www.../

ئائىلىدە پىروژنا قورىمىسى تەييارلاش…( سۆرەتلىك )

1.  پىرۇژنا قۇرۇمىسىغا كىتەرلىك ماتىرىياللار  :

پىروژنا ، سەۋزە ، يېسىۋلەك ، پىياز ، سوڭپىياز ، قىزىلمۇچ قىيامى ، تۇز ( رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك )

2. تەييارلاش ئۇسولى :

1. پىروژنىنى ئۇزۇنچاق ياكى ياپىلاق توغرايمىز ، سەۋزە ، يېسىۋلەك ، پىيازلارنى قەلەمچە توغرىۋالىمىز .
2. قازاننى ئېسىپ ، ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا ، پىيازنى سېلىپ مەززىلىك پۇراق چىققاندا ، توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ قورۇيمىز .
3. 200 مىللىلىتىر  شورپا ياكى سۇ قۇيۇپ قاينىغاندا ، يېسىۋلەكنى سېلىپ قاينىتىمىز .
4.قىزىلمۇچ قىيامىنى سېلىپ ، ئارىلاشتۇرۇپ قاينىغاندا ، پىروژنىنى سېلىپ ، ئوتتۇرھال – بوش ئوتتا سۈيى قويۇلغۇچە قاينىتىمىز .
5. تۇز تەمىنى تېتىپ ، تاتلىققا ئامراقلار ئازراق شېكەر سېلىۋېتىپ ، توغرالغان سوڭپىيازنى سېلىپ ، بىر مېنۇت قورۇيمىز .

تەييارلاش جەريانى تۆۋەندىكى رەسىمدىمۇ كۆرسىتىلگەن.

دىمەك، يوقۇرقى ئۇسۇللار بويىچە ئاچچىق – چۈچۈك ، مەززىلىك ، ئىشتەينى ئاچىدىغان پىروژنا قورىمىسى تاييار بولدى . قىنى مەرھەمەت !


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=242

تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارمۇ قالتىس يازمىلار ...

ۋاقتى : 2012-02-10
خەتكۈچلەر :
سەھىپە : تائام
يوللانغان باھا : 0پارچە