ئـۈمىـدۋار بـولـۇڭ
مىجەز – خاراكتىرى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر جۈپ قوشكىزەك ئاكا – ئۇكا بولۇپ، ئاكىسى ھەر ۋاقىت چۈشكۈن يۈرۈيدىكەن، ھەممىلا نەرسىگە ئۈمىدسىز قارايدىكەن، ئۇكىسى ئەكسىچە ناھايتى ئۈمىدۋار ئىكەن. ئۇلار سەككىز ياشقا كىرگەن يىلى روژېستىۋا بايرىمى ھارپىسىدا ئاتا – ئانىسى ئاكىسىنىڭ بۇ خىل مىجەزىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ئوخشاش بولمىغان سوۋغات تەييارلاپتۇ. ئۇلار ئاكىسىغا يېپـيېڭى بىر ۋېلىسپىتنى، ئىنىسىغا بولسا ئاتنىڭ تېزىكىنى تەييارلاپ، ئۇلارنىڭ قانداق ئىنكاستا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بوپتۇ. ئاكا – ئۇكا ئىككىيلەن سوۋغاتنى بىرلىكتە ئېچىپتۇ. ئەمما ئاكىسى سوۋغاتنى كۆرگەندىن كېيىن ئاچچىقلانغىنىچە ۋارقىراپ: « سىلەر مېنىڭ ۋېلىسپىت مىنەلمەيدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ماڭا ۋېلىسپىت ئېلىپ بېرىپسىلەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە تالادا قېلىن قار ياغقان تۇرسا قانداقمۇ ۋېلىسپىت مىنگىلى بولسۇن؟ » دەپ بىر ھازاغىچە يىغلاپتۇ. ئۇكىسى قىززىقسىنغان ھالدا سوۋغاتنى ئېچىپتۇ. ئېچىشىغا سېسىق پۇراق ئۆينىڭ ئىچىنى بىر ئاپتۇ. ئەمما كۈتۈلمىگەندە ئۇكىسى ناھايتى خۇشاللىق بىلەن ۋارقىراپ كېتىپتۇ ۋە ئەتراپىغا قاراپ: « ئاتنى، ئېيتىڭلارچۇ، ئاتنى نەگە يوشۇرۇپ قويدۇڭلار؟ » دەپتۇ.
تۇرمۇش يولىدا نۇرغۇن ئەگرى – توقايلىقلارغا، ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز. ئەمما خۇددى شۇ كىچىك بالىغا ئوخشاش بىزدىمۇ تۇرمۇشقا كۈلۈپ قارايدىغان غەيرەت، ئاكتىپ پوزىتسىيە بولىدىكەن، ھامان بىر كۈنى ھايات بىزگىمۇ كۈلۈپ باقىدۇ! ھاياتنىڭ بىزگە بەرگەن سىناقلىرىدىن زارلانماڭ، ئۇ سىناقلارنىڭ سىزنى تېخىمۇ تاۋلايدىغانلىقىغا ھەر ۋاقىت ئىشىنىڭ !
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3014