www.../

مەغرىبنىڭ زامانىۋىلاشقان ئىسلامىزىمى

مەغرىبنىڭ زامانىۋىلاشقان ئىسلامىزىمى


ئاپتورى: موھا ئەنناجى (تەرجىمىدە: نەپرەت)

پەقەت بىر يىل ئىلگىرىلا، «ئەرەب باھارى» ئەرەب دۇنياسىدا بىر مەيدان كەسكىن ئۆزگىرىشنىڭ يانغىنىنى لاۋۇلداتتى. خەلق ھەرىكىتى بىر تەرەپتىن دەھرىي ھاكىمىيەتلەرنى گۆرگە تىقىپ تاشلىسا، بىر تەرەپتىن ئىسلامنى ئاشكارا تەرغىپ قىلىدىغان بىر قاتار سىياسىي پارتىيەلەرنى ھوقۇقنىڭ ئالتۇن تەختىگە ئولتۇرغۇزدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ بۈگۈنكى دۇنيادىكى يادرولۇق جۇغراپىيىۋى سىياسەت مەسىلىسى: بۇ دۆلەتلەرگە نىسبەتتەن، ھەتتاكى پۈتكۈل رايونغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ كېلىپ چىقتى.

مەغرىپتە (مەغرىپ رايونى شىمالىي ئافرىقىدىكى ماراكەش، ئالجىرىيە، تۇنىس، لىۋىيە ۋە ماۋرىتانىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندە شىمالىي ئافرىقا دېيىلىدۇ)، ئىككى ئىسلام سىياسىي پارتىيىسى دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق چوڭ ھوقۇقنى كونترول قىلدى: بىرى «ئەرەب باھارى» نىڭ بۆشۈكى بولغان تۇنىستىكى ئەل-ناخدا (گۈللىنىش پارتىيىسى) پارتىيىسى ، يەنە بىرى ماراكەشتىكى تەرەققىيات پارتىيىسى، بۇ ئىككى پارتىيە ئۆز دۆلىتىدە قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە باشلامچى رولنى ئىگىلىدى.

خەلق ئىنقىلابىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى تۇنىس ھاكىمىيەت ئالمىشىشىغا سېلىشتۇرغاندا، ماراكەش خان جەمەتىنى ساقلاپ قالغان تىنچ بۇرۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 2011-يىلى 7-ئايدا، ماراكەشلىكلەر مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭى ئاساسىي قانۇننى ماقۇللاپ، ھوقۇقنى پادىشاھتىن باش ۋەزىرگە يۆتكىدى، باش ۋەزىر ئىچكى كابېتقا، ئاممىۋى ئىشلار ھەمدە ھۆكۈمەت سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك مەسئول بولىدۇ.

پادىشاھ بولسا بەزى ئالاھىدە ھوقۇقلىرىنى ساقلاپ قالدى، مەسىلەن باش ۋەزىر (پارلامېتتىكى ئاساسلىق پارتىيەدىن) ۋە ئارمىيە باش قوماندانىنى تاللاش ھوقۇقى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، باشقا پارلامېنت سىستېمىسىدىكى دۆلەت باشلىقلىرىغا ئوخشاش، پادىشاھنىڭ ھۆكۈمەت مىنىستىرى ۋە ئەلچى ياكى پارلامېنت ۋە ئىچكى كابېنتنى تارقىتىۋېتىش ھوقۇقى بولىدۇ.

ماراكەش تەرەققىيات پارتىيىسى بىر پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم قۇرۇشقا ئاساس سالغان چاغدا، تۇنىس ئەل-ناخدا پارتىيىسى تۇنىسنىڭ پۈتكۈل تۈزۈمىنى تەلتۆكۈس ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئەمما ئىككىلا پارتىيە ئاساسىي قانۇنچىلىق، ھوقۇقنى تەقسىملەش، پۇقرالار ئەركىنلىكى ھەمدە ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ساقلاشتىكى مۇۋاپىق سەھنىدە مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر.

 

شىمالىي ئافرىقىدا شەكىللەنگەن يېڭى سىياسىي رېئاللىق ياۋروپانى، بولۇپمۇ فرانسىيەدىن ئىبارەت قېرى مۇستەملىكە بىلەن يېڭى تىپتىكى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىرادىسىغا كەلگەن ئىسلام ھۆكۈمەتلىرىنى يۈزلەشتۈرىدۇ.

ئەمما دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ئىشلار بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. نۆۋەتتە، شىمالىي ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئىشسىزلىق ئۇچقاندەك ئۆرلەش، نامراتلىق ۋە ئاساسىي مال باھاسى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى، مەيلى ئەل-ناخدا پارتىيىسى ياكى تەرەققىيات پارتىيىسى بولسۇن مۇھىم نۇقتىنى يېڭى ئىش ئورنى يارىتىش، ئەركىن سودا، چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ھەمدە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىغا سىڭىپ كىرگەن چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇق مەسىلىسىگە زەربە بېرىشكە قاراتتى.

شۇڭا بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا بولغان بىرىنچى مۇھىم سىناق يەرلىكنىڭ ساياھەت ئىقتىسادى مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئىدى. گەرچە غەرب ساياھەتچىلىرى تۇنىس، ماراكەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تاشقى پېرۋوت مەنبەسى بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم مۇسۇلمان ئامما ساياھەتچىلىككە قاتتىق نارازى بولۇپ، ھاراق چەكلەش ھەمدە باشقا ئىجتىمائىي ئادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام قىممەت قارىشىغا زەربە بەردى دەپ قارىدى.

ھازىرغا قەدەر، ئىككى پارتىيە پراگماتىزملىق پوزىتسىيەنى قوللاندى. ئۇلار ئۆزلىرىنى قوللىغۇچىلار سادىق مۇسۇلمانلار بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىمۇ تاماق يېيىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى؛ قۇپقۇرۇق مېھمانخانا ۋە دېڭىز ساھىلى بىر ئىقتىسادىي ئاپەت ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەتچىلىكى ھۆكۈمەتنىڭ ھەممە بۇرۇنقىدەك بولىدۇ دېگەن كەسكىن ۋەدىسىگە ئېرىشتى.

شۇڭا، بىر قىسىم ياۋروپالىق تەھلىلچىلەر شىمالىي ئافرىقا رايونىنىڭ سىياسىي ئىسلاھاتى زور دەرىجىدە مۇقىملىق ئاتا قىلىدۇ دەپ قارىدى، ئەگەر ماراكەش ۋە تۇنىس ئىقتىسادىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلسە، چەتئەللەردە تۇرۇپ قالغان بىر مىليون كۆچمەننىڭ دۆلىتىگە قايتىپ تەرەققىي قىلىشىنى جەلىپ قىلىدۇ.

ئەمما بۇ مەسىلىسىدە چەكسىز ئېھتىماللىق مەۋجۇت. نەچچە ئون يىللىق دىن بىلەن سىياسىينى ئايرىپ تاشلاشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئىسلام سىياسىي پارتىيىسى ئاخىرى ئىقتىسادىي سىياسەتكە سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. گەرچە بەزى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ئىسلام قانۇنىدا باشقۇرۇش جىددىي ئېھتىياجلىق چەتئەل مەبلىغىنى قاچۇرۇپ قويىدۇ دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ئىسلام بانكىسى قاتارلىق تۈزۈلمىلەرمۇ تېزلا كىرىدۇ. بەزىلەر تەجرىبىسى كەمچىل ئىسلام ئەمەلدارلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىقتىسادىي تارماقلىرىنى ئوڭۇشلۇق يۈرۈشتۈرەلمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلدى.

ئەمما مەزكۇر رايوندىكى ئىسلام سىياسىي پارتىيىلىرى بۇ خەۋپ-خەتەرلەرنى ھېس قىلىپ يەتكەندەك بولدى ھەمدە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلاندى. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش ئارقىلىق ئىشسىزلىقنى تۈگىتىش ھەمدە ئاممىۋى مۇلازىمەت كىرىم-چىقىمىنى ھەل قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا شەخسىي ئىگىلىكتىكى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى بىر قوللۇق رىغبەتلەندۈردى. نۇرغۇن ئەھۋاللاردا، گەرچە بۇ نەرسىلەر ئاغدۇرۇپ تاشلانغان دەھرىي ھاكىمىيەت ياخشى كۆرسىدىغان نەرسىلەر بولسىمۇ، ئۇلار ھەتتا ئەركىن بازار سىياسىتىنى ماختاپ ئۇچۇردى.

بۇ سىياسەتلەر سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش تەدبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش كېرەك. ئەمما ھازىرغىچە، شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ پەقەت 2 پېرسەنتكە بارمىغان تاشقى سودا سوممىسى رايون ئىچىدىن كەلگەن. ئەگەر بۇ دۆلەتلەرنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرسە، 75 مىليوندىن ئارتۇق ئېستىمالچىغا ئىگە بازار قۇرۇلىدۇ ھەمدە تېخىمۇ كۆپ چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلىغى ۋە تاشقى سودىسىنى جەلپ قىلىدۇ.

ئەمما بۇ خىلدىكى ئىقتىسادتىكى بىرلىشىش بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى، ئالجىرىيە بىلەن ماراكەش ئىككىسى ئارىسىدىكى غەربىي سەھرايى رايونىدىكى زېمىن ماجراسىدەك توقۇنۇش چوقۇم ھەل بولۇشى كېرەك. بولمىسا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئورتاق بىر كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلالىشى ناھايىتى تەس. ئەرگەر بۇلار بولمىسا، ئەينى يىلى شىمالىي ئافرىقا ئىنقىلاب ئوتىنى يالقۇنلاتقان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق مۇقەررەر قايتا باش كۆتۈرىدۇ.

مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن ناھايىتى ئوخشايدىغىنى، تۇنىس ئەل-ناخدا پارتىيىسى ۋە ماراكەش تەرەققىيات پارتىيىسى تەشكىلاتى ئىچىدىكى ئىسلام ئاشقۇن كۈچلىرىنى چوقۇم پەندىنپەي چەتلەشتۈرۈش كېرەك. ئەگەر ئىقتىسادتا مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشمەكچى بولسا، ئۇلار يەنە غەربنىڭ ياردىمىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، غەرب ئېنىقلا ئىسلام ئاشقۇن ھۆكۈمىتىگە ياردەم بەرمەيدۇ. خەلقنىڭ بولۇپمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى زىيالىلار دۇنياسىنىڭ ئىسلام ئېتىقادى ئۈچۈن غەرپنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلىپ نامراتلىققا چىداشلىق بېرەلىشى، كۆپ ساندىكى ئىشسىزلارنىڭ مەسىلىنى ئاقىلانىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلالىشى، بولۇپمۇ ئىچكى ئۇرۇشتىن ساقلىنالىشى كۆز يەتكۈزگىلى بولمايدىغان گۈزەل چۈشتەكلا قىلىدۇ. (بولۇپمۇ لىبىيەدىكى دۇنياغا داڭلىق ئۆلىما ئەلكەئىبنىڭ سايلامدا ھىچقانچە ئاۋازغا ئېرىشەلمەسلىكى بۇ رايوندا دىموكراتىيە ئارقىلىق ئىسلامنى تاللاشنىڭ تېخى ئۇزاقتا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى).

ئۇلارنىڭ زامانىۋىلاشقان ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنى پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، شىمالىي ئافرىقىدىكى ئىسلام سىياسىي پارتىيىلىرى بىر قىسىم قوللىغۇچىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ پارتىيەلەر «ئەگەر ئۆتمۈشتىن چەك-چېگرا ئايرىغىلى بولمىسا، كېيىنكى مۇۋاپىقىيەتكەن ئېرىشىشكە ئامالسىز» ئىكەنلىكىنى چوقۇم ھېس قىلىپ يېتىشى كېرەك.

ئاپتورى موھا ئەنناجى ماراكەش جەنۇب شىمال مەدەنىيەت ھالقىغان سۆزلىشىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى، فېز (Fez) ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تىل ئىلمى ۋە كۈلتۈر تەتقىقات پراففىسورى

مەنبە : ئوكيان تورى


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=744

تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارمۇ قالتىس يازمىلار ...

ۋاقتى : 2012-03-06
خەتكۈچلەر :
سەھىپە : دۇنيا
يوللانغان باھا : 0پارچە