تۇرمۇش خاتىرىسى

ئۈمىدۋارلىق—ھاياتى كۈچ

دوستۇمنىڭ قېيىنئانىسى تۇيۇقسىز ئاغرىپ قاپتۇ. بالىلىرى ئاپىسىنى خېلى كۆپ دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپتۇ. ئوموميۈزلۈك بەدەن تەكشۈرۈتۈشتە، قېيىنئانىسىنىڭ ھەممە ئەزالىرىنىڭ ساغلاملىقى بايقىلىپتۇ. لېكىن دوستۇمنىڭ قېيىنئانىسى پەقەت قايىل بولماپتۇ. ئۇ ئىزچىل ئۆزىنى قاتتىق ئاغرىق دەپ قارىغاچقا، ھېچ كىشىگە ئارىلاشماي ئۆيگە بېكىنېۋېلىپ، كۈن بويى ئاھ ئۇرۇپتۇ. يوقلاپ كەلگەنلەرگە كېسسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ رازىلىق بېرىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئۇ ھەمىشە شۇنداق قىلىۋەرگەچكە، باشقىلار ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكۈسى كەلمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. بالىلىرى ئاپىسىنىڭ پىسخىكىلىق كېسەل بولۇپ قالغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، بىر خىل «قىممەت باھالىق» دورا ئەكىلىپ، ئاپىسىغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشنىڭ مۇشۇنداق دورىنى يەپ شىپا تاپقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئايال دورىنى يېگەنسېرى ئۆزىنىڭ تېتىكلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلىپتۇ. كەيپىياتىمۇ ياخشىلىنىپ باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتىدىغان بولۇپتۇ. ئەمەلىيەتتە ھېلىقى دورا ئادەتتىكى ئاشقازان دورىسى ئىكەن.
ئۈمىدۋارلىق ئىنسانىڭ روھى، جسمانى ساغلاملىقى، تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۈمىدۋار ئادەم تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە ياخشىلىق، گۈزەللىك نۇقتىسىدىن چىقىپ جاۋاب ئىزدەيدۇ-دە، كەيپىياتىنى كۆتۈرەڭگۈ، ئۈمىد ئىشەنچكە تولغان ھالەتتە ساقلاپ قالالايدۇ. ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلايدۇ. كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىق تۈپەيلىدىن چۈشكۈنلىشىپ يۈرمەيدۇ. ھەر قاچان قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈمىدىدە بولۇپ، ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ، يېڭىلىپ قالسىمۇ ئۇنى بىرقېتىملىق سىناق تەرىقىسىدە قۇبۇل قىلالايدۇ. ئەمما يەنە بىر قىسىم كشىلەر كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىسا چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ. ئىشنىڭ سەۋەبى ۋە ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ. بۇ ساغلام پىسخىك ھالات ئەمەس.
تەتقىقاتچىلار ئۈمىدۋار ئادەمنىڭ ئېمونىت ئىقتىدارىنىڭ غەمكىن ئادەمنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يوقۇرى ئىكەنلىكىنى، كېسەل بولۇپ قالسىمۇ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتىنىڭ تېز بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. شۇڭا، تۇرمۇشنىڭ قانداق چوڭ قىيىنچىلىقلىرى، بەخىتسىزلىكلىرى يەلكىڭىزنى باسسۇن، قانداق چوڭ ئوڭۇشسىزلىقلار سىزنى قىينىسۇن، ئۈمىد ئىشەنچىڭىزنى قەتئىي يوقاتماڭ. شۇندىلا قىزغىن روھى كەيپىياتىڭىز بىلەن تۇرمۇشىڭىزنىڭ ھەربىر قەدىمىنى چوڭقۇر مەنىلەرگە تولدۇرالايسىز.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2231

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-08-07
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: