كەتمەڭ
تەقدىر بەزىلىرىمىزنى توققىزىمىز تەل، مەغرۇر ياشاشقا نائىل قىلىشى مۈمكىن. ئەنە شۇنداق قول ئىلكىدە بار كىشىلىرىمىز ئارىسىدا كىچىك پېئىل، ئۆزىنىڭ ئامەت- نەتىجىلىرى بىلەن كۆرەڭلەپ كەتمەيدىغان، چوڭ- كىچىك، قېرى- ياش، باي- نامرات ھەممىگە ئىللىق چېھرى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئىسىل سۈپەت كىشىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. بىراق، يېقىندا ئۇچىراتقان بەزى كۆرۈنۈشلەر مېنى ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشقا مەجبۇرلاپ قويدى.بىر كۈنى ئائىلىدىكىلەر بىلەن تېز تاماقخانىدا تاماق يەپ ئولتۇراتتۇق، بىر ئازدىن كېيىن پوزۇر كىيىنگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى كىرىپ كەلدى. قارىماققا ئۇلار شۇنچە كۆرەڭ، شۇنچە ھاكاۋۇر ئىدى. تاماقخانىدا ئادەم كۆپ بولغاچقا، تاماقنى بىر مەھەل ساقلاشقا توغرا كېلەتتى. بىر ئازدىن كېيىن ئۇلارنىڭ تاقىتى تاق بولدىمۇ قانداق، كۈتكۈچىنى ئۈنلۈك ئاۋازدا چاقىردى:
ـ ھەي ئۇكا، بىز بۇ يەرگە كىرگىلى نەۋاق، نىمىشقا تاماقنى تېز چىقارمايسىلەر؟
ـ ئاكا، مانا ھازىر چىقىدۇ، ئادەم جىق بولغاندىكىن… ھە راست ئاكا، نىمە بۇيرۇتقانتىڭلار؟
ھېلىقى كىشى تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپلا مۇلازىمغا ھۈرپەيدى:
ـ قانداق نىمە سەن، ئىككى، ئۈچ خىل تاماقنى ئېسىڭدە تۇتالمايدىغان! ئۇنىڭ ئەلپازىدىن بۇ كۈتكۈچىنى ئۇرۇۋېتىدىغاندەك قىلاتتى. قورقۇپ كەتكەن كۈتكۈچى سەل كەينىگە داجىدى- دە:
ـ خاپا بولماڭ ئاكا، دېدى ئۇنىڭغا يىلىنغان ھالدا.
ـ ماڭ، بېرىپ خوجايىنىڭنى چاقىر، سەندەك نىمىگە دەيدىغان گېپىم يوق!
ھايال ئۆتمەي بۇ يەرنىڭ باشقۇرغۇچىسى كەلدى. باشقۇرغۇچى بۇ كىشىدىن قايت – قايتا ئەپۇ سوراپ، بايىقى كۈتكۈچىگە مۇۋاپىق جازا قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇلار شۇندىلا ۋاقىراشتىن توختاپ، ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇشتى، بۇ پاتىپاراقچىلىقتىن بىزنىڭمۇ تامىقىمىز تاماق بولمىدى. بىر ئازدىن كېيىن ئۇلارنىڭ تامىقى چىقتى، لېكىن ئۇلارنىڭ جىدىلى يەنە تۈگىمىدى، ھېلى كۈتكۈچىنى چاقىرىپ، ئۇنى- بۇنى ئەكەلدۈرگەن، ھېلى باشقۇرغۇچىنى چاقىرىپ تامىقىڭلار ئۇنداق بولۇپ قاپتۇ، دېگەن. مەن ئۇلارغا قاراپ ھەيران قالدىم. ھەممە كىشى «تامىقى ئوخشايدۇ» دەپ ماختاپ كىرىدىغان بۇ ئاشخانىنىڭمۇ تامىقى بۇلارغا ياقمىسا، ئاشخانىدا تاماق توشۇش بىلەن جان باقىدىغان ئاشۇ كۈتكۈچىنىمۇ ئەرزىمەس ئىشلارنى باھانە قىلىپ «جازا» غا قويسا، بىر ئوبدان ئېتىلغان تاماقنى «ئوخشىماپتۇ» دەپ زايە قىلسا، مۇشۇ قىلىقلىرى بىلەن بالىلىرىنىمۇ ئۆزىدىن ئۆتە قىلىپ چوڭ قىلسا…. ئۇلار شۇنچە نوچىمىدۇ؟ ئۇلار شۇنچە نوچىلىق قىلغۇدەك نىمە ئىشلارنى قىلىۋەتكەن داڭلىق ئادەملەردۇ؟ ياق، ياق، ئۇلار پەقەت تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قالغانلىقى بىلەن بىر قىسىم ماددىي بايلىقلارغىلا ئىگە بولىۋالغانلاردۇر. بىراق مەنىۋىيەت، ئادىمىيلىك جەھەتتە ئۇلار ئىنتايىن نامرات ۋە بىچارىدۇر. يەنە بىر ئىش، پوزۇر كىيىنگەن بىر ئايال تاللا بازىرىنىڭ پۇل تاپشۇرۇش ئورنىدا يالتىراق خالتىغا پۇل تاپشۇرماي ھەم ئۆزىنىڭ كۆپ نەرسە ئالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئالتە يۈەنلىك سېغىزنى مۇكاپات بېرىڭ، دەپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ھىساباتچى قىز بىر نىمىلەرنى غودۇڭشىغىنىچە تۇرۇپ قالدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇنىڭ كەينىدىن چىقىشى كېرەكمۇ؟ ئەگەر بۇ قىز ئۇ ئايالنىڭ كەينىدىن چىقسا، ئۇ بۇ قىزنى سەتلىۋېتىشى ئېنىق ئىدى. ئەجىبا شۇنچە پوزۇر كىيىنگەن بۇ ئىسىلزادە ئايال بۇ دۇكاننىڭ ھىساباتچى قىزنىڭ ئەمەس، لېكىن بۇ تاللا بازىرىنىڭ ھىساباتى ئاپتوماتىك باشقۇرۇلىدىغان زەنجىرسىمان دۇكان ئىكەنلىكىنى، بۇ ھىساباتچى قىزنىڭ ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن دۇكاننىڭ بىر كۈنلۈك ھىساباتىنى بىر پۇڭمۇ كەم قىلماي تاپشۇرىدىغانلىقىنى، بۇ ئايال پۇل تاپشۇرمىغان ئاشۇ ئالتە يۈەن ئۈچ مو پۇلنىڭ مۇشۇ ھىساباتچى قىزنىڭ زىممىسىگە ئارتىلدىغانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ؟ ئۆزىنى شۇنچە پوزۇر، ئىسىلزادە ھىساپلايدىغان بۇ ئايال، مۇشۇ ئۇششاق قىلىقلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەقەدەر چاكىنا ئىشلارنى قىلىپ قويغانلىقىنى ھىس قىلغاندىمۇ؟… نەق گەپنى قىلغاندا، مانا بۇ ئۆكتەملىك، مانا بۇ ئۇششۇقلۇق. ھازىر زامان ئۆزگەردى. ھەممە باياشات، تەڭ- باراۋەرلىك، ئۆز- ئۆزىگە غوجا بولىدىغان جەمىيەت بارغانچە بەرپا قىلىنىۋاتىدۇ ھەم مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ. بىراق يەنە ئاز ساندىكى بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ كىچىككىنە ئىمتىيازى، ئازغىنە بايلىقى ۋە ئورنىغا تايىنىپ باشقىلارغا زورلۇق- زۇمبىلىق قىلىدىغان، ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ باشقىلارنى كەمسىتىدىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلماقتا. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئاشۇ غۇرۇرى دەپسەندە قىلىنغان كىشىنىڭ نەپرىتىگە ئۇچىراپلا قالماي، يەنە جەمىيەتتىمۇ يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇلار ئەنە شۇ يامان پەيلى، ناچار خۇلقى بىلەن نۇرغۇن ياخشىلىقلاردىن قۇرۇق قېلىپ، روھىي نامرات، زەئىپ ئادەمگە ئايلىنىشى، ئاقىۋەتتە ھەتتا ماددىي بايلىقلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشى مۈمكىن. چۈنكى بىزدە «بۇ دۆلەت سەندە تۇرماس، بۇ مەينەت مەندە» دەيدىغان ھىكمەتلىك ماقال- تەمسىل بار ئەمەسمۇ؟!
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1269