تۇرمۇش خاتىرىسى

    

نەپسىڭىزنى يىغىپ ھامىلدار ئايالىڭىزنىڭ ھالىغا يېتىڭ…

ياراتقۇچى ئەر – خوتۇنچىلىق تۇرمۇشۇڭلارغا رەھمەت ئاتا قىلىپ، ئايالىڭىزنىڭ بويىدا قالغان بولسا ئۇنى تەبرىكلەڭ. سىزگە كۆپتىن – كۆپ  مۇبارەكلەر بولسۇن!

ھامىلدارلىق مەزگىل بىر ئايال كىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئۆتكۈزۈش قېيىن  بولغان مەزگىل. بۇ مەزگىلدە ئايال كىشىنىڭ كەيپىيات، بەدىنى نازۇك، ئۆزگىرىشچان ھالەتتە تۇرىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئايال بىلەن بىرگە تۇرۇش ئەر بولغۇچى ئۈچۈنمۇ ناھايتى چوڭ سىناقتۇر. تۇرمۇشىمىزدا ئەسلى ئىجىل – ئىناق، بەختلىك ئۆتۈپ كىتىۋاتسىمۇ ئايالى ھامىلدار مەزگىلدە توساتتىنلا مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ، ئائىلىسى بۇزۇلۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆپلەپ ئۇچرايدۇ. مەيلى قانداق، نېمە ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ھامىلدار ئايالغا سەۋىرچان، مېھرىبان، كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولماق كاتتا پەزىلەت جۈملىسىدىندۇر.

ئاياللار ھامىلدار مەزگىلىدە ئىنتايىن قىيىن بولغان سېزىك مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. سېزىك ھامىلە ۋە ئاياللارنىڭ كەيپىيات، تۇرمۇش، ئوزۇقلۇق ئادىتىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلىرى كۈچلۈك، بەزىلىرى ئاجىز، بەزىلىرى ئۇزۇن، بەزىلىرى قىسقا داۋاملىشىدۇ. سېزىك مەزگىلىدە ئاياللاردا ئوڭايلا ھۆ بولۇش، تاماق يېيەلمەسلىك، مەلۇم بىر خىللا نەرسىگە ئامراق بولۇپ قېلىش، مىجەزى ئوساللىشىش، ھورۇن، بوشاڭ، ياتقانلا يىرىدە ئۇخلاپ قالىدىغان لايغەزەل، تېرىككەك، گەپ خوشياقماس، ئۆيىنى كۆڭلى تارتماسلىق، ۋاراڭ – چۇرۇڭ خالىماسلىق … قاتارلىق نۇرغۇن ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ھەتتا ئۆز ئېرىگە ياكى ئېرىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ئۆچ بولۇپ قالىىدىغان ئەھۋاللارمۇ، ئۆز ئېرىگە ئامراق بولۇپ قېلىپ ھېچيەرگە بارغىلى قويمايدىغان ، ھەر قانداق ئىشتا گۇمانخۇرلۇق قىلىدىغان، ئېرىنىڭ گەپ – سۆزلىرىگە قارشى ۋارقىراپ – جارقىراپ كېتىدىغان، چاچلىرىنى يۇلىدىغان، ئۆزىنى تاشلىۋېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇنداق چاغدا، ئەر كىشى جەزمەن ئايالىنىڭ بۇ قېيىن ، مۇرەككەپ جەريانىدىن ساق – سالامەت ئۆتىۋېلىشىغا  ياردەم بېرىشى، ئۇنىڭ ساراڭلارچە، تەلۋىلەرچە، جاھىللارچە قىلغان مەلۇم قىلىق ھەرىكەت – ئادەتلىرىنى كۆڭلىگە ئېلىپ، تېرىكىپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولۇپ جېدەللەشمەسلىكى كېرەك. خوتۇنىنىڭ سېزىك، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى كەيپىيات، مىجەز ئۆزگىرىشىنى تۇتىۋېىلىپلا ئۇنى ئۆزگىرىپ كەتتىڭ، ھورۇنلىشىپ قالدىڭ ، تاماق ئەتمىدىڭ، ماڭا ئەدەپسىزلىك قىلدىڭ… دەپ جىدەللىشىش ئەرلەرنىڭ ئاياللاردا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يۈز بىرىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى چۈشەنمەسلىكىدىندۇر. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى يەڭگە بولغۇچىدىن ياكى ئانىڭىزدىن ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق، سېزىك مەزگىلىدىكى كەيپىيات ئۆزگىرىشلىرىنى تەپسىلىي سورىۋېلىڭ ۋە ئايالىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشلىرىگە قاراپ ئۇنىڭ بىلەن ماسلىشىپ بۇ قىيىن، جاپالىق مەزگىلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىڭ. ئەڭ مۇھىمى، ئايالىڭىزنىڭ ھەرىكەت – قىلىقلىرىغا ئەپۇچان، كەڭ قورساق بولۇڭ. ئۇمۇ كەلگۈسىدىكى ئوماق پەرزەنتىڭىز تۈپەيلى قىينىلىۋاتىدۇ.

ھامىلدار مەزگىلدە ئاياللارنىڭ پۈتۈن ھۈجەيرە – توقۇلمىلىرى جىددىي ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى ئايالىڭىزنى يالغۇز تاشلاپ قويماڭ. ئىمكانلا بولسا ئامالنىڭ بارىچە كۆپرەك ھەمرا بولۇڭ. ئۇنى كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىڭ، كەچلىكلىرى بىرگە ئايلىنىپ بېرىڭ. ئۇنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرىدىغان، روھلاندۇرىدىغان گەپلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قورقۇش، ئەندىشە تۇيغولىرىنى كۆتۈرىۋېتىشكە تىرىشىڭ. بۇنداق قىلىش ھامىلىگە ۋە ئايالىڭىزنىڭ تۇغۇشىنىڭ ئوڭاي بولۇشىغا پايدىلىق.

مەن نۇرغۇن ئاياللارنىڭ « بىر ياخشى، ئىشەنچلىك ئەر ئايالى ھامىلدار مەزگىلدە ئوڭايلا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ » دېگىنىنى ئاڭلىغانىدىم. ئاياللارنىڭ مۇنداق دېيىشىدىمۇ سەۋەب بار. چۈنكى، ھامىلدار ئاياللار بۇ مەزگىلدە ئىنتايىن تېرىككەك، ئاچچىقى يامان، ھورۇن، ئۇيقۇلۇق، سەپرا مىجەز بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەرلەر بۇ چاغقىچە بەھرىمەن بولۇپ كەلگەن مېھرىبانلىق، بەگزادىلەرچە كۈتۈلۈشتىن بەھرىمەن بولالماي قالىدۇ ھەمدە ئوڭايلا ئايالى ئۆزگىرىپ، ھازازۇللىشىپ كەتكەندەك، كېلىشەلمەيۋاتقاندەك ھېس قىلىپ ئايالىدىن كۆڭلى قالىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇرىدۇ ( ئايالىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى چۈشەنمەيدىغان ئەرلەردە). يەنە بىر تەرەپتىن، ئاياللار بۇ مەزگىلىدە چىرايىغا داغ چۈشۈش، رەڭگى تاتىرىپ كېتىش، قورسىقى، كاسا، كۆكسىلىرى يوغىناش سەۋەبىدىن ئەسلى نازاكىتى، ئەۋرىشىملىكىنى يوقىتىدۇ. بەزى ئەرلەر بۇ مەزگىلدە ئايالى كۆرۈمسىزلىشىپ، سەتلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ ئۇنىڭغا ئۇنچىۋالا قىزغىن، سەمىمىي مۇئامىلە قىلمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ھامىلدار مەزگىلدە ئاياللار ئەر – خوتۇنچىلىق، يېقىنچىلىقتىن ئامالنىڭ بارىچە ئۆزىنى تارتىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەرلەر يالغۇز قالغاندەك، يەكلىنىۋاتقاندەك، ئايالى ئۆزگىرىپ كەتكەندەك، ئەسلى نازاكىتى قالمىغاندەك تۇيۇلۇپ، كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تۇرتكىسىدە، ئۆيىگە، ئايالىغا قىزىقماس بولۇپ قالىدۇ.

ئەگەر مۇشۇ مەزگىلدە ئەر كىشى  ئىنساب – دىيانەت بىلەن ئويلانمىسا، ئاياللاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى توغرا چۈشىنەلمىسە، ئايالىدىن تاپالمىغان تويۇنۇشنى يات خوتۇنلاردىن ئىزدەپ سېلىشى مۇمكىن. ئەرلەر بۇ نوقتىغا دىققەت قىلىشى، ئۆزلىرىنىڭ پاكلىقى، ۋىجدانى، ساداقىتىنى شەرمىساز قىلماسلىقى كېرەك. ياراتقۇچى بەندىلىرىدىن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار بىلەن سىناق ئالىمىش. ئايالىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلى ئەرلەر ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ سىناق. بۇ سىناقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن سەۋرچان، قەتئىي، كەسكىن ئېتىقادلىق، ھايالىق، مېھرىبان بولۇش كېرەك. مانا بۇ دەل بىر دادىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەقەللىي سۈپەتلەردۇر. بەلكىم سىز « بىر لاياقەتلىك دادا بولۇشقا مۇناسىپمۇ ئەمەس » دېگەن نوقتىدا سىنىلىۋاتقانسىز. شۇڭا دىققەت قىلىڭ، بەختلىك ئائىلىڭىز تەنتەكلىك ۋە سۇيۇق ھېسسىياتىڭىز بىلەن بۇزۇلۇپ كەتمىسۇن. بولغۇسى بالىڭىزنىڭ يۈزىگە ئۇيالماي قارىيالايدىغان بولۇڭ.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3612

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-06-28
خەتكۈشلەر : ,,,,
سەھىپە: ئاتىلار سەمىگە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: