مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن…
بىز ئۆزئارا مۇھەببەتلەشكەن چاغلاردا مەن ئۇنىڭغا « سېنى مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن » دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىم. لېكىن، مەن بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالدىم.
ماقالىنىڭ ماۋزۇسىنى يېزىۋېتىپ خىيال ئىكرانلىرىمدا قىزغىن كۆرۈشكەن، ھال ئەھۋاللاشقان،، خۇشلاشقان كۆرۈنۈشلەر زاھىر بولۇشقا باشلىدى. بۇ مىنۇتلار ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەر بولۇپ، بۇنى « مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن » دەپ ئويلايتتىم. لېكىن، بۇ ئىشلارنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتىم.
ئاپام ئالەمدىن ئۆتكەن ئاشۇ مىنۇتتا بېشىمنى كۆتۈرۈپ تام سائىتىدىكى ئىستىرىلكىلارنىڭ ئاپام جان ئۈزگەن دەقىقىلەردە توختاپ قىلىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلغانتىم – ھە! بۈگۈنكى كۈندە شۇ دەقىقىلەرنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىم. ئېسىمدە قالغىنى، ئاپامدىن ئايرىلىش قايغۇسى ۋە ئاپام بىلەن بىللە ئۆتكەن ئاشۇ بەختلىك چاغلار…
سوت ئايالىم ئىككىمىزنىڭ ئاجراشقانلىق ھۆكۈمىنى ئېلان قىلغاندا، شۇ ئازابلىق كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغان ئىدىم. سوت ئەۋەكەن پوچتا يوللانمىسىنى تىتىرەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن ئاچقىنىمدا، كۆزۈمگە چېلىققان ئاي، كۈنلەرنى « مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن » دېگەنىدىم. ئەمما، بۇ ئىشلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىم.
ئوغلۇم دۇختۇرخانىدا خىمىيەلىك داۋالىنىۋاتقان كۈنلەردە، بۇ كۈنلەرنى « مەڭگۈ ئېسىمدە ساقلايمەن » دەپ قەسەم قىلغانتىم. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى، بالامنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى بىلەن يۈرۈكۈمنى مۇجۇپ تۇرغان غەم – ئەندىشىلەر بارغانسىرى سۇسلىشىپ، ئەنسىز خىياللار كۆڭلۈمدىن كۆتۈرلۈشكە باشلىدى.
كوچىدا يۈز بەرگەن ئاپتۇموبىل ۋەقەسىدە، ھېلىقى ياشنىڭ كۆزلىرىدىن ئاققان ھەسرەلىك ياشلىرىنى، قىپقىزىل قانغا بويالغان قوللىرىنى « مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن » دېگەنىدىم. چۈنكى، ئۇ پاجىئە مېنى بەكلا قورقۇتىۋەتكەن ئىدى. بۇ پاجىئەدىن يارىلانغان يۈرۈكۈم مەڭگۈ ئەسلىگە كەلمەيدۇ، دەيتتىم. بۈگۈن شۇ ئىشلارنىڭ قاچان، قايسى يەردە يۈز بەرگىنىنى تازا ئەسلىيەلمەيمەن.
بىز كىشلىك ھاياتتا ئەنە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان « مەڭگۈ ئۇنتالمايدىغان » دەقىقىلەرنى باشتىن كەچۈرىمىز. لېكىن، كېيىنكى چاغلاردا شۇ ۋەقەلىكنىڭ ئانچە ئېنىق بولمىغان ئەسلىمىلىرى يادىمىزدا قىلىپ، ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىنى ئېسىمىزگە ئالالمايمىز. چۈنكى، ئاشۇ پاجىئە – قىسمەتلەر سىزگە قانداق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئېلىپ كىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئالدىڭىزدا پارلاق كۈنلەر سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۆتكەن كۈنلەر ھايات سەپىرىڭىزدە ئۇنتۇلغۇسىز جاراھەت ئىزلىرىنى قالدۇرغان بولسىمۇ، بۇ ئەسلىمىلەرنى ۋاقىت ئاللىقاياقلارغا ئېلىپ كەتكەن بولىدۇ. خۇشاللىق قورقۇنچنىڭ ئورنىنى باسىدۇ. « مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن » دېگەن خىياللىرىڭىزنى دېڭىز دولقۇنلىرى يىراقلارغا ئېلىپ كېتىدۇ. پەقەت ئېسىڭىزدە قالىدىغىنى، مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان مېھىر – مۇھەببەت.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3740