تۇرمۇش خاتىرىسى

    

ساھىلدا…

پائۇل گرافدۇن (ئامرىكا)

ئالىي مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چىغىمدا قىز دوستۇم مېنى تاشلىۋەتتى . مەن قاتتىق ھەسرەتلىنىپ موناستىردا تونۇشقان دوستۇم بوبتىن ياردەم تەلەپ قىلدىم . 60 نەچچە ياشلاردىن ھالقىغان بوب كۈتۈپخانا باشقۇرغۇچىسى بولۇپ ، تولىمۇ مۇلايىم ۋە كۆيۈمچان ئادەم ئىدى . مەن ئۇنى چوقۇم روھىمنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئىلھام بېرىدىغان گەپلەرنى قىلىدۇ ، دەپ ئويلايتتىم .
بوب ساھىلدىكى ئازادە ياغاچ ئۆيدە تۇراتتى ، مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغاندا بىر پىيالە قىزىق چاي بىلەن ھالىمغا يېتىدىغان ئادەمنىڭ بولۇشىغا شۇنچە تەشنا ئىدىم . ئويلىمىغان يەردىن مەن ئىغىز ئاچماي تۇرۇپلا ئۇ مۇنداق دېدى :
-بىز ساھىلغا بارايلى .
بىز قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىكى دەرەخزارلىقتا ئايلىنىپ كېتىۋىتىپ قانچىلىك ئازابلانغانلىقمنى ئۇنىڭغا دېدىم . ئەمما ئۇ پاكارغىنە ئۆسكەن يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسەتكىنىچە ناخشا ئېيتالايدىغان چالىقۇشىنىڭ ئۇۋا ياساش ۋە يېمەكلىك ئادىتى ھەققىدە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ساۋات سۆزلىگىلى تۇردى . ئارىلاپ پاقىنىڭ ئاۋازىغا ۋە سېرىق چۇمچۇقنىڭ سايرىشىغا قۇلاق سالدى . سۆزلەپ كېپىنەكنىڭ يۆتكىلىش ئۇسۇلىغا كەلگەندە ، بىردىنلا كۈز يامغۇرىدىن كېيىن ئۆسۈپ چىقىدىغان ياۋا موگونىڭ تەمىنىڭ ئېسسىللىقى توغرىسىدا سۆزلەپ كەتتى .
بىز دېڭىز بويىغا كەلدۇق ، مەن ئۇنىڭغا ئىلگىرىكى قىز دوستۇمنى قانچىلىك سېغىنغانلىقمنى دېۋىدىم ، ئۇ بىردەم ئاڭلاپ قويۇپ يەنە ئۆلگۈر دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرلۈشى ۋە پەسىيىشى ھەققىدىكى مۇنازىرىگە چۈشۈپ كەتتى ؛ قاتتىق تاشقىن ، دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرلۈشى ۋە تەكشى كۆتۈرلۈشى ……………..
ئەسلىدە مەن سۆزلىشىم كىرەكتىغۇ ؟
بىز ساھىلدىن ئايرىلىدىغان چاغدا بوب يەنە كۆچمە بارخاننىڭ گۈزەللىكى ھەققىدە سۆزلىگىلى تۇردى ، مەن بىزار بولۇشقا باشلىدىم . شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللەسەيلە قىلىپ كەيپىم خېلىلا كۆتۈرلۈپ قالدى .
بىر قانچە ئايدىن كېيىن مەن چىرايلىق بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم . بىز ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇچىرىشىشقا چىققاندا مەن ئۇنى ساھىلغا ئېلىپ بېرىپ ، بوب ئىلگىرى ماڭا دەپ بەرگەن ئۆسۈملۈك ۋە قۇشلارنىڭ ھېكايسىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردىم .
ئۇ ھازىر مېنىڭ خوتۇنۇم . ئۇنىڭ دېيىشىچە ، مېنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان خاراكتىرىم ئۇنى جەلب قىلىۋالغانكەن ، بۇ دەل مەن قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ، دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرلۈشى ۋە پەسىيىشى جەريانىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىلگەنلىكىم ئىكەن .

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2359

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-08-19
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: