www.../

ئائىلىدە سامساقلىق پىدىگەن تەييارلاش…( سۆرەتلىك )

سامساقلىق پىدىگەن

خام ماتىريالى  : ئۇزۇنچاق پىدىگەن 2 دانە، سامساق يېرىم باش.   قۇشۇمچە: قىزىلمۇچ
تەم خۇرۇچلىرى : تۇز، تىتىتقۇ، كۈنجۈت يېغى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش  ئۇسۇلى:
1-پىدىگەننى پاكىز يۇيۇپ،قاسقانغا سىلىپ15مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ پۇشۇرىۋالىمىز، ئاندىن تالاسى بويىچە قول بىلەن ئۇزۇن قەلەمچە قىلىۋالىمىز.ياكى توغرايمىز .
2-سامساقنى چاناپ،بىر چىنىگە ئېلىپ،ئۈستىگە قىزىغان ياغنى قۇيۇپ ياغ سامساق قىلىۋالىمىز.
3-تەييارلانغان پىدىگەننىڭ ئۈستىگە ياغ سامساق، تۇز،تىتىتقۇ سىلىپ ئىلەشتۈرۈپ ئازراق كۈنجۈت يېغى قۇيۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

سامساقلىق پىدىگەننىڭ تەسىرى :

تەرەتنى راۋان قىلىدۇ. تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بىرقەدەر مول بولغانلىقتىن ، قان تولۇقلاشقا پايدىسى بار.

مەنبە : ئاشپەز تورى


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=234

تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارمۇ قالتىس يازمىلار ...

ۋاقتى : 2012-02-15
خەتكۈچلەر :
سەھىپە : تائام
يوللانغان باھا : 0پارچە