www.../

بىنا ئۇسلوبى بىرلەشتۈرۈلگەن لايىھە ( ئۆي لايىھىسى )

 

1. لايىھە ئالاھىدىلىكى :

1) كۆلىمى جەھەتتىن ئىخچام ۋە مۇۋاپىق بولۇش بىلەن بىرگە بوشلۇقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يوقىرى كۆتۈرۈلگەن .بوشلۇق ئىسراپچىلىقىغا يول قويۇلمىغان، ئاز بوشلۇقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشچانلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

2) لايھىلىنىش جەھەتتىن ئۆي ئىچى يورۇق، يازدا سالقىن ۋە شاماللىق، قىشتا ئىللىق بولۇش قاتارلىق تەرەپلەر ئاساس قىلىنغان.

3) قۇرۇلما جەھەتتىن ماتىرىيال تىجىلىش ، ياسىلىپ پۈتۈش تەننەرخى تۆۋەن بولۇشتەك تەرەپلەر موھىم ئورۇنغا قويۇلغان.

4) ئىھتىياج جەھەتتىن كەڭ، ئازادە بولۇش، ھەر خىل ئىھتىياج ئىھتىمالىغا قارىتا ئۆزگىرىشچان پايدىلىنىش قىممىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ لايھىلەنگەن.

2. ئۆي تۈزۈلۈشى :

مىھمانخانا بىلەن تاماقخانا بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا 30 كۋادرات مېتىرلىق بىر چوڭ زال شەككىلەندۈرۈلۈپ، توي، نەزىر- چىراق قاتارلىق مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈش ئىھتىياجى كۆزدە تۇتۇلغان.

چوڭ – كىچىك ئۈچ ھوجرا ئىھتىياجدىن تولۇق چىقىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە. ئاشخانا ۋە تازلىق ئۆيى يىقىن بولۇش، سىرت بىلەن بىۋاستە تۇتىشىش قاتارلىق تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە.

3. كونكىرىت سانلىق مەلۇماتلار:

ئۆي لايىھەسىنىڭ كونكىرىت سانلىق مىقدارلىرى، تەۋرەشكە چىداملىق بولۇش ئىسخىمىسى ، ۋە باشقا تەپسىلاتلار ( ئۆي ئۇلىنىڭ كۆتۈرۈلۈش ئىگىزلىكى ، تەكشىلىكتىكى ئاساسى قۇرۇلما سانلىق مەلۇماتلىرى ، يىتەرلىك ئومومى تەپسىلىرى ماتىرىياللار تىزىملىكى، كىتەرلىك ئومۇمى خىراجەت ، ياسىلىش جەريانىدىكى سەل قارىلىدىغان موھىم نوقتىلار، ئۆي ياساش توختام دىگەندەكلەر… ) بۇ يەردە بايان قىلىنمىدى. ئىھتىياجلىقلار بولسا تەپسىلى ماتىرىيالى تەمىنلىنىدۇ.

4. ئۆي ئىچى كۆرۈنۈشى :

ئۆي ئىچىنىڭ ئىچكى لايھىلىنىش كۆرۈنۈشلىرى سۆرەتلەر ئاساسىدا ئاددى ھالەتتە تەمىنلەندى. ئىنچىكە بىزەش لايىھىسى قالدۇرۇلدى. ئىھتىياجى بارلارغا ئىنچىكە بىزەش لايىھىسىمۇ قوشۇپ تەمىنلىنىدۇ .

مىھمانخانا

تاماقخانا ( تاماق يىيىش ئۆيى )

 

چوڭ ھوجرا

كىچىك ھوجرا ( بالىلارنىڭ )

ئاشخانا

تازلىق ئۆيى

( قالدۇرۇلدى )

5. ئۆي لايىھىسىنىڭ يىتەرسىزلىكلىرى :

1) تازلىق ئۆيى ياتاق ئۆيلەرگە بىر ئاز يىراق .

……………………………. بەلكىم سىزمۇ باشقا يىتەرسىزلىكلىرىنى ھىس قىلالىغان بولۇشىڭىز مومكىن….

 


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=98

تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارمۇ قالتىس يازمىلار ...

ۋاقتى : 2012-02-12
خەتكۈچلەر :
سەھىپە : ئائىلە
يوللانغان باھا : 4پارچە

  1. :razz: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
    قالتىس لاھىيە ئىكەن، سىزدە ئەسلى چىرتىيۇژ خەرىتىسى بولسا تەمىنلىسىڭىز قانداق؟
    ئازراق ئۆزگەتىپ باقاي دىگەنتىم

  2. تەلىۋىمنى يەردە قويمىغىنىڭىزغا رەھمەت. :!:
    چ چ : 86731490
    باشقىچە چۇشۇنۇپ قالماڭ، مەن يىقىندا ئۆي سىلىشنى پىلانلاۋاتقان ئىدىم لىكىن ماڭا ئۇچ ئىغىز ياتاقلىق بىر لاھىيە لازىم ئىدى، تاپالمىدىم ، ئۆزۇم خەرىتە سىزالايمەن، شۇنىڭ ئۇچۇن ئۆزگەرتىپ باقاي دىگەن . :?: