ئامېرىكا جۇڭگونى قورشاشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ(1)
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەينى يىلى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرگەنلىكىگە 23 يىل بولدى، ئىلگىرىكى يىللار بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، ئافغانىستان ئالىي سوتى بۇ يىلقى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىنى «ئافغانىستان ئارمىيىسى سوۋېت ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان كۈن» قىلىپ بېكىتىپ، «ئافغانىستان ئارمىيىسى ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان كۈن» دىن كېيىنكى ئىككىنچى مەملىكەتلىك بايرام بولۇپ قالدى. شۇ كۈنى، روسىيە «ھەربىي كۆزەت» تورىى ماقالە ئېلان قىلىپ مەسخىرە تەلەپپۇزدا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ش ئا ئە ت ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى ئافغانىستاندىن چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، ئافغانىستاندا ئېھتىمال يەنە «ئافغانىستان ئارمىيىسى ش ئا ئە ت ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان كۈن» بارلىققا كېلىشى مۇمكىن، دېگەن ئىدى.
بىراق، ش ئا ئە ت ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ قاچان پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىدىغانلىقى تېخى نامەلۇم. 2011-يىلى 6-ئايدا، ئوباما ئۈچ يىل ئىچىدە ئافغانىستان مۇداپىئەسىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تاماملايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئەمما ش ئا ئە ت نىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى جون ئاللۇن يېقىندا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 2014-يىلى ئافغانىستاندىن كەتمەيدىغانلىقىنى دېدى. ئامېرىكا قوشۇن چېكىندۈرۈشنىڭ ۋاقتىنى ئارقىغا سوزۇشى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولىشى مۇمكىن. بىراق ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئېھتىمال ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ كەتمەسلىكى، مەڭگۈلۈك ھەربىي بازىسىنى ساقلاپ قېلىپ، جۇڭگونى قورشاشتىن ئىبارەت ئۇزۇن مەزگىللىك ھەربىي ئىستراتىگىيىلىك نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۇمكىن.
تۇنجى «ئافغانىستان ئارمىيىسى سوۋېت ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان كۈن» نى تەبرىكلەش ئۈچۈن، 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، پرېزىدېنت ھەمىد كارزاي ۋە ئەگەشكۈچىلىرى كابۇلدا داغدۇغىلىق خاتىرلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزدى، ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچ تالىبانمۇ بۇ بايرامنىڭ ئەھمىيىتىگە سەل قارىمىدى. شۇ كۈنى رېيترس ئاگېنتلىقىغا يوللىغان ئېلخەتلىك باياناتىدا، تالىبان مەسخىرە ئارىلاش:«ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئىشغالىيەتچى قىسىملىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى سوۋېت ئارمىيىسى ئەينى يىلى دۇچ كەلگەن كۈنگە قالدى. شەخسىيەتچى ئامېرىكىلىقلار چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەغلوبىيىتىدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك، جەڭگىۋار ئافغانىستانلىقلار بىلەن قىلچە ئەھمىيىتى بولمىغان ئۇرۇشنى قىلىۋەرمەسلىكى ھەمدە تاجاۋۇزچى قىسىملىرىنى تېزراق چېكىندۈرۈپ چىقىشى كېرەك» دېدى. ئەمەلىيەتتە، ئافغانىستاننىڭ بۇ باياناتى كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرمايدۇ.
2001-يىلى 11-ئايدا، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئەل قائىد تەشكىلاتى ۋە تالىبان ئارمىيىسىنىڭ بازىسىنى بومباردىمان قىلغاندىن كېيىن، ئافغانىستانغا قارىتىلغان يەر يۈزى ئۇرۇشىنى رەسىمىي باشلىدى. ھازىرغا قەدەر، 10 يىلغا سوزۇلغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ش ئا ئە ت ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ نەچچە مىڭ ئەسكىرىنى جېنىدىن ئايرىدى، ئۇرۇش چىقىمى 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. لېكىن ئامېرىكا ئارمىيىسىنى تېخىمۇ ئوغىسىنى قايناتقىنى، داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ھەمدە يەنىلا ئاخىرى چىقمايۋاتقان ئۇرۇش ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ خاتالىقىنى تەكرارلاتقۇزۇۋاتاتتى.
1979-يىلدىن 1989-يىلغىچە بولغان سوۋېت-ئافغانىستان ئۇرۇشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ خېلى كۆپ ئوخشاشلىقى بار، ئەمما ئوخشىمايدىغان يەرلىرىمۇ بار، ئەڭ چوڭ پەرقى: سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ مەقسىتى گەپ ئاڭلىمايدىغان ئامىن ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئافغانىستانغا بولغان تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ مەقسىتى تېرورچىلارنى يوقىتىش. ئەگەر سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ تاجاۋۇزىنى سوغاق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى شەرق بىلەن غەربنىڭ يەر شارىۋى تىركىشىشى دېسەك، ئۇنداقتا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشى تېرورلۇق ھۇجۇمىغا قايتۇرغان ئىنكاسى ئىدى. سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىشى يولسىز بولغانلىقتىن ھېچكىم يار-يۆلەك بولمىدى، ئامېرىكا، جۇڭگو قاتارلىق دۇنيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، ئامېرىكا ئافغانىستانغا قوزغىغان ئۇرۇش دەل ئەكسىچە بولۇپ، تالىباننى قوللايدىغان دۆلەتلەر بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا، ش ئا ئە ت ئارمىيىسى پۈتكۈل دۇنيانىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
10 يىل ئۆتۈپ كەتتى، كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ش ئا ئە ت بىرلەشمە ئارمىيىسى نېمىشقا يەنىلا سانى كۆپ بولمىغان توپىلاڭچى كۈچلەرنى يېڭەلمەيدۇ؟ يېقىنقى بىر يىلدا يۈز بەرگەن ئافغانىستان پرېزىدېنتىنىڭ ئىنىسى ئۆلتۈرۈلىشى، تالىباننىڭ پايتەخت مەركىزىدىكى مۇھىم ئىستراتىگىيىلىك نىشانلارنىڭ ھۇجۇمغا قىلىشى ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيسى ئالاھىدە قىسىمىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرىلىشى قاتارلىق ۋەقەلەر كۆپ دۆلەت قىسىملىرى ۋە ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى ھالىتىنىڭ ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
زادى قانداق سەۋەب بارلىقى ھەققىدە روسىيەنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، ك گ ب نىڭ سابىق ھەربىي ئەمەلدارى كراۋزوۋنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكىلىقلار ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىگە زىيادە ئىشىنىپ كەتكەن. گەرچە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرى بۈگۈنكى دۇنيادا ئەڭ ئىلغار بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىلغار قوراللار پەقەت ئاشكارا تۇتىشىدىغان ئۇرۇش مەيدانىدا كۈچ سىنىشىشقا ماس كېلىدىغان بولۇپ، يوشۇرۇنىۋالغان دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا، بۇ قوراللار ئەسقاتمايتتى.كراۋزوۋنىڭ قارىشىچە، ئافغانىستاندىن ئىبارەت كۆپ مىللەتلىك ھەمدە مەركىزىي ھۆكۈمرانلىق بولمىغان دۆلەتتە، ھەممە كىم ئۆزى ئۈچۈن ياشايدۇ، بۈگۈنكى دوست ۋە ئىتتىپاقداش ئەتىلا قورقۇنۇچلۇق دۈشمەنگە ئايلىنىشى مۇمكىن، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى ھەر قانداق قايتا قۇرۇش تەرتىپىگە ئۇرۇنىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق. ئۇ:«ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ئەمەلىيەتە ھەربىي ۋەزىپە ئەمەس بەلكى ئەقىل-پاراسەت پائالىيتى» دېدى.
ئافغانىستاندىن پەندىنپەي قوشۇن چېكىندۈرۈش ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بېكىتىپ بولغان يېتەكچى پىرىنسىپى ھەم چوڭ يۈزلىنىش. بىرلا ۋاقىتتا، تالىبان ۋەكىلى بىلەن پات-پات ئۇچرىشىش ھەمدە تالىبان، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تالىبانغا يول قويۇشقا تەييارلانغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. روسىيە «ھەربىي كۆزەت» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا نۆۋەتتە ئافغانىستاندىن كەڭ كۆلەمدە چېكىنىش يولى ئىزدەۋېتىپتۇ. ئەينى يىلىدىكى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ۋە ئافغانىستان بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندىن ئاسانلىقچە چېكىنىدىغان شارائىتى يوق، ئافغانىستاننىڭ قوشنىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك.
ئامېرىكا جۇڭگونى قورشاشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ (2)
مەنبە : ئوكيان تورى ( نەپرەت تەرجىمىسى )
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=1296