ياش گېنرالنىڭ « قېرى» ئويۇنى
ئاپتورى: يۇرىكو كوئىكې
چەتلەشتۈرۈش سىياسىتى شىمالىي كورىيەنىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتتى. كىم جوڭئىلنىڭ ۋارىسى، ئۈچىنچى شاھزادىسى، كىشىلەر «ياش گېنرال» دەپ ئاتايدىغان كىم جوڭئۇننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا، تەھدىت سېلىش ۋە يالغان-ياۋىداق يەنىلا بۇ تەنھا پادىشاھلىق دۆلىتىنىڭ دېپلوماتىيە ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى.
شىمالىي كورىيەنىڭ 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىشنى پىلانلىغانلىقىنى جاكارلىشىدەك يېڭى تەھدىت كونا تەھدىتنىڭ داۋامى. ئەمەلىيەتتە، بۇ نەچچە ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن ئەمدىلا ھاسىل قىلغان كېلىشىمنىڭ تېزلىكتە بىكار بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىش پىلانى كىم جوڭئىل دەۋرىدىلا پىلانلىنىشقا باشلانغان، ئېنىقكى، بۇ پىلان ھەربىي تەجرىبىسى كەمچىل بولغان يېڭى رەھبەرگە «ھەيۋە» ئاتا قىلىش ئۈچۈندۇر. يەرلىك دائىرىلەر بىرلا ۋاقىتتا شىمالىي كورىيەنىڭ خەلقئارالىق ئورنى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى جەڭگىۋارلىق روھىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولغان، شىمالىي كورىيە خەلقى چوقۇم بۇ پىلاننى قوللىشى كېرەك ھەمدە بۇنى شىمالىي كورىيەنىڭ تېخنىكا ۋە ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ نامايەندىسى دەپ قارىشى كېرەك.
بۇنىڭدىن سىرت، شىمالىي كورىيە رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىدىغىنى «تىنچلىق» سۈنئىي ھەمراسى دېدى. ئەمما ھېچكىم بۇ گېپىگە ئىشەنمىدى، بولۇپمۇ شىمالىي كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارايدىغان شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونى تېخىمۇ ئىشەنمىدى. ئېنىقكى، قويۇپ بەرگەن راكېتاسى ئەمەلىيەتتە يىراق مۇساپىلىق تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئېتىش مۇساپىسى ئېھتىمال ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مۇھىم بازىسى گۇئام ئارىلىغا يېتىپ بېرىشى مۇمكىن.
خەلقئارا جەمئىيەت شىمالىي كورىيەنىڭ «تىنچلىق نىشانى» جاكارىغا قەتئىي ئىشەنمىدى، ب د ت، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىلا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قالماي، ھەتتا جۇڭگو ۋە روسىيەمۇ بۇ مەيداندا بولدى، جۇڭگو بىلەن روسىيە ئادەتتە شىمالىي كورىيەنىڭ تۈزۈلمىسىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىدىغان دۆلەتلەر ئىدى.
گەرچە خەلقئارا جەمئىيەت بىردەك شىمالىي كورىيەنىڭ ئۆزىنى بېسىۋېلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما شىمالىي كورىيەنىڭ قويۇپ بېرىش پىلانىنى بىكار قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شىمالىي كورىيە ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىمالىي كورىيە ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ساقلاشنىڭ بىردىنبىر ئامالى باشقىلارغا ھەربىي تەھدىت سېلىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشنى توختىتىش ھەرگىزمۇ تاللاش يولى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش.
باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ۋاقتى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللانغان، شىمالىي كورىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى ئىزچىل شۇنداق، بولۇپمۇ شىمالىي كورىيە خەلقئارانىڭ ئاشلىقى ۋە مەبلىغى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئاچارچىلىقنىڭ قايتا كۆرۈلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا موھتاج بولغاندا شۇنداق بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، 2012-يىلى شىمالىي كورىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئالاھىدە بىر يىل. 2-ئاينىڭ 16-كۈنى كىم جوڭئىل تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنى. 4-ئاينىڭ 15-كۈنى كىم ئېرسىن دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقى، 4-ئاينىڭ 25-كۈنى خەلق ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنى 80 يىللىقى. ئوزۇقلۇقى ناچار شىمالىي كورىيە ئاممىسى پايتەخت پيوڭياڭغا بېرىپ غايەت زور خىراجەت كەتكەن ھەشەمەتلىك پاراتقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنمىدى. باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ئېھتىمال ئۇلارنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بولىشى مۇمكىن.
شىمالىي كورىيە دائىرلىرى ئاشلىقنى دۆلەت ئىچىدىكى ھوقۇق ۋە تاشقى سىياسەتنىڭ ئوبوروت پۇلى قىلدى. 2-ئايدا، كىم جوئىلنىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكىنىڭ خاتىرە كۈنىدە، مەلۇم رايوندىكى ئاممىنىڭ ھەر بىرى بىر كىلوگىرام بېلىق (باشقا جايلاردىكى ئاممىغا بېرىلمىگەن) ئېرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، شىمالىي كورىيە دائىرلىرى ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيە بىلەن بولغان سۆھبەتتە 240 مىڭ توننا ئوزۇقلۇق ئەشياسىغا ئېرىشتى، ئەمما بىرلا ۋاقىتتا، شىمالىي كورىيەمۇ ئىلگىرىكى ئاشلىق ياردەم پىلانىدىن 30 مىڭ توننىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى ھەمدە ئامېرىكا بىلەن تۈزگەن ئەڭ يېڭى كېلىشىمىنىڭ بىر قىسىمى قىلدى.
ئەمەلىيەتتە، شىمالىي كورىيە ھەر قانداق دېپلوماتىيە پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۈپ قويمايدۇ. كىم جوڭئۇننى ئېلىپ ئېيتساقمۇ، يېقىندا ياپونىيە ئەمەلدارى بىلەن ئۇلانباتوردا كۆرۈشكەندە، ئەسلىدە مەقسىتى سوتسىيالىزىم جەننىتىگە گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئېلىپ، شىمالىي كورىيەلىك ئېرى بىلەن شىمالىي كورىيەگە كەلگەن ياپونىيەلىك ئايالنى قايتۇرۇپ كېتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقچى ئىدى، ئەمما بۇنى ياپونىيەدىن ياردەم ئاشلىقى ئېلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان سۇپا قىلدى.
بۇ سۆھبەت ئەسلىدە شىمالىي كورىيەنىڭ ياپونىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشقا مەسئول ئەلچىسى سوڭ ئىل خو بىلەن شىمالىي كورىيەدە قاماقتا تۇرۇۋاتقان ياپونىيەلىك زاتنى قايتۇرۇپ كېلىشكە مەسئول سابىق ھۆكۈمەت ۋەزىرى خىروشى ناكاي ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما خىروشى ناكاي توكيودىن ئايرىلىشقا ئامالسىز بولغاچقا، بىر ئۇنۋېرسىتىتنىڭ پراففىسسورى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن سۆھبەت ۋەكىلى بولدى. ئەمەل دەرىجىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان شىمالىي كورىيەنىڭ ئىستىلىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر قارشى تەرەپ سۆھبەت ۋەكىلىنى ئالماشتۇرسا، شىمالىي كورىيەمۇ دەرىجىسى سوڭ ئىل خو غا يەتمەيدىغان كىشىنى ئەۋەتىدۇ. ئەمما مۇنداق ئىش يۈز بەرمىدى، بۇنىڭدىن شىمالىي كورىيەنىڭ ئاشلىققا بولغان تەقەززاسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئارقىدىنلا، شىمالىي كورىيە ياپونىيەدىن ئاشلىق ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئالماشتۇرۇش شەرتى قىلدى، شىمالىي كورىيە ياپونىيەگە كېرەكلىك ئۇرۇغ-تۇغقىنىنى قويۇپ بېرىپلا قالماستىن، ھەتتا شىمالىي كورىيەدە قاماقتا تۇرۇۋاتقان 7 نەپەر ياپونىيەلىكنى قويۇپ بېرەتتى. ياپونىيەنىڭ ياردىمى تۇتقۇننى قايتۇرۇۋېلىش پۇلى بىلەن پەرقى يوق، چوقۇم 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن ئەمەلىيلىشىپ، كىم ئېرسىننى خاتىرلەش پائالىيىتىگە ئۈلگۈرىشى كېرەك، ئېنىقكى، بۇ دەك شىمالىي كورىيەنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ھەمدە ئىنتايىن جىددىيدۇر.
كۆز ئالدىمىزدىكى يېڭىدىن ھاسىل قىلىنغان ئامېرىكا شىمالىي كورىيە كېلىشىمىنى يىرتىپ تاشلاشنىڭ بەدىلىنى ئويلاشقاندا، شىمالىي كورىيەنىڭ يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشنى قارار قىلىشى شىمالىي كورىيەنىڭ تاقەتسىز پىسخىكىسىنى تېخىمۇ كۆرسىتىپ بەردى. ئەمەلىيەتتە، شىمالىي كورىيەنىڭ بۇ قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىشى ئىرانغا ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەمەلىي كۈچىنى نامايەن قىلىش، ئىران ئېھتىمال شىمالىي كورىيەنىڭ بىردىنبىر ئوبوروت پۇلى بولغان قانۇنسىز باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو تېخنىكىسىنىڭ خېرىدارى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، كىم جوڭئۇنغا كەلگەندە پەداز قىلىپ سەھنىگە ئېلىپ چىققان شىمالىي كورىيە قىزىق ئويۇنى ھېلىھەم داۋاملاشماقتا، سۈنئىي كىرزىستىن پايدىلىنىپ قاقتى-سوقتى قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىپلاس خاتىرلەش مۇراسىمى ۋە دەھشەتلىك باستۇرۇشقا مەبلەغ توپلىماقچى. شىمالىي كورىيەنىڭ ھەر بىر سۆز ۋە ھەر بىر ھەرىكىتىگە ھەقىقىي يېتەكچىلىك قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو دەس تۇرۇپ بۇ قىزىق ئويۇننى ھەمدە لۈكچەك رېژىسسورنى تىنجىتىشى كېرەك.
مەنبە: ئاپتورى يۇرىكو كوئىكې ياپونىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى، ھازىر ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىدە كومىتىت رەئىسلىكىنى ئۆتەيدۇ
مەنبە : ئوكيان تورى ( نەپرەت تەرجىمىسى )
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=1487