تۇرمۇش خاتىرىسى

    

ئاياللاردىكى ئىجدىمائىي ئالاقە گۈزەللىكى

دەۋىرنىڭ تەرەققىيايىغا ئەگىشىپ  ئاياللارنىڭ ئىجدىمائىي ئالاقە دائىرسىمۇ كۈندىن- كۈنگە كىڭىيىشكە باشلىدى.ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ،يات جىنىستىكى،ئوخشىمىغان ياشتىكى كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشمۇ بىر سەنئەت بولۇپ قالدى.

ئاياللار كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلدە قىزغىن ئوچۇق-يورۇق بولۇش،چوڭغا چوڭچە،كىچىككە كىچىكچەمۇئامىلە قىلىش،بولۇپمۇ ئەرلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىگە دىققەت قىلىش،ئەرلەرگە قىزغىن،ئەمما ئارلىق قالدۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش.ئوچۇق-يورۇق بولدۇم دەپ چەكتىن ئاشۇرۋىتىپ ،باشقىلاردا خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويماسلىق،سۆز- ھەركەتتە ئىھتىياتچان بولۇپ،قۇرۇق سۆز،قۇرۇق تۆھمەتلەرگە پۇرسەت بەرمەسلىك لازىم.

ئۇنىڭدىن باشقا مەيلى خىزمەتداشلار ئارا،دوستلار ئارا،قولۇم-قوشنىلار ئارا بولسۇن،چىقىشقاق،سەمىمىي بولۇش،ھەممە كىشىگە يىقىشلىق،كىبىرسىز تەسىر بىرىش لازىم،بىزدە(ھۆرمەت قىلساڭ،ھۆرمەت تاپارسەن)دىگەن سۆز بار.كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلەن لايىقىدا مۇئامىلە قىلسىڭىز،ھىچكىم سىزگە ئورۇنسىز گەپ قىلمايدۇ،سىزدىن تەپ تارتىدۇ.گۈزەل چىرايىڭىزغا يۇقىردىكى پەزىلەتلەر قوشۇلسا تىخىمۇ چىرايلىق،جەزبىدار كۆرىنىسىز.ئەكسىچە ئەرلەر بىلەن ئورۇنسىز چاقچاق قىلىپ ئىززىتىڭىزنى ساقلىمىسىڭىز ،سورۇنغا قاراپ گەپ قىلىشنى،قانداق كىشىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلمىسىڭىز،باشقىلارغا شاللاق تۇترۇقسىز تەسىر بىرىپ قويىسىز-دە،مىڭ ياسىنىپ گىرىم قىلۋالسىڭىزمۇ ئۆزۈڭىزدىكى بۇ ئەيىبنى ياپالمايسىز.دىمەك،ئاياللار ئىجدىمائىي مۇناسىۋەت سەنئىتىگە ماھىر بولۇشى،بولۇپمۇ ئەرلەر بىلەن بولغان ئىجدىمائىي مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كىرەك.

مەنبە: كىتاب-گۈزەللىك بۇلىقى

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3631

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-06-06
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئانىلار سەمىگە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: