www.../

شىمالىي كورىيە زادى نېمىنى سىناق قىلدى ؟


شىمالىي كورېيە بارلىق قارشىلىقلارغا قارىماستىن، يىراق مۇساپىلىق راكېتا قويۇپ بەردى.شىمالىي كورېيە پۈتۈن دۇنيانىڭ نارازىلىقىنى كۆزگە ئىلماستىن، يىراق مۇساپىلىق راكېتا قويۇپ بەردى. ئەمما، بۇ سىناق نەتىجىسىز  ئاخىرلاشتى.شىمالىي كورېيە ئوربىتاغا سۈنئىي ھەمراھ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن   1998 ۋە 2009 – يىلى ئېلىپ بارغان راكېتا سىناقلىرىمۇ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان ئۈچىنچى قېتىملىق سىناق ھېسابلىنىدۇ.سۈنئىي ھەمراھ ئېلىپ ماڭغان راكېتانىڭ قويۇپ بېرىلىپ قىسقا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي ساھىلىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.راكېتا قويۇپ بېرىشنى سابىق رەھبەر كىم ئېرسىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ  100 يىللىقىغا توغرا كەلتۈرگەن پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى، راكېتا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئوربىتاغا مېتېرولوگىيە سۈنئىي ھەمراھى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى؛ مەقسىتىنىڭ تىنچلىقىنى ياقىلايدىغان ئالەم تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا  سىنىقىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى. ئاق ساراي، شىمالىي كورېيە بۇ ھەرىكىتى بىلەن رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلىقىنى، خەلقئارا كېلىشىملەرنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيە، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى ۋە «ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ باھا بەردى.
ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن، غەرب دۆلەتلىرى، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە ھىندىستان ئەسلىدە يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلغان پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.شىمالىيە كورېيەگە يېمەك – ئىچمەك ياردىمىنى توختىتىپ قويغان ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا موسكۋا، بېيجىڭ ۋە يېڭى دېھلى قارشى چىقتى.شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، راكېتا قويۇپ بېرىشنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى، راكېتانىڭ 120 كىلومېتىر ئىگىزلىكتە پارچىلىنىپ كەتكەنلىكى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇنىڭ سەۋەبىنى تەتقىق قىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ ھەيران قالارلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى، شىمالىي كورېيەنىڭ راكېتا سىنىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھالدا، «پىيوڭياڭ بىلىم  ۋە تېخنىكىدىكى ئۈستۈنلۈكى بىلەن ماختىنىدۇ. ئەگەر سىناقتىن ۋاز  گەچسە، بۇ ئۆزىنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ» دەپ ئانالىز قىلدى.جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىمۇ، پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرسىتىش ۋە ئىچكى قىسىمدا خەلققە سىگنال بېرىش ئۈچۈن، پات يېقىندا يادرو سىنىقى قىلىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگىي لاۋروۋ، موسكۋادا جۇڭگو ۋە ھىندىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىغا ئوچۇقتىن ئوچۇق خىلاپلىق قىلغانلىق» بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا، رۇسىيە، جۇڭگو، ھىندىستان، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيەنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئەمما، ئۇ شىمالىي كورېيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش پىكرىنى قوللىمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.شىمالىي كورېيەدە بولسا، راكېتا قويۇپ بېرىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك ياش رەھبەر كىم جوڭنۇننىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەش پىلانلىرىغا تەسىر قىلمىدى.شىمالى كورىيىنىڭ بۇ قىتىمقى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بىرىش سىنىقىغا قارىتا ئىلگىرى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە غەرپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا  سىنىقى دەپ قاراپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. سىناق مەغلۇب بولغاندىن كېيىن بۇ نوقتا ھىلىغىچە ئايدىڭلاشقىنى يوق.

ئۇنداقتا، شىمالىي كورىيە زادى نېمىنى سىناق قىلدى ؟

A : سۈنئىي ھەمرا                           B : يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا                        C : ئىنىق ئەمەس


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=1282

تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارمۇ قالتىس يازمىلار ...

ۋاقتى : 2012-04-15
خەتكۈچلەر :
سەھىپە : دۇنيا
يوللانغان باھا : 0پارچە