ئاياللىق ئىلىمى، كېلىنلىك سەنئىتى…
ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئانىسىدىنمۇ ئۇلۇغ ، نۇقسانسىز ، كۆيۈمچان ئايال بولماس . شۇڭا ئۇلار ئانىسىنىڭ ئۆلچىمى بويىنچە ئايالىنى دەڭسەيدۇ . ئانىسىغا سېلىشتۇرىدۇ . ئاياللار ئەرلەرنىڭ بۇ قارىشىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ . قىسقىسى ، ئېرىنى سۆيۈشنى بىلگەن ئايال چوقۇم ئالدى بىلەن ئېرىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى ياخشى كۆرىشى ، ھۆرمەتلەشنى بىلىشى زۆرۇر . ئۇنداقتا ، كېلىن بولغۇچى قېينانىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ۋە مېھرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ؟
1 . كېلىن ئېرىگە بولغان مۇھاببىتىنى دائىم قېينىئانىسىغا بىلدۇرۇپ تۇرۇش بىلەن بىللە ، قېينانىسىنى خۇددى ئۆز ئانىسىدەك كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك ؛
2 . قېينانىسىنىڭ ئالدىدا ئېرىنىڭ ياخشى گېپىنى كۆپ قىلىپ بېرىش كېرەك ، چۈنكى ھەر قانداق ئانا ئوغلىنىڭ غەيۋىتىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ ؛
3 . كېلىن قېيناتا – قېينانىسىنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلماسلىقى ، بەزى مەسىلىلەردە پىكرى بىلەن ئۆزىنىڭ قارىشى زىت بولغان تەقدىردىمۇ قېينانىسىغا يول قويۇشى كېرەك ؛
4 . كېلىن ھەر ۋاقىتتا قېينانىسى تەرەپتە تۇرۇپ گەپ قىلىشى كېرەك ، ئەگەر ئېرى بىلەن قېينانىسى ئوتتۇرسىدا ئىختىلاپ كورۇلسە ، كېلىن چوقۇم قېينانىسى تەرەپتە تۇرۇپ ئېرىنى بېسىشى كېرەك . چۈنكى نۇرغۇن قېينانىلار ئوغلىنىڭ ‹‹ ئوزگۈرۈپ كېتىشى ›› نىڭ سەۋەبىنى كېلىنىدىن كۆرىدۇ ، شۇڭا كېلىن چوقۇم قېينانىسى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ قويۇشى كېرەك ؛
5 . كېلىن قېينانىسىنىڭ ئالدىدا ئېرىگە بەكمۇ يېقىنچىلىق قىلىپ كەتمەسلىكى لازىم ، بولمىسا قېينانىسىدا ھەسەت قوزغاپ قويىدۇ ؛
6 . كېلىن قېينانىسىغا ئۆز قىزىدەك كۆيۈنىشى ، ئۆز ئانىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشى كېرەك . لېكىن يېقىنچىلىق قىلىپ چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك ؛
7 . كېلىن قېينانىسىغا ئونىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم ئورنىنى بىلدۇرۇپ قويۇش كېرەك . شۇنداق بولغاندىلا قېينانىنىڭ قەلبىدە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ ، ئۇلاردىن رازى بولىدۇ ؛
8 . كېلىن قېينانىسىنىڭ ئالدىدا ياغاچتەك قېتىۋالماسلىقى ، چوڭ ئىشلاردا مەيدانى مۇستەھكەم ، كىچىك ئىشلاردا دوت بولۇۋېلىشى كېرەك . بۇنداق بولغاندا قېينانا كېلىنىگە ھەم قايىل بولىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ ؛
9 . كېلىن قېينانىسى بىلەن ئازارلىشىپ قالسا ئېرىگە چاقماسلىقى كېرەك . ئۇنداق قىلغاندا قېينانا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت يىرىكلىشىپلا قالماي ، ئېرىنىڭ غەزىپىنى كەلتۇرۇپ قويىدۇ . شۇڭا ئېرىگە قېينانىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن كۆڭۈللۈك ۋاقىتلىرىنى دائىم سۆزلەپ بېرىشى كېرەك ، شۇندىلا ئەر ئايالىنىڭ ئىقتىدارلىقىغا قايىل بولىدۇ ھەم ئۇنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك قەدىرلەيدۇ ؛
10 . ئەگەر قېينانا ھەق گەپ ئۇقمايدىغان ، جاھىل بولسا ، كېلىن چوقۇم قېينانىسىغا ئۆزى ۋە قېينانىسىنىڭ ئوغلى ئەڭ ياخشى كورۇدىغان ، قەدىرلەيدىغان ئايال ئىكەنلىگىنى ، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋېتى يىرىكلەشسە ، ئائىلىنىڭ ئومۇمى كەيپىياتىغا ، پۈتۈنلىكىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ قويۇشى كېرەك ؛
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3647