www.../

ئامېرىكا-ھىندىستان مۇناسىۋىتى: ھەمكارلىقمۇ بار ئىختىلاپمۇ بار

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ماي تېلىگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھېلارى كېلىنتون 8-ماي كۈنى ھىندىستاندىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھېلارى كېلىنتوننىڭ ھىندستان سەپىرىدىكى ئاساسلىق مەقسىتى، ھىندىستاننىڭ ئېران، ئافغانىستان مەسىلىلىرىدىكى قوللىشىنى ئىستەش، ھەمدە ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ھىندىستانغا مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن تىرىشىپ سودا پۇرسىتى ئېچىش ئىكەن. ئەمما، بۇ قېتىملىق زىيارەت ئامېرىكا-ھىندىستان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئىككى تەرەپنىڭ بەزى مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپىنى يوشۇرۇپ قېلىشقا ئامالسىز قالدى.

ئېران مەسىلىسى قايتا كېڭىشىلىدۇ

ھىندىستاندا بولغان مەزگىلدە، ھېلارى كېلىنتون ھىندىستان ھۆكۈمەت رەئىسى مانموخان سىڭگى قاتارلىق سىياسىي ساھەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ھېلارى ھىندىستاننى ئېراننىڭ خام نېفىتىغا بولغان ئىمپورت كېمەيتىشىنى داۋاملىق كۈچەيتىشكە دەۋەت قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئېرانغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتمەكچى بولدى. ئەمما، ئېران ھىندىستاننى نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، ھىندىستان ئامېرىكىنى بۇ تەكلىپىنى رەت قىلدى.

ھىندىستان ھۆكۈمەت رەئىسى مانموخان سىڭگى 7-ماي كۈنى كەچ ھېلارى كېلىنتون بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى، ھىندىستاننىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭەيمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىشى بىر ئىش، ئەمما بىخەتەر بولغان ئېنىرگىيە مەنبەسى تەمىناتى ئۇ باشقا ئىش.

بۇنىڭغا قارىتا، ھېلارى كېلىنتون، بۇ ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئېران يادرو مەسىلىسىگە مەسئۇل ئەمەلدارىنىڭ ھىندىستانغا كېلىپ بۇ ئىش ھەققىدە داۋاملىق كېڭىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈردى.

ھىندىستان ئاخباراتچىلىقىنىڭ 7-ماي خەۋىرىدە، ئېران نېفىتى ھىندىستان نېفىت ئىمپورت مىقدارىدىكى نىسبىتى ئۆتكەن يىلدىكى %12تىن ھازىرقى %9كە چۈشۈپ قالغان بولغاچقا، كام يېرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، ھىندىستان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئېراق ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان نېفىت مىقدارىنى ئاشۇرۇغان. نۆۋەتتە ئېراق ھىنداستان نېفىت ئىمپورتىدىكى ئېراننىڭ ئورنىغا چىقىپ، سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

 

ئافغانىستان سىتىراتېگىيىسى قوللاشنى ئىستەيدۇ

زىيارەت داۋامىدا، ھېلارى كېلىنتون پاكىستاننىڭ تىرورچىلىققا قارشى تۇرۇش تەرەپتە «كۈچ كۆرسەتمىگەنلىكى»گە قارىتا تەنقىد قىلىش ئېلىپ بېرىپ، پاكىستاننىڭ «تەقۋاردار ئارمىيىسى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنى مەنئىي قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاقساقىلى سەئىدنى 2008-يىلدىكى بومباي تىرورچىلىق ھۇجۇمىنى قوزغىدى دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ بومبايدىكى تىرورچىلىق ھۇجۇمىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا قىلغان 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى كۆز-كۆز قىلدى.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇنداق ئىپادە كۆرسىتىشى ئافغانىستان مەسىلىسىدە ھىندىستاننىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىكەن. ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما ئالدىنقى ھەپتە ئافغانىستاننى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان قايتا قۇرۇپ چىقىرىلىشىغا  بولغان ياردىمى ھەققىدىكى ۋەدىسىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا مۇبادا ئافغانىستان ۋەزىيىتىدىكى تەسىر كۈچىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنى ئويلىسا، چوقۇم ھىندىستاندەك مۇشۇنداق چوڭ دۆلەت بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك.

ھىندستانمۇ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ يەنە ئىلگىرىكىگە ئوخشاش پاكىستاننى ئۇنچە قوللاپ كېتىشىنى خالىمايدۇ. شۇ سەۋەبلىك، ھىندىستان تىرورچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ھەكارلىشىشقا ۋەدە بېرىپ، ئافغانىستانغا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ مەشىق قىلىشى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە باشقا تەرەپلەردىكى ياردىمىنى كۈچەيتتى.

 

سودا مەبلىغى سېلىشقا پۇرسەت ئىزدەش

دېپلوماتىيە بىلەن بىخەتەرلىك مەقسىتىدىن باشقا، ھېلارى كېلىنتوننىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدىكى ئاساسلىق مەقسىتى يەنە ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ھىندىستان بازارلىرىنى كېڭەيتىشى، مەبلەغ ئاشۇرۇشى ۋە سودا پۇرسىتى ئۈچۈن يول ئىزدەشمۇ بار ئىدى.

ھېلارى كېلىنتون ھىندىستان زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى چوڭ شەھەر كالكۇتتا بولدى. كالكۇتتا جايلاشقان غەربىي بېنگال شىتاتى ئۇزۇن مەزگىل ئامېرىكىغا قارشى سول قانات پارتىيە تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ كەلگەچكە، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايونىدىكى تەسىر كۈچى بىرقەدەر ئاجىز بولۇپ كەلگەنىدى. ئۆتكەن يىلىغا كەلگەندىلا، بۇ شىتاتقا ئامېرىكا بىلەن دوستلۇقنى ساقلاپ كەلگەن دۆلەت چوڭ پارتىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچى ئۆزىنى كۆرسۈتۈشكە باشلىغان ئىدى.

ھىندىستان يېڭى گۈللەنگەن چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا كاپىتالىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مۇھىم نىشانىغا ئايلاندى. غەربى بېنگال شىتاتى بولسا ھىندىستاننىڭ شەرقى تەرىپىگە جايلاشقان  بولۇپ، بېرما قاتارلىق شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يېقىن ئىدى. بېنگال ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، مەزكۇر رايون سىتىراتىگىيىلىك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە  بولغان ئىدى.

ھېلارى كېلىنتون كالكۇتتا شەھىرىدە غەربىي بېنگال شىتات پايتەخت باشلىقى ماماتا بەناگېي بىلەن كۆرۈشۈپ مەزكۇر شىتاتنى ئامېرىكىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا قارىتا بازار ئېچىۋېتىشكا دەۋەت قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى ئەزەلدىن ئېچىلىپ باقمىغان يەرلەرمۇ بار ئىدى.

بەزى تەھلىللەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا-ھىندىستان ئىككى تەرەپ سودا سوممىسى ئاللىبۇرۇن 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولسىمۇ، ئامېرىكا بىۋاستە مەبلىغىنىڭ ھىندىستاندا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئانچە چوڭ ئەمەس ئىكەن. ئامېرىكا كارخانىلىرى، ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىغا بولغان بازار ئېچىۋېتىش قەدىمى ئىنتايىن ئاستا، ئامېرىكا كارخانىلىرى مەنپەئەتىگە  بولغان قوغدىشى يېتەرلىك ئەمەس دەپ نارازى بولغان. ئامېرىكا-ھىندىستان سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىدىكى رون سومىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستاننىڭ سودا شارائىتى «ئىلگىرىلەشكە» ئېرىشەلمەي، «چېكىنىپ كەتكەن» ئىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا-ھىندىستان ئىككى تەرەپ سودىسىدىكى ئىختىلاپلارمۇ بارغانسېرى ئاشقان. ئامېرىكا ھىندىستاننىڭ قۇش زۇكۇمىدىن ئەنسىرەپ ئامېرىكا ئۆي قۇشلىرىنىڭ ئېكىسپورت قىلىنىشىنى چەكلىشىگە قارىتا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. ھىندىستان بولسا ئامېرىكىغا ئېلىپ كىرىلگەن پولات ماتېرىياللىرىدىن چېگرا بېجى ئالغانلىقىدىن نارازى بولغان.

ئامېرىكا ھىندىستان دائىم ئۆزلىرىنى دۇنيادىكى ئىككى چوڭ دېموكراتىك دۆلەت دەپ ئاتىشىدۇ، ئەمما ئۈزلۈكسىز بولۇۋاتقان خەلقئارا تەرتىپلەردە، ئىككىلا تەرەپتە نۇرغۇنلىغان مەنپەئەت ئىختىلاپلىرى مەۋجۇت. ئامېرىكا كارنېگ خەلقئارا تېنچلىق فوندى مۇتەخەسىسسى گېئورگې پوكوفنېك مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى، ئامېرىكا-ھىندىستان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما ئىككى دۆلەت  مۇناسىۋىتى چوقۇم  نورمال سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى كېرەك، ئامېرىكىلىقلار ئۈمىد قىلغاندەك «سېھىرگەرلىك قىلىپ ئۆزگۈرۈش» ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

مەنبە : ئوكيان تورى


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=1604

تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارمۇ قالتىس يازمىلار ...

ۋاقتى : 2012-05-10
خەتكۈچلەر :
سەھىپە : دۇنيا
يوللانغان باھا : 0پارچە