www.../

قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى سىتىۋىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيىتلىرى

ياسىماقچى بولغان تۇرالغۇ ئۆيىمىزنىڭ لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئۇنىڭغا كىتىدىغان بارلىق قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى ۋە ئۇنىڭ مىقدارىنى ھىسابلاپ چىققاندىن كىيىن، يانچۇقىمىزدىكى ئىقتىساد بىلەن بۇ ئۆيگە سەرىپ قىلىندىغان پۇل ئوتتۇرىسىدا خىلى زور پەرىق چىقىشى تۇرغانلا گەپ. كۆپىنچە چاغلاردا بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن يا لايىھە خەرىتىسىنى قايتىدىن تۈزۈشكە ياكى بولمىسا ئازدۇر – كۆپتۇر ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئاساسىدا ئەسلىدىكى لايىھەنى كىچىكلىتىشكە مەجبۇر بولىمىز. يانچۇققا چۇشلۇق بىر ئىش قىلايلى دىسەك سالماقچى بولغان ئۆي ئىنىقلا ئىھتىياجىمىزدىن چىقالمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. شۇ خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بەزى كىشىلىرىمىز ئۆي سىلىنىپ بولغاندىن كىيىن گەدەنگىچە قەرىز بولىدىغان، ياكى ئۆينى ئارزۇسىدىكى لايىھە بويىچە سالالماي ئۆي پۈتكەندىن كىيىن كۆڭۈلسىز بولىدىغان ئىشلار تۇرمۇشىمىزدا كۆپ يۈز بىرىدۇ. ئۆي ياسىلىش جەريانىدىكى قۇرۇلۇشقا كىتىدىغان ماتىرىياللارنى ۋاقتىدا تامچى ئۇستامغا يەتكۈزۈپ بىرەلمەي جىلىچىلىكتە تۇرغاندا، خولۇم – خوشنا، تونۇش بىلىشلەرنىڭ تىخى پۈتۈپ بولمىغان ئۆي توغرىسىدىكى ھەر خىل گەپ – سۆز ، مەسلىھەتلىرى سىزنى تىخىمۇ چاچىتىپ قويۇشى تۇرغانلا گەپ…
ئۆزىمىزگە مەلۇم، ئىلگىرىكى يىللارغا نىسبەتەن سىلىشتۇرغاندا، دۆلەتنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق بولۇش ئۆلچىمى ئاساسىدا يېزا – كەنىتلەردىكى دىھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئۆي سىلىشغا ياردەم بىرىش سىياسىتى يولغا قويولۇشى بىلەن قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى ، ئىش ھەققى دىگەنلەر ئەسلىدىكىدىن 3 ~ 4 ھەسسە ئۆرلەپ كەتتى. بولۇپمۇ يېزا – كەنىتلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي نوقتىسى قۇرۇلۇشى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆي سىلىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىشى بىلەن بازاردا قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرىنىڭ ھەددى زىيادە ئۆرلەپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، يەنە بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئۇستىلارنىڭ قىس بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قۇرۇلۇش ھەققىنىڭ تەڭ ئۆرلىشىدەك پايدىسىز تەسىرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دۆلەت ياردىمى بولغان 2 ~ 3 تۈمەن پۇلنىڭمۇ ئۆي ياسىغۇچىغا نىسبەتەن چوڭ يۆلەك بولىشى ئاجىزلىشىدۇ.
بۇ يازمىمىزدا مۇشۇ مەسىلىلەر، جۈملىدىن ئىقتىساد مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى چارىسى سۈپتىدە قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرىنى تەييارلاش ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتىمىز.
تۇرالغۇ ئۆي ئىھتىياجى بولغان كىشى چوقۇم ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئۆي سىلىشتىن بىر يىل بۇرۇن ئۇنىڭغا كىتىدىغان بارلىق ماتىرىياللارنى، بولمىغاندىمۇ ئەڭ موھىم بولغان ماتىرىياللارنى ئالدىن تەييارلىۋىلىشى كىرەك. ئۇنداقتا سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان بولغان قۇرۇلۇش ماتىرىيالىنى قانداق تەييارلايمىز ؟
1. خىش :
خىش ئۆي سىلىشتا مىقدارى كۆپ، سەرىپ قىلىندىغان ئىقتىسادمۇ خىلى زور سالماقنى ئىگەلەيدىغان قۇرۇلۇش ماتىرىيالى بولۇپ، ئادەتتە 100 كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ئۆيلەرگە 40 مىڭدىن 50 مىڭغىچە خىش ئىشلىتىلىدۇ. ياز كىلىشى بىلەنلا ئۆي قۇرۇلۇشىغا تۇتۇش قىلىپ سىتىۋىلىشقا توغرا كەلسە ھەر بىر دانە خىش باھاسى ئەسلىدىكى تۆۋەن باھادىن بىر ھەسسە پەرىقلىنىدۇ. بۇلتۇرقى يىلدىكى خۇمدانلارنىڭ خىش باھاسىنى ئىلىپ ئىيتساق 0.5 يۈەن ئەتراپىدا ياكى ئۇنىڭدىن يوقىرى بولدى دىيىشكە بولىدۇ. ياسىلىۋاتقان قۇرۇلۇشنىڭ كۆپلىكى سەۋەبىدىن خۇمدانلاردا خىش يىتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندىن باشقا، سىتىۋالىدىغان ئادەم كۆپ بولۇش سەۋەبىدىنمۇ نەچچە كۈن ئوچىرەت ساقلاشقا توغرا كىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا دەل ۋاقتىدا خىش سىتىۋىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.
بۇرۇن تەييارلىق قىلغاندا بۇ ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە تۆۋەن باھادا خىش سىتىۋىلىش ئىمكانىيىتىنى ھازىرلىغىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا خىش باھاسى ئۆرە بولغان بىلەن كۆز پەسلىدە خىشنىڭ باھاسىدا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەپ، بۇ مەزگىلدە قۇرۇلۇش ئاساسى جەھەتتىن تاماملانغان بولىدۇ. بولۇپمۇ 9 – ئاي بىلەن 10 – ئاينىڭ ئوتتۇرلىقىدىكى كۈزلۈك يىغىم ئىشلىرى باشلانغان ۋاقىت خىش سىتىۋىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيىتى ھىسابلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا خۇمدانلاردا خىش سىتىۋالغۇچىلار يوق، خىش كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىپ بىسىلىپ قالغان بولغاچقا، ئەسلىدىكى يوقىرى باھانىڭ %50 دە چۈشكەن بولىدۇ. ئىھتىياج 40 مىڭ خىش دەپ ھېسابلىساق ئەسلىدىكى ئۆرە باھا 0.5 يۈەندە 2 تۈمەن سەرىپ قىلىنسا، بۇ ۋاقىتتا 0.25 يۈەندىن پەقەت 1 تۈمەن بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلىپ 1 تۈمەن خەلق پۇلى چۆنتىكىمىزدە قالغان بولىدۇ. ئەگەر، سىتىۋىلىنىدىغان خىش ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولسا تىخىمۇ تۆۋەنرەك باھادا سىتىۋىلىش ئىمكانىيىتىمۇ بولۇشىمۇ مومكىن. ئەمما بۇ ۋاقىت ھەقىقەتەنمۇ قىسقا بولۇپ، كۈزلۈك يىغىم ئىشلىرى ئاخىرلاشقان ھامان خىش بىردىنلا ئۆرلەپ ئەسلى باھاسىغا قايتىدۇ ياكى شۇنىڭغا يىقىنلىشىدۇ. نىمىشقا دەمسىز ؟ چۈنكى ئاشلىقىنى ساتقان كىشى سىزگە ئوخشاش كىلەر يىلى ياسىماقچى بولغان ئۆيىگە خىش سىتىۋالىدۇ-دە.

2. سىمۇنت :
سىمۇنت قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى ئىچىدىكى مىقدارى بىر قەدەر كۆپرەك، سەرىپ قىلىندىغان ئىقتىسادمۇ بىر ئاز سالماقنى ئىگەلەيدىغان قۇرۇلۇش ماتىرىيالى بولۇپ، ئىھتىياج يوقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن مەزگىللەردە باھاسىمۇ تەڭ ئۆسۈپ يانچۇقىمىزغا خىرس ئىلىپ كىلىدۇ. يەنە كىلىپ خىش جاي سىلىنىدىغان ئورونغا تىزىپ قويۇلسا ھىچقانداق تەسىرگە ئۇچىرىمىغان بىلەن سىمۇنت دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە. ئۇنى بىر يىل بۇرۇن سىتىۋىلىپ ساقلاش ھەم قولايسىز، ھەم سۈپىتىگىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. بولتۇرقى سىمۇنت باھاسىغا قارىساق 4 – ئايدىن تاكى 9 ~ 10 – ئايلارغا قەدەر ھەر توننا سىمۇنت 5 ~ 6 يۈز يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ كەلدى دىيىشكە بولىدۇ. ھەتتا ئەڭ يوقىرى چاغلاردا بىر خالتا سىمۇنت 35 يۈەندىنمۇ سىتىلغان. ( بىر خالتىسى 50 كىلوگىرام ). بۇ تىخى ئادەتتىكى دەرىجىدىكى سىمۇنت. ئۇنداقتا سىمۇنتنى قايسى ۋاقىتتا سىتىۋىلىش كىرەك ؟
سىمۇنت چاغاندىن بۇرۇن ( چاغان كىلىشتىن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن ) سىتىۋىلىنسا باھاسى ئەڭ مۇۋاپىق. بولتۇرقى ھالەتنى كۆزدە تۇتقاندا سىمۇنت ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ھەر توننىسىنى 380يۈەندىن 400 يۈەنگىچە سىتىۋىلىش ئىمكانىيىتى بار ئىدى. بۇ پەرىقنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ 10 توننا سىمۇنت ئىھتىياجى بويىچە ھىسابلىغاندا، ئاز بولغاندىمۇ 1000 ~ 2000 يۈەنگە قەدەر پۇلنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ. بۇ چاغدا سىمۇنت سىتىش دۇكانلىرى سىمۇنت يۆتكەپ كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما سىز شۇ چاغدىكى تۆۋەن باھادا ئىھتىياجىڭىزدىكى مىقدار بويىچە ئالدىن پۇل تۆلەپ دوگۋارلاشسىڭىز بولىدۇ. ساتقۇچى سىزگە سىتىپ بىرىلىدىغان سىمۇنتنى ئىمكان بار بالدۇرراق ئىلىپ كىتىشىڭىز ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلەپ بىرىشى مومكىن. بۇ ۋاقىت 3-ئاي بىلەن 4-ئاينىڭ ئىچىدە بولسا مۇۋاپىق، ئەگەر ئىمكانىيىتىڭىز بولسا مۇشۇ مەزگىلدە ئىش باشلىۋالسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولغان بولىدۇ. نىمىشقا دەمسىز ؟ چۈنكى بۇ چاغدا تامچى ئۇستاممۇ قولى بىكار ، ئىش يوق. ئەلۋەتتە ئەرزەن باھادا توختاملىشالايسىز …

3. پولات چىۋىق، ئىشىك – دىرىزە، ياغاچ ماتىرىياللىرى :
پولات چىۋىق، ئىشىك – دىرىزە، ياغاچ قاتارلىقلارمۇ ئۆي قۇرۇلۇشىدىكى موھىم ماتىرىياللار بولۇپ، بۇ ماتىرىياللارنىڭ باھاسىدىمۇ يوقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئەھۋاللاردىكىدەك ئۆرلەش، چۈشۈش پەرىقى مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ. ياز پەسىلىدىكى قايناق بازار مەزگىلىدە باھا ئۆرە ھالەتتە بولسا، قىش پەسىلى كىلىپ تاكى چاغانغىچە باھا بىر قەدەر تۆۋەن ھالەتتە چىللە بازا ھالىتىنى ساقلايدۇ. چاغاندىن كىيىن تاكى كۈز مەزگىلىگىچە يەنە ئۆرلەش باسقۇچىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا يەنىلا چاغاندىن بۇرۇنقى ۋاقىتنى تاللاپ سىتىۋىلىش ئەڭ ياخشى پەيىت ھىسابلىنىدۇ. بولتۇقى قايناق بازاردا 10 مىللىلىق 9 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پولات چىۋىقنىڭ ھەر دانىسى 30 يۈەن ئەتراپىدا بولسا، چاغاندىن بۇرۇنقى ۋاقىتتا 20 ~ 22 يۈەن ئەتراپىدا سىتىۋىلىش ئىمكانىيىتى بار. ئىشىك – دىرىزە، ياغاچ قاتارلىق ماتىرىياللارمۇ ئاساسەن شۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدۇ. 100 كىۋادرات مېتىرلىق كۆلەمدىكى ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلىپ ھىسابلىغاندا، بۇ ئۈچ خىل ماتىرىيالدىن تەخمىنەن 1000 ~ 1500 يۈەن ئەتراپىدا پول تىجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئەگەر ياسالماقچى بولغان ئۆي ئۈستى قاڭالتىر بىلەن يىپىلسا تىخمۇ كۆپرەك تىجىلىشى مومكىن. يەنە نىمىشقا دەيسىزغۇ ؟ قاڭالتىر ئۈچۈن ۋۇجىيا ياساشقا ياغاچ كۆپ كىتىدۇ ئەمەسمۇ .

4. قۇم، شىغىل، تاش :
قۇم، شىغىل، تاش قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى باھا پەرىقى جەھەتتە ئانچە چوڭ پەرىق بولمىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە قۇمنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى كۆپ، توشۇش ھەققى يوقىرى بولۇش سەۋەبىدىن ئىقتىساد بىر قەدەر كۆپرەك سەرىپ بولىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرىنىمۇ ئەڭ ياخشىسى 10 -، 11- ئايلار مەزگىلىدە سىتىۋالسا مۇۋاپىقراق بولىدۇ. مومكىن بولسا چوڭ تىپتىكى 20 كۇب مېتىرلىق سىغىمدىكى ماشىنىلارنى كىراسىنى كىلىشىپ بىۋاستە قۇم – شىغىل مەيدانىغا بىرىپ تۆۋەن باھادا سىتىۋىلىنسا تىخىمۇ كۆپرەك پۇل تىجەش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى چاغلاردا بىر كۇب مېتىر قۇمنىڭ باھاسى 45 – 55 يۈەنگىچە بولسا بۇ مەزگىلدە ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 30 – 35 يۈەن ئەتراپىدا سىتىۋىلىش مومكىنچىلىقى بولىدۇ. تاش ۋە شىغىلنىڭ ئىشلىتىش مىقدارى ئاز بولغاچقا قۇرۇلۇش باشلاشتىن بۇرۇن سىتىۋالسىمۇ بولىدۇ. 100 كىۋادرات مېتىرلىق كۆلەمدىكى ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلىپ ھىسابلىغاندا، بۇ ئۈچ خىل ماتىرىيالدىن تەخمىنەن 1000 ~ 500 يۈەن ئەتراپىدا پول تىجەپ قالغىلى بولىدۇ.

5. بورا – قومۇش، توك ، سۇ ئەسلىھە ماتىرىياللىرى :
ئۇندىن باشقا ئۆي ئۈستىگە سىلىنىدىغان بورا – قومۇش، تام سۇۋاق ئىچىگە ئىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان توك سىم، بىخەتەرلىك قاپقىسى( 安全盒子)، زىلەيشۈي ( ئۆزلىكىدىن كىلىدىغان سۇ ) تۇربىسى، يۇندا ئەۋرەز تۇربىسى قاتارلىق ماتىرىياللىرىنىمۇ مومكىن بولسا ئالدىن تەييارلاپ قويسا ياخشى. چۈنكى ئۆي ياساش جەريانىدا ئىسىڭىزدىن چىقىپ كىتىپ دەل ۋاقتىدا تىپىپ بىرەلمەسلىكىڭىز سەۋەبىدىن توختامدىكى ئۆي پۈتۈش ۋاقتىغا تەسىر كۈرسەتكۈچى تەرەپ بولۇپ قىلىشقا سەۋەبچى بولۇپ قالىسىز. نىمىلا بولمىسۇن ئۇششاق – چۈششەك لازىملىق نەرسىلەرمۇ بەزىدە ۋاقتىڭىزنى ئىلىپ، ئۆيىڭىزنىڭ پۇختا، سۈپەتلىك ياسىلىشىغا نازارەت قىلىشىڭىزغا كاشىلا قىلىدۇ .

يوقۇرقى مەزمۇنلار ئاساسى جەھەتتىن تېما ئاپتۇرى تۇرۋاتقان رايۇندىكى ئەھۋاللارنى ئاساس قىلىپ يىزىلدى. ھەر جايلارنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولماسلىقىمۇ مومكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا يەنىلا ئۆز رايۇنىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ پايدىلىنىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ئىقتىسادچان، تىجەشلىك بولۇش تۇرمۇشىمىزدىكى بىر ياخشى ئادىتىمىزگە ئايلانسا، كۆپ ئىشلىرىمىز تىخىمۇ ئاسان بولغۇسى…


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=276

تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارمۇ قالتىس يازمىلار ...

ۋاقتى : 2012-02-16
خەتكۈچلەر :
سەھىپە : ئائىلە
يوللانغان باھا : 1پارچە