تۇرمۇش خاتىرىسى

    

ياخشى ئايال ـ تالانتلىق ئۇستاز

قايسىدۇر بىر يازغۇچى: «دۇنيادا ئەر زاتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر تەربىيە كۆرگەن ئەخلاقلىق خوتۇندىنمۇ تالانتلىق ئۇستاز بولمىسا كېرەك. ئۇ ئەرلەر كۆڭلىدىكى بارلىق ئىپلاسلىقلارنى يېڭىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارغا ئالىيجاناپلىق، جەسۇرلۇق، مەردانىلىكنى، ھەقىقەتكە ئىنتىلىش ئىستىكىنى، شۇنىڭدەك سىپايە، سالاپەتلىك ئەر بولۇشىغا تېگىشلىك ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلىدۇ…» دەپ يازغانىكەن.
دۇنيا ئەر-خوتۇندىن تەركىب تاپقان. بىر ياخشى ئەر بىر ياخشى خوتۇن ئارقىلىق ھەر بىر قەدىمىنى مەزمۇت ئالالايدۇ. بىر ئەرنىڭ نۇرغۇن دوستى بولغان بىلەنمۇ، بىر ياخشى خوتۇننىڭ بولغىنىغا يەتمەيدۇ. ياخشى خوتۇن خۇشپۇراق گۈلگە ئوخشايدۇ. بۇنىڭدىن گۈزەللىك، ساپلىق، پاك ئەقىدە ۋە مېھرىبانلىقنىڭ يېقىملىق ھىدى كېلىدۇ. بۇ بىر ئەرنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، ئۆزىنى تونۇشى، شۇ ئارقىلىق كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مەردانە قەدەم تاشلىشى ئۈچۈ پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ.

ئاياللار جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى. شۇڭا يېنىڭىزدا بىر ياخشى خوتۇن بولغاندىلا، ھاياتىڭىز ئاندىن مۇكەممەللىك ئېرىشىدۇ. ناۋادا بىرەر جەڭگاھقا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش جەڭگىۋار تۇرمۇشقا قەدەم باسقىنىڭىزدا، بىر ياخشى خوتۇن سىزنى ئامانلىق تىلەپ ئۇزىتىپ قويسا، ئۇ چاغدا سىزگە ئۆلۈممۇ ئانچە قورقۇنچلۇق بىلىنمەيدۇ. ھېرىپ-چارچاپ كەتكىنىڭىزدە، بىر ئىللىق قول يەلكىڭىزنى تۇتۇپ قويسا، شۇ ھامان ئىللىق سېزىم ۋۇجۇدىڭىزغا تاراپ، سىزنى روھلاندۇرىدۇ. گاڭگىراپ قالغىنىڭىزدا، ئازابلانغان ۋاقتىڭىزدا ياخشى ئايالىڭىز تېخىمۇ مۇلايىم، تېخىمۇ ئېغىر-بېسىق، تېخىمۇ سەۋرچان بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەمچىلىكلىرىڭىزنى تولۇقلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىز تۇرمۇشقا تېخىمۇ دادىل، كۈلۈپ باقىسىز.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3628

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-06-04
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئائىلە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: