www.../

پاكىستان سىياسىي ئۆزگىرىش دەۋرى بىلەن خوشلاشتىمۇ؟

پاكىستان سىياسىي ئۆزگىرىش دەۋرى بىلەن خوشلاشتىمۇ؟ (1)

«ماي ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش»ىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ياش ئاياز تېلېۋىزوردا ئالىي سوت سودىيەسى چودھىرىنىڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرىشىگە ماسلىشىشنى رەت قىلغان باش مىنىستىر يۈسۈف رازا گىلانىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى كۆردى، بىر كوچا ئايرىپ تۇرىدىغان پىشاۋۇردىكى بىر مەسچىتكە دەرھال باردى.

پىشاۋۇر جەنۇبىي ئاسىيا قۇرۇقلىقىدىكى مۇھىم سودا بازىرى بولۇپ، ھەم تېرورىزىمغا زەربە بېرىشتىكى ئالدىنقى سەپنىڭ ئالدىنقى سېپى، ئۇرۇشنىڭ غايەت زور كۈلپەتلىرىگە ئۇچرىماقتا. بۇ چاغداكىشىلەر ئاستا-ئاستا يىغىلىشقا باشلىدى. پىرىزدېنت زەردارىنىڭ چىرىكلىشىش دېلوسى قىزىق تېمىغا ئايلاندى، ئارمىيەنىڭ تىۋىشلىرىغا ئالاقىدارمۇ ھەر خىل گەپ سۆزلەر بولۇندى.

پاكىستان، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسىمىدا چېگرىداش بولغان ئىتتىپاقدىشى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى 40 يىلدا 4 قېتىم ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى، رەھبەرلىرى تاسادىپىيلىقتىن ئۆلمىدى، پەقەت باشقا دۆلەتلەرگە سۈرگۈن بولدى.

پارلامېنت سايلىمىغا ئىككى ھەپتە قالمىغاندا، پىرىزدېنت زەردارىنىڭ ھەر خىل سەتچىلىكى بىلەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش توغۇرلۇق ھەر خىل پىتنە-پاساتلار ئىچىدە، پاكىستان بىر مەيدان كەسكىن سىياسىي تالاش-تارتىشقا چۈشۈپ قالدى. پاكىستاندىن يېڭىلا قايتقان ئەنگىلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى جاسون برۇك پاكىستاننى تەسۋىرلەپ:«پۈتكۈل دۆلەت سايلامدىن ئىلگىرى غايەت زور بىر پورۇخ تۇڭىغا ئوخشاپ قالدى، ھازىرغا قەدەر، ئارمىيىنىڭ بروۋنىكلىرى ئىسلامئابادنىڭ كوچىلىرىدا يۈرمىدى. ئەمما پاكىستاندا يېڭىدىن شەكىللەنگەن ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپى بۇ دۆلەتنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىۋاتىدۇ» دەپ يازغان ئىدى.

«ماي ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئەسلەتمىسى» ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقاردى

ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئۇزۇن مۇددەت پاكىستان-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغان سەيىف ئەكبەر زەيدى:«نۆۋەتتە سىياسىيدىكى بارلىق كۈرەشلەر مەنبەسى 2011-يىلى 11-ئايدىكى سىياسىي پاجىئە» دېدى، زەردارى ھۆكۈمىتىنىڭ «ماي ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئەسلەتمىسى» ۋەقەسى ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، دەل پاكىستان ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى باشلىغان ۋاقىتتا، ئۆزىنى مەنسۇر رىياز دەپ ئاتىدىغان ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى پاكىستان مۇھاجىرى ئەنگىلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، زەردارىنى ئامېرىكا باش شىتاب بىرلەشمە يىغىن رەئىسى مايك مۇللېنغا مەخپىي ئەسلەتمە يوللاپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستان ھەربىي كۈچلىرىنى باستۇرۇشقا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاكىستان «خەۋەرلەر گېزىتى» نى ئاشكارىلىغان ئاتالمىش «ئەسلەتمە» نىڭ ئەسلى ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، زەردارى پاكىستان ئارمىيىسىنى ئىنچىكە سىياسىي ئۆزگىرىش پىلانى تۈزۈپ بولدى دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە قاماقتا تۇرۇۋاتقان بارلىق تېرورچىلارنى ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بېرىش بەدىلىگە، ئامېرىكىنىڭ خەلق پارتىيىسىنىڭ پاكىستان بىخەتەرلىك تارماقلىرى ۋە ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىنى «تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىش»ىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان.

رىياز ئاخباراتلارغا پاكىستاننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسى ھۇسەيىن ھەققانىينىڭ يانفۇن ئۇچۇرىنى ئاشكارىغاندىن كېيىن، 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مايك مۇللېن ئامېرىكا باش شىتاب بىرلەشمە يىغىن باياناتچىسى ئارقىلىق «ئەسلەتمە» ئىشىنىڭ ھەقىقەتەن بارلىقىنى بىلدۈردى.

شۇ كۈنى، زەردارى بىلەن پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى پەرۋاز كايانى سۆھبەت ئۆتكۈزدى. پاكىستاننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك دېپلوماتىيە ئەمەلدارى مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، زەردارى پەرۋاز كايانىغا «ئىسلاھات بىخەتەرلىك ۋە ئارمىيە سىستېمىسىغا چېتىلمايدىغانلىقى ھەمدە ھۆسەيىن ھەققانىينى تەلتۆكۈس تەكشۈرەشكە ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت بىلەن ئارمىيە دەسلەپكى يارىشىش ھاسىل قىلغان». كېيىن، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچى ھۆسەيىن ھەققانىي ئىستىپا بېرىپ، دۆلىتىگە قايتىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان.

ئەمما بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق پاكىستان دېپلوماتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «2011-يىلى 1-ئاينىڭ بېىشىدا، پەرۋاز كايانى ۋەكىللىكىدىكى ئارمىيە يۇقىرى قاتلىمى پارلامېنت باشلىقى ئارقىلىق پىرىزدېنتقا بىتەرەپ ئىسلاھاتقا بولغان ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن». زايىد دوكتورنىڭ قارىشىچە، ئۈچ يىللىق دېموكراتىك ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئارمىيەنىڭ يەنە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئاساسى ئاجىزلىغان. ئۇ: «ئەمەلىيەتتە، غەربىي شىمالدىكى قەبىلە قوراللىق كۈچلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پاكىستاندا سىياسىي ئۆزگۈرۈش قوزغىغۇدەك ھەر قانداق كۈچ ۋە ئىرادە يوق» دېدى.

ئەمما، «ئەسلەتمە» ۋەقەسى كەلتۈرۈپ ھۆكۈمەت بىلەن ئارمىيەنىڭ ئىختىلاپى تۈگەي دېگەندە، باشقا بىر كىرزىس ئارقىدىنلا يېتىپ كەلدى. پەقەت بىر ھەپتىدىن كېيىن، 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ش ئا ئە ت قىسىملىرى پاكىستاننىڭ موخمەند ئالاھىدە رايونىدىكى بىر چېگرا قاراۋۇلخانىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى، 24 نەپەر پاكىستان ئەسكىرى ئۆلدى، 13 ئادەم يارىدار بولدى.

گەرچە بىر ئايدىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى سۆز قىلىپ، ئۆلگۈچىلەرگە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى مەنسۇر خان زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا:«ئامېرىكا ۋە ش ئا ئە ت نىڭ دەسلەپكى بىر ھەپتىدىكى ‘ھاكاۋۇرلىقى’ پاكىستان خەلقىنىڭ قەلبىگە ئازار بەردى» دېدى.

زەردارى ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىغا قاتتىق دېپلوماتىيە ئاگاھلاندۇرىشى بېرىشى پەقەت ئىسلامئاباد كوچىلىرىدىكى «قۇتقۇزۇش ماشىنىسى نامايىشى» قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە تۈرتكە بولالىدى. 2011-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرقى ئۈچ ھەپتىسىدە، پىرىزدېنت زەردارى يۈرەك كېلىسىنى داۋالاشنى سەۋەب قىلىپ چەتئەلگە چىقىپ ئارام ئالدى. زايىد دوكتۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاننىڭ دېموكراتىيە مۇساپىسىنى چەكلەشتە، بىتەرەپ ئىسلاھات قوزغاش ئىرادىسىگە كەلگەن ئارمىيەنى يەنە «مۈلكىي ھۆكۈمەت» كە قايتۇرۇپ كېلىشتەك قارشى مەيدان يوق ئىكەن.

دەل ھۆكۈمەت بىلەن ئارمىيەنىڭ كونا جاراھىتى قوزغالغاندا، پاكىستان سىياسىي سەھنىسىدە باشقىچە كۈچ قەد كۆتۈرۈشكە باشلىدى. جاسون بۇرك تەسۋىرلەپ:«كۈتۈلمىگەن يەردىن چىققىنى، سودىيە ۋە ئاخباراتلار سىياسىي بۆھراننىڭ ئالدىنقى سېپىغا ئېتىلدى، مەيلى مۈلكى ھۆكۈمەت، مەيلى ھەربىي ھاكىمىيەت بولسۇن، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان جامائەت پىكىرىنىڭ نازارىتى ۋە قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىدى، ھەممىسى ئەمدى ئىشنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرالمايدۇ» دېدى.

دۆلەت ئىچىدىكى كىرزىسقا قارىتا، پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى مەنسۇر خان:«گەرچە بەزىلەر بىر مەيدان سىياسىي بۆھران يۈز بېرىشنى ئۈمىد قىلسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەت شۇكى، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىدى. بۇ نۇقتا مەيلى ھۆكۈمەت مەيلى ئارمىيە ياكى خەلققە بولسۇن ھەممىسىگە ئېنىق» دېدى. زايىد دوكتۇر چۈشەندۈرۈپ، نۆۋەتتە پاكىستان ئارمىيىسى ئىلگىركىدەك خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنى ئاساسلىقى يېقىنقى 3 يىلدا، پاكىستان ئارمىيىسى تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن ناچار ئىپادىسىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ.

ئالدى بىلەن پاكىستان قەبىلىلەر رايونىغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغىدى، كېيىن چېگرا ئەسكەرلىرى ش ئا ئە ت نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ئاخىرىدا مېھران دېڭىز ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە ئەسكەرلىرى بازىسىنى ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى قىسقا مۇددەت كونترول قىلىۋالدى. بۇلار پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ئاممىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىنى قاتتىق چۈشۈرۈپ تاشلىدى. ئىچكى ئىشلار قىسىملىرىنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىشى، ئارمىيە يۇقىرى قاتلىمىنىڭ ئۆزگىرىش، «ئەسلەتمە» ۋەقەسى قاتارلىق بىر قاتار ئارمىيەگە قارىتىلغان ئېھتىيات قىلىش تەدبىرلىرى ئارمىيەنى بىتەرەپ ئىسلاھات تەسەۋۇرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا مەجبۇر قىلدى

مەنبە : ئوكيان تورى


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=1052

تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارمۇ قالتىس يازمىلار ...

ۋاقتى : 2012-03-28
خەتكۈچلەر :
سەھىپە : دۇنيا
يوللانغان باھا : 0پارچە